ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تۇرمۇشىمىزدىكى ‹‹يامان بولىدۇ›› ۋە ‹‹ساۋاب بولىدۇ›› لارنىڭ رولى

تۇرمۇشىمىزدىكى ‹‹يامان بولىدۇ›› ۋە ‹‹ساۋاب بولىدۇ›› لارنىڭ رولى

2011-10-27 3:22     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى: ئەخلاق كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندىگۈچى، يامانلىقتىن توسقۇچى قورال. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا پەيدىنپەي شەكىللەنگەن، كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇناس....

     شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى: ئەخلاق كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندىگۈچى، يامانلىقتىن توسقۇچى قورال. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا پەيدىنپەي شەكىللەنگەن، كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدىغان ھەرىكەت مىزانى. مىللەتلەرنىڭ تارىخى، ياشاش مۇھىتى، ماددىي شارائىتى، ئۆرپ – ئادىتى، ئەنئەنىسى، تۇرمۇش قارىشى ئوخشىمىغاچقا، ئۆلارنىڭ ئەخلاق قارىشى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىدىمۇ پەرق شەكىللەنگەن. جۈملىدىن خەلقىمىزدىمۇ ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ روھىغا سىڭىپ كەتكەن، تەنبىھ – تەربىيە تۈسىنى ئالغان قاراشلار بار.

     كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم چوڭلارنىڭ ‹‹ئۇنداق قىلساڭ يامان بولىدۇ››، ‹‹بۇنى قىلساڭ ساۋاب بولىدۇ›› دېگەندەك تەنبىھ – تەربىيەلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇلار ئاڭلىماققا دىنىي تۈس ئالغاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە زامانلاردىن بۇيان كىشىلەرنى ناتوغرا ئىشلاردىن توسۇپ، ياخشىلىققا، ئەدەپ – ئەخلاقلىق، ۋىجدانلىق، راستچىل، ئاق كۆڭۈل بولۇشقا ئۈندەشتە ئىجابىي رول ئويناپ كەلدى. گەرچە ‹‹بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ›› بىلەن ‹‹بۇنداق قىلساڭ يامان بولىدۇ›› نىڭ مەنىسى ئوخشاش بولسىمۇ، تەسىر كۈچى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ‹‹قازان بېشىدا تىرناق ئالما، قازاندىكى تاماققا چۈشۈپ كېتىدۇ›› دېگەندىن ‹‹قازان بېشىدا تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ››، ‹‹تاماق يېگەندە قاتتىق كۈلمە، تاماق گېلىڭدا تۇرۇپ قېلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ›› دېگەندىن ‹‹تاماق يېگەندە قاتتىق كۈلسە يامان بولىدۇ›› دېيىلسە، ‹‹ئەخلەت، يۇندىنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۆكسە مۇھىتنى بۇلغاپ، كېسەللىك تارقىتىدۇ›› دېگەندىن ‹‹ئەخلەت، يۇندىنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۆكسە يامان بولىدۇ›› دېيىلسە كىشىلەرگە بەكرەك تەسىر قىلىپ، ھەر قانچە بىپەرۋا كىشىمۇ، سەل ئەندىكىدۇ دە، ئۆزىنى شۇ ئىشتىن تارتىدۇ.

     مىللىتىمىز ئەزەلدىن ئەدەپ – قائىدىلىك، مېھماندوست، ۋاپادار، ئەمگەكچان مىللەت بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە مەزمۇنىدا تەبىئىي يوسۇندا رەسمىيلەشكەن ئەدەپ – يوسۇنلىرىمىز بار ۋە بۇ مەزمۇندا تۈزۈلگەن ئىدىئوم، ماقال – تەمسىل، ھېكمەتلىك سۆز – ئىبارىلەر ئۇزاق يىل ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. ‹‹يامان بولىدۇ›› ۋە ‹‹ساۋاب بولىدۇ››لاردىكى ئىبارىلەرمۇ ھەم شۇنداق. ئۇلار ئەخلاق تەربىيەسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:

     1. چوڭلارنى، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. چوڭلارنى ئىلىم ۋە ھۈنەر بىلەن قوراللاندۇرغان ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگىچە قىممەتلىك ئەخلاق مىزانى بولۇپ، ئۆرپ – ئادىتىمىزدە قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئېسىل دۇردانىلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسە، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بەتقىلىقلىق قىلسا يامان بولىدۇ؛ ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىمىسە يامان بولىدۇ؛ ياشانغانلارنى خورلىسا، ئۆزىدىن چوڭلارغا گەپ ياندۇرسا يامان بولىدۇ؛ كىچىكلەرنى ناتوغرا ئىشلاردىن توسسا ساۋاب بولىدۇ؛ قېرى، كېسەل، مېيىپ، ئاجىزەلەرگە ياردەم قىلسا ساۋاب بولىدۇ، دېگەندەك.

     2. ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت پەزىلەت يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمگەكنى سۆيۈش مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق قارىشىدىكى ئېسىل ئەنئەنىسى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئىسراپخورلۇققا، ھورۇنلۇققا قارشى تۇرۇپ كەلگەن. مەسىلەن، ئېشىپ قالغان تاماقنى تۆكسە، تاماقنى ئاشۇرۇپ قويسا يامان بولىدۇ؛ كۈندۈزى چىراغ يورۇتسا يامان بولىدۇ، دېيىشلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنى ئىسراپخورلۇق قىلماسلىق، يېمەك – ئىچمەكنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت ياخشىلىققا دەۋەت قىلىشتا مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە.

     3. تازىلىققا رىئايە قىلىپ، سالامەتلىكنى ئاسراشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ‹‹بىزدە تەن ساقلىق زور بايلىق›› دەيدىغان ماقال بار. مىللىتىمىز ئەزەلدىن ساغلام بولۇش ئۈچۈن سالامەتلىككە پايدىلىق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە، مۇۋاپىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، شۇنداقلا تازىلىققا رىئايە قىلىپ، ھويلا – ئارام تازىلىقى، مۇھىت تازىلىقى، يېمەك – ئىچمەك تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. سالامەتلىككە زىيانلىق ھەر قانداق ئىش – ھەرىكەتكە قارشى تۇرغان. مەسىلەن، قولىنى يۇماي تاماق يېسە يامان بولىدۇ؛ كەيىب – ساپاغا بېرىلسە يامان بولىدۇ؛ كۆلگە، ئېرىق – ئۆستەڭگە يۇندى، ئەخلەت تۆكسە، تەرەت قىلسا يامان بولىدۇ، دېيىشلەر كىشىلەرنى پاكىزلىقنى سۆيۈپ، ئەمگەكنى قەدىرلەشكە، توغرا، ئىلمىي تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.

     4. دەل – دەرەخ، گۈل – گىياھ ۋە ھايۋانلارنى ئاسراپ، تەبىئەتنى سۆيىدىغان ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مىللىتىمىز تارىختىن بۇيان ھايۋانلارنى ئاسراپ، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش، قاتناش، سودا – سېتىق ئىشلىرىدا ئۇلاردىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك پايدىلىنىپ كەلگەن. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، ئىنسانلار ھاياتلىقتا ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ مىللىتىمىز ئارىسىدا ھايۋانلارنى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاش، ئۇلارنى قوغداش ۋە ئاسراش چۈشەنچىسى شەكىللەنگەن. مەسىلەن، ھايۋانلارنىڭ بېشىغا ئۇرسا، ھايۋانلارغا سۇ چاچسا يامان بولىدۇ؛ ئوت – چۆپلەرنى دەسسىسە يامان بولىدۇ؛ قاقاسلىقلارنى كۆكەرتسە ساۋاب بولىدۇ؛ ھايۋانات بالىلىرىنى ئاسرىسا ساۋاب بولىدۇ، دېيىشلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇچار – قۇش، جان – جانىۋارلارنى ۋە تەبىئىي مۇھىتنى قوغداشقا دەۋەت قىلىنغان.

     5. كىشىلەرگە ئەدەپ – قائىدە، ئادىمىيلىك تەربىيەسى بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەدەپ – قائىدە خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخى جەريانىدا شەكىللەنگەن ھەم ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. مىللىتىمىز ئارىسىدا زامان – زامانلاردىن بۇيان شەكىللەنگەن ۋە ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان بۇنداق ئەدەپ – قائىدىلىرىمىز كىشىلەرنى تەربىيەلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، باشقىلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلسا، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى سورىماي ئېلىۋالسا يامان بولىدۇ؛ كىشىلەر ئارا ئاداۋەت ساقلىسا، يۈزىنى يۇماي كۈنگە قارىسا، كىيىمنى تەتۈر كىيسە يامان بولىدۇ؛ نامرات، يېتىم – يېسىرلەرگە ياردەم قىلسا ساۋاب بولىدۇ؛ باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياردەم قىلسا ساۋاب بولىدۇ؛ يولدىن ئېزىپ قالغان ياكى بارار جايىنى تاپالمىغانلارغا يول كۆرسىتىپ قويسا ساۋاب بولىدۇ، دېيىشلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنى ئۆز ئارا سەمىمىي، ساداقەتمەن بولۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، باشقىلارغا خالىس ياردەم بېرىشتەك ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.

     6. خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھاياتنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىخەتەرلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان ئەقەللىي ساۋاتلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا بىر – بىرىنى خەتەردىن توسۇپ، كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ھاياتنى سۆيىدىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ مەجبۇرىيىتى. مەسىلەن، پىچاق، قىڭراق، قايچا قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ ئۇچىنى ئادەمگە قاراتسا يامان بولىدۇ؛ كېچىسى ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئوچۇق قويۇپ ئۇخلىسا يامان بولىدۇ؛ باشقىلارنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرسا ياكى خەتەردىن توسسا ساۋاب بولىدۇ، دېيىشلەر كىشىلەرنى خېيىم – خەتەرلەردىن يىراق تۇرۇپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.

     «يامان بولىدۇ›› ۋە ‹‹ساۋاب بولىدۇ›› ئىبارىلىرى تۇرمۇشىمىزدا كىشىلەرنىڭ ھەر بىر گەپ – سۆز، يۈرۈش – تۇرۇش، مۇئامىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەرىكەتلىرىگە سىڭىپ كەتكەن ئەخلاق ئۇقۇمى بولۇپ، كىشىلەرگە گۈزەللىك، ئالىيجانابلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ ھەم كىشىلەرنى ناتوغرا قىلمىش، بولمىغۇر ئىش – ھەرىكەت، ناچار خاھىشلاردىن چەكلەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter