ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ياپونىيەدىكى «ھال سورىغۇچى ئەر» لەر

ياپونىيەدىكى «ھال سورىغۇچى ئەر» لەر

2012-03-06 1:18     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ياپونىيە ئامېرىكا ئايال ئەسكەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن «ھال سورىغۇچى ئەر» لەرنى قوبۇل قىلغان      ياپونىيە 1945- يىلى 15- ئاۋغۇست تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيەگە ك....

     ياپونىيە ئامېرىكا ئايال ئەسكەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن «ھال سورىغۇچى ئەر» لەرنى قوبۇل قىلغان

     ياپونىيە 1945- يىلى 15- ئاۋغۇست تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيەگە كىرىپ ئورۇنلىشىشى ياپونلارنى ۋەھىمىگە سالغان. ياپونلاردا «ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان تەرەپ مەغلۇپ بولغان دۆلەتنىڭ ئاياللىرىنى ئاياغ – ئاستى قىلىدۇ» دەيدىغان قاراش بولغاچقا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى پادىشاھ جەمەتىدىكىلەر، ئاقسۆڭەكلەر، يۇقىرى قاتلامدىكى خانىم – قىزلارنىڭ ئىپپىتى ۋە ياپونلارنىڭ ساپ قان سېستىمىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قىزلارنى ئەل ئارىسىدىن قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى كۈتۈشكە سالغان. ياپونىيە بۇنى «ئالاھىيدە ھال سوراش جەمىيىتى» دەپ ئاتىغان. بۇ قىسقارتىلىپ «RAA» دەپ ئاتالغان.

     ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، «RAA» نىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۈچۈن قىزلارنى «ھال سورىغۇچى ئايال» لىققا قۇبۇل قىلغانلىقى ھەممە بىلىدىغان ئىش بۇلۇپ قالغان. بىراق «RAA» نىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئايال ئەسكەرلىرى ئۈچۈن «ھال سورىغۇچى ئەر» قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس. ياپونىيە ھۆكۈمىتى تا ھازىرغىچە بۇنى ئىتىراپ قىلمىغان. ئۇنداقتا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئايال ئەسكەرلىرى نىمە ئۈچۈن ياپونىيىنىڭ ھال سورىغۇچى ئەرلىرىگە مۇھتاج بۇلىدۇ؟ چۈنكى ئامېرىكا ئەزەلدىن ئەر – ئاياللارنى باراۋەر دەپ قارىغاچقا، دۆلەت ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىۋاتقان ئايال ئەسكەرلەرنىمۇ ئەر ئەسكەرلەردەك ھال سوراش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىشى كېرەك دەپ ئويلىغان. بىراق تەقدىرى ئېچىنىشلىق بولغان «ھال سورىغۇچى ئايال» لارغا قارىغاندا، «ھال سورىغۇچى ئەر» لەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولغان.

     «ھال سورىغۇچى ئەر» لەر 1946- يىلى قۇبۇل قىلىنىشقا باشلىغان. ئامېرىكا ئارمىيەسى «RAA» نىڭ قوبۇل قىلغان «ھال سورىغۇچى ئەر» لەرنىڭ سالامەتلىكىنى بىرمۇ بىر تەكشۈرگەن. ئۇلار بۇ ئەرلەرنىڭ يۈرەك، ئاشقازان، كۆز، تىرە، مۈسكۈل، قان، سۈيدۈك، ھەتتا جىنسىي كېسىلى بار – يوقلىقىنىمۇ تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئەرلەرگە بىر ئېغىزدىن ئۆي بەرگەن. «ھال سورىغۇچى ئەر» لەر بىر كۈن ئىشلەپ بىر كۈن دەم ئالغان. كۈنىگە ئۈچ ئامېرىكا دوللىرى ھەق بىرىلگەن. ئۇلارغا يەنە كالا گوشى، سېرىق ماي، ئىرىمچىك بىرىلگەن. بەدەن قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يىتىپ – ئاشقىچە تارقىتىلغان. ئەينى چاغدا ياپونىيە پۇقرالىرى قورسىقىنىمۇ تويغۇزالمايدىغان بولغاچقا، «ھال سورىغۇچى ئەر» لەرنىڭ كۈنى گۈلدەك ئۆتكەن. «ھال سورىغۇچى ئەر» لەر ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى ئايال ئەسكەرلەرگىلا ئەمەس، يەنە ھەمجىنىس ئەرلەر ۋە ئايال سېستىرالارغىمۇ مۇلازىمەت قىلغان.

     «ھال سورىغۇچى ئايال» ۋە «ھال سورىغۇچى ئەر» لەرنىڭ قۇربان بىرىش بەدىلىگە، ياپونىيە يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئاياللارنىڭ ئىپپىتى ساقلاپ قېلىنغاندىن باشقا يەنە ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا زور بۇرۇلۇش بولغان. بىراق ياپونىيە ھۆكۈمىتى «قۇربانلىق قوي» بولغان قىز – يىگىتلەردىن كەچۈرۈم سوراشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئېچىنىشلىق تارىخ بېتىنى ۋاراقلاشنى خالىماي كەلگەن.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter