ئالىم بىز بلوگى

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيادا (2010- يىللىق)

          ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى پېتېرئۇس يېقىندا (2010- يىلى) قازاقىستاندا: ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازا قۇرمايدۇ، شۇنداقلا قازاقىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانىمۇ يوق، دېدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالىنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ رۇسىيە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىشىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ ھەربىي مۇتەخەسسىس، دۆلەت مۇداپىئە ئونىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ باۋفۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

            مۇخبىر: ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستان مەسلىسى بويىچە خاس ئەلچىسى 2 – ئايدا (2010- يىلى) قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى يەنە قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى. ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئارقا – ئارقىدىن زىيارەتتە بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا نېمىشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا بۇنداق ئەھمىيەت بېرىدۇ؟

               ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستانغا ئەشيا توشۇيدىغان مۇھىم يولى، شۇنداقلا ئىران ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي

             ۋاڭ باۋفۇ: پېتېرئۇسنىڭ يېقىندا قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولغاندا بۇ سۆزلەرنى قىلىشىدا مۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش بار: ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان (2010- يىلى) ئافغانىستاندا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، دەسلەپكى بىر قانچە ئايدا مولگار رايونىدا جەڭ قىلىپ، تالىباننىڭ بىر بازىسىنى ۋەيران قىلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەمدى قەندىھارغا ھۇجۇم قىلماقچى، قەندىھار ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ بازىسى بولغاچقا، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ھەربىي ھەرىكەت كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسى پاكىستان ئارقىلىق ئەشيا يەتكۈزۈشتىن باشقا (بۇ لىنىيە بىخەتەر ئەمەس)، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى بۇ دۆلەتلەر ئارقىلىقمۇ ئافغانىستان ئالدىنقى سېپىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان قىسىملىرىغا تەمىنات يەتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش – بولماسلىقى بۇ بىرقانچە دۆلەت بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھەم بۇ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا باغلىق. بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىراننىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللانسا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئامېرىكىنى قوللىسا ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشسا، بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراننى تۆت تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، ھازىرقى ئارقا كۆرۈنۈش ۋە يىراق كەلگۈسى ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، ئامېرىكا گېنېرالىنىڭ بۇ رايوندا زىيارەتتە بولۇشى ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدە يىراق كەلگۈسى ئىستراتېگىيەنى ئويلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

             مۇخبىر: ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا نىسبەتەن شۇنچە مۇھىم بولسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى يەنە نېمىشقا ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي بازا قۇرمايمىز››، دەيدۇ؟

            ھەربىي بازا قۇرۇش – قۇرماسلىق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

             ۋاڭ باۋفۇ: بىرىنچىدىن، ئامېرىكا رۇسىيەنى خاتىرجەم قىلماقچى، چۈنكى ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتتە رۇسىيەنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. ئەشيا توشۇيدىغان نۇرغۇن ئايروپىلان، بولۇپمۇ ش ئا ئە ت غا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى رۇسىيە ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتىدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا رۇسىيەنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن.

             ئىككىنچىدىن، تاجىكىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىلارنى ئىشلىتىشى ۋە ھەق تۆلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە تالاش – تارتىش بار. بۇ دۆلەتلەردە ھەم ئامېرىكىغا قارشى كۈچلەرمۇ، ھەم رۇسىيەگە مايىل كۈچلەرمۇ بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ كۈچلەر خېلىلا كۈچلۈك. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، بۇ دۆلەتلەردىكى قارشى كۈچلەرنىڭ تېخىمۇ قارشىلىشىشىدىن ساقلىنىش ھەم ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا بۇ رايوندا ھەربىي بازا قۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ.

              لېكىن گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئامېرىكا كەلگۈسىدە قانداق قىلىدۇ؟ بۇ رايوندا مەڭگۈ ھەربىي بازا قۇرمامدۇ؟ بۇنىڭغا ئېنىق بىر نەرسە دېيىش تەس. ئەمما ئامېرىكا ھەربىي بازا قۇرسۇن – قۇرمىسۇن، شۇنىسى ئېنىقكى، ئامېرىكا بۇ رايوندا ھەربىي تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ ياخشىلىۋالدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ‹‹ئىلاھنى چىللاش ئاسان، ئۇزاتماق تەس›› دېگەندەك، ئامېرىكا ئارمىيەسى ھازىر بۇ رايونغا كىرىۋالدى، ھەربىي بازا قۇرۇش – قۇرماسلىق ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ھەربىي تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.

         مۇخبىر: پېتېرئۇس ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ئامېرىكا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن ھەربىي ساھەدە ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاۋاتىدۇ، دېدى. ئۇ قازاقىستاندىكى قىسقا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يەنە ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى. رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

           رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ

          ۋاڭ باۋفۇ: مېنىڭچە، رۇسىيە بۇ رايونغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. چۈنكى، بۇ رايون رۇسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى كۈچ دائىرىسى. رۇسىيە ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىك مۇھىتىنى بەك كەسكىن، دەپ قارايدۇ. غەربتە ش ئا ئە ت شەرققە كېڭىيىپ، رۇسىيەنىڭ بېقىنىغا كېلىپ قالدى؛ جەنۇبتا، جەنۇبىي كاۋكاز رايونى بەكلا قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، يېقىندا (2009يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2010- يىلىنىڭ بېشىدا) چېچىنىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىر قاتار تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغاچقا، رۇسىيەگە بەك بېسىم بولۇۋاتىدۇ، ئەمدى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەسىلە چىقسا، بۇ رۇسىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، رۇسىيە بۇنىڭغا ھەممىدىن بەك دىققەت قىلىدۇ. رۇسىيەنىڭ سىياسىي، ھەربىي تەسىرى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئامېرىكىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىدىغان بولغاچقا، رۇسىيە بۇنىڭدىن بەك ھوشيار بولۇپ، بۇنىڭغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھالبۇكى ھازىر ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بەزى قىيىنچىلىقلىرى ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىدىن، شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، تەسىر كۈچىنى ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە كېڭەيتىپ، رۇسىيەنى بۇ رايوندىن سىقىپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا قاتتىق ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىدىغانلىقى ئېنىق.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيادا (2010- يىللىق)

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-03-09
خەتكۈچلەر : ,
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: