ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بەشىنچى ۋاستە

بەشىنچى ۋاستە

2011-01-05 10:51     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:              ئادەتتە، بەشىنچى ۋاسىتە يان تېلېفوننىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تايىنىدىغان، يان تېلېفوندا تورغا چىقىش بىلەن خاسلىققا ئىگە بولىدىغان، ئۇچۇرنى دەل ۋاقتىدا تارقىتىدىغان ۋاسىتە بولۇپ،....

             ئادەتتە، بەشىنچى ۋاسىتە يان تېلېفوننىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تايىنىدىغان، يان تېلېفوندا تورغا چىقىش بىلەن خاسلىققا ئىگە بولىدىغان، ئۇچۇرنى دەل ۋاقتىدا تارقىتىدىغان ۋاسىتە بولۇپ، ئاممىغا تارقىتىشنى نىشان قىلغان، نىشانلىق تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان، دەل ۋاقتىدا تارقىتىپ ئۈنۈم يارىتىدىغان، ئۆز ئارا مەشغۇلات ئارقىلىق تارقىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىسى. ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى تۆت ۋاسىتە گېزىت – ژۇرنال، رادىيو، كىنو – تېلېۋىزىيە ۋە ئالاقە تورى قاتارلىقلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەن – تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يان تېلېفون ۋە تېلېۋىزورلۇق يان تېلېفونغا ئوخشاش كۆچمە تورلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇنداق ئۇچۇر تارقىتىدىغان ۋاسىتىلەر ئوبرازلىق قىلىپ بەشىنچى ۋاسىتە، دەپ ئاتالدى.

             ھازىر بەشىنچى ۋاسىتە نۆۋەتتىكى بارلىق ۋاسىتىلەر ئىچىدە ئەڭ ئومۇملاشقان، ئەڭ تېز، ئەڭ قولايلىق ھەم بەلگىلىك مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە ۋاسىتە. بىرىنچى، يان تېلېفون ئامما ئارىسىدا قاپلىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان بىر خىل ۋاسىتە شەكلى؛ ئىككىنچى، يان تېلېفوننىڭ تارقىتىش تەننەرخى تۆۋەنرەك؛ ئۈچىنچى، يان تېلېفون كىشىلەرنىڭ خالىغان ۋاقتىدا پايدىلىنىشىغا ناھايىتى قولايلىق ھەم ئۇچۇرنى ناھايىتى تېز يەتكۈزەلەيدۇ؛ تۆتىنچى،يان تېلېفون ۋاسىتىسىدە ئۇچۇر تارقىتىش بەلگىلىك مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۇچۇرنى ئاممىغا مەجبۇرىي يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

               نۆۋەتتە، تەمىنلەشكە بولىدىغان ئالاقىلىشىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، يان تېلېفون كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇرنى، بولۇپمۇ سۈرەت ۋە ئاۋازلىق، سىنلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋەزىپسىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. ئۇ گېزىت – ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە ئالاقىلىشىش تورى قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردىكى ۋاسىتە شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنىلا يېڭىياچە بىلىنىدۇ. لېكىن يان تېلېفوندىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى ناھايىتى يوقىرى بولماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، 2013 – يىلى دۇنيادا يان تېلېفوندا تورغا چىقىدىغان ئابۇنىچىلارنىڭ سانى كومپيۇتېردا تورغا چىقىدىغان ئابۇنىچىلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ 1 مىليارد 780 مىليونغا يېتىدىكەن. ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، كەڭ بەلباغ تورىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنسا، يان تېلېفون تېزلا ئابونىچىلىرى ئەڭ كۆپ ئالاقە ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ، باشقا ۋاسىتىلەرگە خىرىس پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter