ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۆلگىسى – لېي فېڭ

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۆلگىسى – لېي فېڭ

2012-03-14 1:10     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      بۇ يىل 3- ئاينىڭ 5- كۈنى ماۋزېدوڭ «يولداش لېي فېڭدىن ئۈگۈنىڭلار» دېگەن بېغىشلىمىنى يېزىپ بەرگىنىگە 49 يىل بولغان خاتىرە كۈن. شۇنىڭدىن بۇيان لېي فېڭنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ئېلىمىزنىڭ جاي – جايلى....

     بۇ يىل 3- ئاينىڭ 5- كۈنى ماۋزېدوڭ «يولداش لېي فېڭدىن ئۈگۈنىڭلار» دېگەن بېغىشلىمىنى يېزىپ بەرگىنىگە 49 يىل بولغان خاتىرە كۈن. شۇنىڭدىن بۇيان لېي فېڭنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ئېلىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدا ئىزچىل نەدھىيەلىنىپ، لېي فېڭ روھى مىليۇنلىغان جوڭگۇلۇقنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاق مىزانىغا ئايلىنىپ، كىشىلەرگە ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئىلھام بىرىپ كەلدى.

 

 

     لېي فېڭ 1940- يىلى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ۋاڭ چېڭ ناھىيىسىدە نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. يەتتە يېشىدا ئاتا – ئانىسىدىن يىتىم قېلىپ، يۇرتداشلىرىنىڭ يارىدىمىدە ئۈسۈپ چوڭ بولغان. 1960- يىلى 1- ئايدا ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، شۇ يىلى 11- ئايدا جوڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. قىسىمنىڭ تەربىيىسىدە ئۇنىڭ سىياسىي ئېڭى ئۆسۈپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيىسى ۋە كومۇنىزىم ئۈچۈن ئاداققىچە كۆرەش قىلىش ئۇلۇغۋار ئىرادىسى مۇستەھكەملەنگەن. ئۇ «بۇرما مىخ» روھىنى يىتىلدۈرۈپ، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۈيۈپ ۋە توختىماي ئىزدىنىپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئۇلۇغۋار تۆھپىلەرنى ياراتقان. 1962- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى تىرانسپورت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان. لېي فېڭ قىسىمدا خىزمەت قىلغان ئىككى يىل سەككىز ئاي ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىم 2- دەرىجىلىك، ئىككى قېتىم 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

     جوڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى 1963- يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۈنى لېي فېڭ تۇرغان بەنگە «لېي فېڭ بەنى» دەپ نامبەرگەن. جوڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى باش سىياسىي بۆلىمى، جوڭگۇ كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باشز ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە جوڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى لېي فېڭدىن ئۆگۈنىشنى كۆپ قېتىم چاقىرىق قىلغان. ماۋزېدوڭ، جۇ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى،، جۇ دې، چېن يۈن، دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى لېي فېڭ ئۈچۈن بېغىشلىما يازغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter