ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ناتسىستلارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك تارقىتىش پىلانى

ناتسىستلارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك تارقىتىش پىلانى

2012-03-13 1:33     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ ساياھەتچى سىياقىدا كىيىنىۋالغان بىر توپ جاسۇسى ئەينى چاغدا ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا شىتاتىغا قەدەم قويدى. شۇ يۇسۇندا چامادان كۆتۈرۈۋالغان بىر تۈركۈم سېرىق چاچلىق ئايال جاسۇ....

     ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ ساياھەتچى سىياقىدا كىيىنىۋالغان بىر توپ جاسۇسى ئەينى چاغدا ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا شىتاتىغا قەدەم قويدى. شۇ يۇسۇندا چامادان كۆتۈرۈۋالغان بىر تۈركۈم سېرىق چاچلىق ئايال جاسۇس ياۋروپانىڭ جاي – جايلىرىغا ئەۋەتىلدى.ئۇلار ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى نىشانلىغان ئىدى. ھەتتا يەنە بىر بۆلەك جاسۇس ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا تىرورلۇق، بۆلگىنچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋەزىيىتىنى بۇراش، ئەگەر ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىق كۆرۈلسە، ھېتلىر ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

     ناتسىستلارنىڭ ئەينى چاغدىكى بۇ پىلانى كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرەتتى. ئايال جاسۇسلارنىڭ گىرىم ئەينىكىگە باكتىرىيەلىك قۇرال ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىل؛ىك قۇماندانلىرىنى قەستلەشنى پىلانلىغان ئىدى. ئۇلاردا يەنە زەھەرلىك دورا بۇلۇپ، بۇ دورا ئون مىنۇتتىلا جاننى ئالاتتى. ئۇلار ئەمەلدارلارغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن ئېلىۋالغان «ئالاھىيدە چاقماق» نىڭ كۈچىنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايتتى. ئۇ ئىشلەتكەن ھامان پارتىلاپ، ھېچكىمنى ئامان قويمايتتى.

     ئەنگىلىيە ھەربىي ئاخبارات 5- باشقارمىسى قولغا چۈشۈرگەن ناتسىست ئالاھىيدە خادىملىرىنى سوراق قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇلار گېرمانىيەدە مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىلغان شاكلات ۋە قەھۋەلەر ئارقىلىق ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئوفېتسىر – ئەسكەرلىرىنى زەھەرلىمەكچى بولغان. 5- باشقارما ئىرىشكەن ئاخباراتقا ئاساسەن ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى ئوفېتسىر – ئەسكەرلەردىن گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن ھەرقانداق بۇيۇمنى ئىشلەتمەسلىكنى ۋە ئىستىمال قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ھەمدە خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

     ئەنگىلىيە ھەربىي ئاخبارات 5- باشقارمىسى ئىگىلىگەن ئاخباراتلار ئىچىدە كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرۇدىغىنى  «زەھەرلىك چىكىملىك تارقىتىش پىلانى» بولغان. گېرمانىيە Abwehr ھەربىي ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك پىلانىدا: 1943- يىلى ئىيۇندىن باشلاپ شىمالىي ئافرىقا ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ناھايىتى كۆوپ زەھەرلىك چىكىملىك تارقاتقان. بۇ مەزكور رايۇندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن دىيىلگەن.

     ئىتالىيەدە قولغا ئېلىنغان بىر ناتسىستنىڭ دىيىشىچە، ناتسىستلار «ئۇرۇشتىن كېيىن قالايمىقانچىلىق چىقىرىش پىلانى» نى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ناھايىتى كۆپ جاسۇسنى ئورۇنلاشتۇرغان. جاسۇسلار پىلان بۇيىچە ئاۋامنى ئىتتىپاقداش ئارمىيەگە قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتكەن. ئۇلارغا يىتەرلىك مەبلەغ بىرىلگەن ئىكەن. بىراق گېرمانىيە ناتسىستلىرىنىڭ يۇقىرىقى رەزىل پىلانلىرىنىڭ بىرىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان.

 

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter