ئالىم بىز بلوگى

دۇڭ سۈنرۈينىڭ ئەڭ ئاخىرىقى پەيتتىكى ھەقىقىي سۆزى

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا ئىشلەنگەن «دوڭ سۈنرۈي» فىلىمىدىكى قەھرىمان دوڭ سۈنرۈي پارتلاتقۇچ دورىنى تۇتۇپ يۇقىرى ئاۋازدا: «يېڭى جوڭگۇ ئۈچۈن ئالغا!» دەپ توۋلىغان مەنزىرە نەچچە ئەۋلات جوڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنى ئىلھاملاندۇرغان ئىدى. ئەمما تارىختا دوڭ سۈنرۈي ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە راستىنلا كىشى قەلبىنى لەرزگە سالىدىغان ئەشۇ سۆزلەرنى قىلغانمۇ؟

بۇ ھەقتە ئىلگىرى دوڭ سۈنرۈي ئىنقىلاۋىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈگەن لۈ شياۋشەن دوڭ سۈنرۈينىڭ بىر نەچچە سەبدىشىنى زىيارەت قىلغان. دوڭ سۈنرۈينىڭ قۇربان بولغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن جى شۈنيى ئەينى ۋاقىتتىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئىنتايىن تەمكىن ھالدا سول قولىدا پارتىلاتقۇچ بوقچىسىنى، ئوڭ قولىدا پارتلاتقۇچنىڭ پىلىكىنى تۇتۇپ تۇراتتى. مەن بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىلغىنىمدا ئۇ ماڭا: <يېتىۋال! يېتىۋال! تېز يېتىۋال!> دەپ توۋلىدى. ئارقىدىنلا يەر جاھاننى زىل – زىلگە سالغۇدەك پارتىلاش ئاۋازى ياڭرىدى».

ئۇنداقتا كىنودىكى «يېڭى جوڭگۇ ئۈچۈن ئالغا!» دېگەن شۇئار قانداق پەيدا بولغان؟

«دوڭ سۈنرۈي» فىلىمىنىڭ سىنارىستلىرىنىڭ بىرى بولغان جاۋ خۇەن ئىلگىرى لۈ شياۋشەنگە مۇنداق دېگەن: «1947- يىلى 6- ئايدا بىر يىللىق ئىستىراتىگىيەلىك مۇداپىيەنى باشتىن كەچۈرگەن جوڭگۇ خەلىق ئازادلىق ئارمىيەسى ئىستىراتىگىيەلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى ھەمدە ئارقا – ئارقىدىن غەلىبە قىلدى. 1947- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتكە <جوڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلدى. خىتابنامىدە <جياڭ جيېشىنى يوقۇتۇپ، پۈتۈن جوڭگۇنى ئازاد قىلايلى!> دېگەن شۇئار ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلدى».

«يېڭى جوڭگۇ ئۈچۈن ئالغا!» دېگەن سۆز، دەل <جياڭ جيېشىنى يوقۇتۇپ، پۈتۈن جوڭگۇنى ئازاد قىلايلى!> دېگەن ئۇرۇش شۇئارىغا ئاساسەن، «يولداشلار ئالغا!» نىڭ ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان.

قەھرىمان قۇربان بۇلۇشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق دەبدەبىلىك سۆز قالدۇرمىغان. ئەمما جاۋ خۇەننىڭ قارىشىچە، دوڭ سۈنرۈي ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى ئۆز ھەركىتى ئارقىلىق شۇ چاغنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى – «يېڭى جوڭگۇ ئۈچۈن ئالغا!» نى ياڭراتقان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: دۇڭ سۈنرۈينىڭ ئەڭ ئاخىرىقى پەيتتىكى ھەقىقىي سۆزى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-29
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: شەخىسلەر ھاياتى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: