ئالىم بىز بلوگى

جۇڭگودىكى بايلارنىڭ بايلىقى قەيەردىن كەلگەن؟

     ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ ئاخبارات تورى 5–فېۋرال جۇڭگولۇق بايلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان ئەنگلىيەلىك خۇ رۈننى زىيارەت قىلدى. ئۇ، جۇڭگودىكى بايلارنىڭ باي بولۇش ئۇسۇلى ھەمدە غەربتىكى بايلارغا ئوخشىمايدىغان روشەن ئىككى نۇقتا توغرىسىدا توختالدى .

 

 

 

رىياسەتچى ئېلزابىت. جېكسون: ھازىر، ياۋرۇپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا ئىقتىسادىي ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. بىراق، جۇڭگودا روشەنكى، ئەھۋال بۇنىڭغا تامامەن ئوخشىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلىرى ئۇلارنىڭ سانى ۋە شەخسلەرنىڭ بايلىق كۆلىمىنى ئالساق، ھەممىسى ئازايماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 10 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، دۇنيادا يېرىمدىن كۆپرەك مىليادېرلار جۇڭگودا بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. بۇ كوللېكتىپ كەلگۈسىدە پۈتۈن يەرشارىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ .

     مۇخبىر ستېفېن مېكدوننېل: جۇڭگو بىر كوممۇنىستىك پارتىيە دۆلىتى سىز بۇ دۆلەتنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار قاتلىمىنى تەتقىق قىلىپ كۆرسىڭىز، بۇنىڭ غەلىتە بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80–يىللىرىدا، جۇڭگو ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندە، مىليونېرلار يوق ئىدى. شۇڭا، جۇڭگولۇقلار ئاشۇ تېزلا بېيىپ كەتكەن كىشىلەرنى چوقۇم ئادىل بولمىغان ئۈستۈنلۈككە ئىگە، دەپ ھېس قىلىشقان ئىدى. بىراق، جۇڭگونىڭ بايلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان ئەنگلىيەلىك خۇ رۈننىڭ قارىشىچە، جۇڭگو كارخانىچىلىرى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىغا ئوخشىمايدىكەن.

     خۇرۈن: مېنىڭ مۆلچەرلىشىمچە، مىليونېرلار (بۇ يەردە فوندستېرلىڭ بويىچە ھېسابلىغاندا، تەخمىنەن 10 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر كېلىدۇ) نۆۋەتتە، جۇڭگودا تەخمىنەن 960 مىڭ ئادەمگە يېتىدۇ. ئۆتكەنكى بەش يىلدىن بۇيان، %10 تىن ئاشتى. ئەگەر، مىليادېرلار(ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىغاندا) نى ئالىدىغان بولساق، مېنىڭ مۆلچەرلىشىمچە، 600 ئادەمگە يېتىدۇ. فوبوس بايلار شەرپ تاختىسىدا ھازىر مەلۇم بولۇشىچە، تەخمىنەن 400 ئادەم بار . شۇڭا، مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قۇرۇق قول ئىش باشلىغان مىليادېرلارنى ئالساق، جۇڭگو ھازىر دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .

     مۇخبىر ستېفېن مېكدوننېل: ئۇلارنىڭ بايلىقى قەيەردىن كەلگەن؟ 30 يىل ئىلگىرى ، جۇڭگودا، بۇنداق بايلار ھەرگىز يوق ئىدىغۇ؟

     خۇرۈن: جۇڭگو بايلىرى غەرب بايلىرىغا قارىغاندا ئىككى جەھەتتە ئوخشىمايدۇ. ئالدى بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايانغان. ھالبۇكى، ياۋرۇپا ياكى ئامېرىكىدا، تەخمىنەن 1\3 ياكى 1\4 قىسىم بايلار مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان. جۇڭگودا بولسا، ھەرگىزمۇ ۋارىسلىق قىلىدىغان پۇل يوق. چۈنكى، بۇندىن 30 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو ناھايىتى نامرات بولۇپ، بازاردىمۇ پۇل يوق ئىدى، ئۇنىڭدىن قالسا، جۇڭگونىڭ بايلىرى پەرزەنتلىرىنى چەت ئەلگە ئەۋەتىۋاتىدۇ، بۇ ھادىسىنى راستىنلا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ مۆلچەرلىشىمچە، جۇڭگودىكى %85 مىليونېر (فوندستېرلىڭ بىلەن ھېسابلىنىدۇ) نىڭ ھازىر ئويلايدىغىنى، پەرزەنتلىرىنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ياكى كانادالارغا ئەۋەتىپ ئوقۇتۇش.

     بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بايلىرىنىڭ بايلىقىنىڭ بىرىنچى كېلىش مەنبەسى ئۆي–زېمىن، ئۇنىڭدىن قالسا، ياساش كەسپى، ئۇنىڭ كەينىدىكىسى، مەبلەغ سېلىش ۋە تەبىئىي بايلىق. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئالدىنقى 1000 ئورۇندا تۇرىدىغان بايلارغا قاراپ باقساق، سىز شۇنى كۆرەلەيسىزكى، ئۇلارنىڭ بىرىنچى كېلىش مەنبەسى مەبلەغ سېلىش، ئۇنىڭدىن قالسا، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ۋاستىچىلىك، ئۇنىڭ كەينىدىكىسى، تەبىئي بايلىق، ئۆي–زېمىن بولسا 4–ئورۇندا تۇرىدۇ.

      بۇ ئاساسەن مۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ: ھازىرقى جۇڭگولۇقلار شەھەرلەشتۈرۈشتىن پۇل تېپىۋاتىدۇ. جۇڭگولۇقلار شەھەرگە كۆچۈپ كىرگەندە، ئەگەر سىز ئۆي–زېمىن تەرەققىيات سودىگىرى بولسىڭىز، غايەت زور سودا پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر سىز پولات–تۆمۈر ياسىمىچىلىق سودىگىرى بولسىڭىز ياكى ئاساسىي ئەسلىھەلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولسىڭىز، ئوخشاشلا پۇرسەتكە ئېرىشەلەيسىز. ھەتتا سىز ھاۋا تەڭشۈگۈچ ساتىدىغان بولسىڭىزمۇ، غەربتە تېخىمۇ كۆپ باي بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز. ئۆتكەن يىلى، جۇڭگودا يېڭىدىن 8 مىليون يۈرۈش يېڭى ئۆي كۆپەيدى، بۇنىڭغا ئىشەنمەنسلىكىڭىز مۇمكىن، بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشاشلا كۆپ.

     مۇخبىر ستېفېن مېكدوننېل: ئادەتتىكىچە قارىغاندا، جۇڭگونىڭ شەھەرلەشتۈرۈشى بىر مەھەل ئاستىلاشمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگودا نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى كۆپلەپ قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال بىرقانچە 10 يىل داۋاملىشامدۇ ؟

     خۇرۈن: ئادەتتىكىچە قارىغاندا، جۇڭگونىڭ شەھەرلەشتۈرۈش مۇساپىسى يەنە 15 يىل تېز سۈرئەتلىك ئېشىشنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، شۇنىڭدىن كېيىن، سۈرئەت روشەن ئاستىلاپ بارىدۇ. پەيتى كەلگەندە، ئاتالمىش جۇڭگو ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەسى پەيدا بولىدۇ، ئۇلار ئىستېمالنى باشلايدۇ. شۇ چاغدا، جۇڭگونىڭ تاۋار ماركىلىرى ھەقىقىي باش كۆتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

     ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

     بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز.

     بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ 

     تېلېفون نومۇرى: 8521981-0991

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: جۇڭگودىكى بايلارنىڭ بايلىقى قەيەردىن كەلگەن؟

تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل

ۋاقىت: 2012-03-16
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: