ئالىم بىز بلوگى

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى : جۇڭگونى ئۆزىمىزنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويمايلى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹دىپلوماتىيە سىياسىتى›› ژۇرنىلى تور پۇنكىتىنىڭ 21–مارت ماقالىسى

              ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك سىياسىتىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىشىدا، يېتەرلىك بانا–سەۋەبكە ئىگە. تېز سۈرئەتتە ئېشىش جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي داھىلىرىنى تېخىمۇ ئىشەنچ ھەم كەسكىنلىككە ئىگە قىلىشى مۇمكىن. جۇڭگو ئارمىيەسى تەيۋەننىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىدىن ھالقىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇداپىئەلىنىش ئىستراتېگىيەسىنى كېڭەيتىپ، ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ تەمىنلىنىشىنى يىمىرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ رايون ئىتتىپاقى تورى بىلەن قارمۇ قارشى يولدا مېڭىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچ بىلەن سىممېتىرىكسىز ئەمەلىي كۈچنى قوغلىشىشى، ئۇنى ئۈن–تىنسىز ھالدا تور ۋە تاشقى ئالەم قاتارلىق يېڭى ساھەلەرنىڭ رەھبىرىگە ئايلاندۇردى. جۇڭگونىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە زور جۇغلانمىسى، ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ زور يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان رەقىبىنىڭ يوشۇرۇن تەھدىتىگە سەل قاراش كەلگۈسىدە چېكىگە يەتكەن دۆتلۈك ھېسابلىنىدۇ.

             ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە داۋاملىق گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرۇدىغانلىقىغا ئىشىنىش ياخشى ئىش، ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بۇ خىل ئىشىنىش بىزنى ئەگرى رېئاللىققا يېتەكلەپ قويماسلىقى كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكى 30 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى سەل چاغلىغان ئامېرىكىلىقلار ھېلىھەم زور ھەمدە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان خاتالىقنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو قېرىلىققا قەدەم قويۇۋاتقان جەمئىيەت بولۇپ، بايلىقى يېتەرسىز، مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر، يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى كەمچىل. ئەمما جۇڭگو مۇقەررەر ھالدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. گەرچە بايلىقنىڭ ئېشىشى بىلەن تەسىر كۈچلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈچىيىپ بارىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمىسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ھەقىقەتەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ، كۆرۈپ باقماقچى بولدى.

             بىز شۇنى ساقلاپ تۇرماقتىمىزكى، سانسىزلىغان خىرىسلار جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىنى تورمۇزلىشى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئەمەلىي كۈچگە بولغان جۇشقۇن ئۈمىدىنى قانائەتلەندۈرۈشى مۇمكىن. ھالبۇكى بىزمۇ شۇنى بېكىتىشىمىز كېرەككى، ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ مۇقىمسىزلىق ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي يەر شارى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدا تەسىرگە ئاز ئۇچرىدى ، ئەمما ئامېرىكا يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر بولغان چېكىنىش ئىچىدىن سىرتقا قاراپ ئۆمۈلەپ چىقىۋاتىدۇ.

             ئامېرىكا دۇنيادا قىسقا ۋاقىتلىق چوڭ دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۆزگەردى . بۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىشى ئىنتايىن زور بولدى. ئۆتكەن يىلى 12–ئايدىكى ‹‹ئىزدىنىش›› ژۇرنىلىغا ئامېرىكىنىڭ يەتتە خىل تاكتىكىسىغا قارشى تۇرۇش ئېلان قىلىندى، بۇ، ئۆلچەش ئامالسىز بولغان، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئېلېمېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىساد، ئۇچۇر، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلار قورال–سايمانلىرى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچلەر تەييارلىقىنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. شۇڭا، ئۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىزچىل ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ئوبيېكتىپ ھالدا كۆرۈشىمىز كېرەك.

             قىلچە گۇمانلىنىشقا بولمايدىكى، جۇڭگو ئامېرىكىغا يوشۇرۇش خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ . پۈتۈن يەرشارى دائىرىسىدە جۇڭگو ئامېرىكىغا خىرىس قىلىشتىن ئىلگىرى، جۇڭگو ئالدى بىلەن ئاسىيادا ئامېرىكىغا خىرىس قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ سىياسىي نىشانىمىز شۇكى ، جۇڭگونىڭ يوشۇرۇن خەۋپ بولماستىن، بەلكى جۇڭگونىڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن تىرىشىپ ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىش.

             گەرچە بىزنىڭ تېخنىكا سىستېمىمىز جۇڭگونىڭكىدىن ئىلغار بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا تور ئۇرۇشى، ئىقتىسادىي ھۇجۇم، ھەمدە ئامېرىكىدىن يىراق بولغان جۇڭگونىڭ ئەتراپىدا قوزغالغان ھەرىكەتچان سىياسىي–ھەربىي مانېۋىر قاتارلىق سىممېتىرىكسىز تاجاۋۇزلارغا ئۇچراپ تۇرۇشىمىز مۇمكىن. مۇشۇنداق تېز سۈرئەت بىلەن باش كۆتۈرۈش، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزىگە ئىشىنىش، غەيرىي ئەنئەنىۋى ئۇرۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولغان يوشۇرۇن خەۋپ ئاستىدا، ھەرقانداق كالتە پەملىك ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق ئىزدىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

         ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

               بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا يوللاندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز:

             بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

     زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ

ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 13899973182 ، 8521981–0991

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى : جۇڭگونى ئۆزىمىزنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويمايلى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-09
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: