ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئۇيغۇر ئالىمى جيەن بوزەننىڭ ئۆز فامىلىسى ۋە يۇرتى ھەققىدىكى خاتىرىسى

ئۇيغۇر ئالىمى جيەن بوزەننىڭ ئۆز فامىلىسى ۋە يۇرتى ھەققىدىكى خاتىرىسى

2011-02-21 2:57     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:                    مىنىڭ فامىلەم جۇڭگۇ تارىخىدا ئۇچرىمايدۇ، ئۆتكەن تارىخى دەۋىرلەردە يېزىلغان نەسەپنامىلەردىمۇ ئۇچرىمايدۇ……..    لىكىن مەن جەمەتىمنىڭ نەسەبىنى تەكشۈرۈپ كۆردىم. مىنىڭ فا....

                   مىنىڭ فامىلەم جۇڭگۇ تارىخىدا ئۇچرىمايدۇ، ئۆتكەن تارىخى دەۋىرلەردە يېزىلغان نەسەپنامىلەردىمۇ ئۇچرىمايدۇ……..    لىكىن مەن جەمەتىمنىڭ نەسەبىنى تەكشۈرۈپ كۆردىم. مىنىڭ فامىلەمنىڭ «جۇ» يۇسۇنلىرىدىكى «جيەن» فامىلىلىك مەنسەپدار بىلەن ھېچقاندا ئالاقىسى يوق. بۇ فامىلىنى مىڭ سۇلالىسىنىڭ خانى ئىنئام قىلغان. مىنىڭ قەۋمىم ئاتالمىش «خۇاڭدى» نىڭ ئەۋلادى ئەمەس، بۈيۈك خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىر جەمەتىمۇ ئەمەس، شىنجاڭدىن كەلگەن، ئاتالمىش غەرىبى يۇرۇتلۇق «ياتلار» دىن. شۇڭا، كىلاسسىكلارنى، دانىشمەنلەرنى شىپى كەلتۈرۈپ، خۇاڭدىنىڭ ئەتىۋارلىق ئەۋلادى بۇلىۋالىدىغان، بۈيۈك خەنزۇنىڭ جەمەتى بۇلىۋېلىپ، ليۇيىڭجىدەك زورمۇ-زور چەتئەلنى كۆز-كۆز قىلىپ، يوق ئەرۋاھقا ياغ پۇرۇتۇپ، كىشىنىڭ تۇققۇنىغا سېغىنىپ كۈلكىگە قالىدىغان ئىشنى قىلمايمەنكى، فامىلەمنىڭ «جۇ» يۇسۇنلىرىدىكى «جيەن ھەزرەت» دىگەن مەنسەپدار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، جەمەتىمنىڭ غەرىبى يۇرۇتتىكى يات ئەلدىن كەلگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىمەن.

                    مىنىڭ نەسەپنامەمنىڭ بىرىنچى بۈلىمى «مۇسۇلمانلار نەسەبىنىڭ مەنبەسى». بۇ بۈلۈمدە مىللەت تەۋەلىكىمنىڭ، فامىلەمنىڭ قانداق كەلگەنلىكى، خۇنەنگە قايسى دەۋىردە كۈچۈپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. «مۇسۇلمانلار نەسەبىنىڭ مەنبەسى» دىگەن بۇ پۈتۈكنى 16- ئەجدادىم شەن شېڭ يازغان، يېزىلغان ۋاختى چىڭ سۇلالىسى توڭجىنىڭ 3- يىلىغا (1864- يىلى) توغرا كىلىدۇ. شەن شېڭ جەمىتىمدە خەنزۇ تىلى بۇيىچە مەلۇماتلىق بولغان تۇنجى كىشى بولمىسا كىرەك.ئۇ يۆلۈي دارىلفۇنۇندا ئۇقۇغان. ئۇ بۇ پۈۈتۈكنى قۇرۇقتىن-قۇرۇق تۇقۇغان ئەمەس. مۇسۇلمانچە نەسەپنامىگە ۋە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يارلىقلارغا ئاساسلىنىپ يازغان. بۇ مۇسۇلمانچە نەسەپنامىلەر ۋە مىڭ دەۋرىدىكى يارلىقلار ئەسلىدە «پەزىلەت راۋىقى» دا ساقلانغان ئىدى. ھازىر يۇقاپ كەتتى، لىكىن ھىلىمۇ بىر مۇندەرىجىسى بار. شەن شېڭ جيەن جەمەتىنىڭ تەكتىگە مۇناسىبەتلىك بۇ تارىخى ماتىرىياللارنى كۆرگەن بولسا كىرەك. شۈنجىنىڭ 4- يىلى يېزىلغان «تاۋيۇەن ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى» دىمۇ مۇشۇنداق خاتىرىلەر بار. بۇلار «مۇسۇلمانلار نەسەبىنىڭ مەنبەسى» دىگەن پۈتۈكتە يېزىلغانلارنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ.

                  تارىختا شۇنداق تاسادىبى ئىشلار بۇلۇپ ئۆتكەنكى، بۇ ئىشلارنى خىيالغا كەلتۈرۈش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. مىنىڭ يىراق ئەجدادىم تارىم ئويمانلىقىدا ئولتۇرغاندا، شەرىققە يۈرۈپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك زىمىنىغا كىلىپ قېلىشىنى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن ئىدى. لىكىن 13- ئەسىرنىڭ بېشىدا مۇڭغۇللارنىڭ دۇنيانى بۇيسۇندۇرىشى خۇددى بىردەملىك بۇران-چاپقۇندەك دۇنيانى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ، نۇرغۇن ئۇششاق، ئاجىز مىللەتلەرنىڭ خەلقىنى قۇمنى ئۇچۇرغاندەك ئاسمان-پەلەككە ئاچقىپ، ئۆزلىرى خىيال قىلىپ باقمىغان جايلارغا ئاپىرىپ تاشلىدى. مىنىڭ يىراق ئەجدادىم خەلىل ئەنە شۇ قېتىمقى بۇران-چاپقۇن دەۋرىدە، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، جۇڭگۇنىڭ ئىچكى رايۇنىغا كىلىپ قالغان ئىدى. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتىرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەرىبى- شىمال ئوتتىرىسىدا قاتناش ناھىيىتى قۇلاي ئىدى. ئالاقىچىلەر توختىماي قاتناپ، خەت-ئالاقىلەرنى يىراق-يىراقلارغا يەتكۈزەتتى. ئۆز ۋاختىدا جەمەتىم ئۆز يۇرتى بىلەن قۇيۇق ئالاقىلىشىپ تۇرغان بۇلىشى مۇمكىن.

                   كىم بىلسۇن، 14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، تارىختا يەنە بىر قېتىم بۇران-چاپقۇن چىقىپ، مۇڭغۇل ئىستىلاچىلىرى ئوتتىرا تۈزلەڭلىكتىن قوغلاپ چىقىرىلدى. بۇ تارىخى بۇراندا، مىنىڭ تۇنجى ئەجدادىم – باشى يەنە قۇمدەك ئۇچۇرۇلۇپ، خۇنەنگە ئەكىلىپ تاشلاندى. ئۇلار خۇنەنگە كەلگەن بىلەن شۇ يەردە تۇرۇپ قېلىش خىيالىدا بولغان ئەمەس. شۇڭا مىنىڭ 3- ئەجدادىم چاڭ پۇ مەنسەپتىن كىچىپ، يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. ئويلىمىغان يەردىن چاڭ پۇنىڭ ئىنىسى چاڭ لى خۇنەندە قېلىشنى خالاپ قالغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن شىنجاڭلىق «خا» (哈) فامىلىلىك بىر جەمەت تارىختىكى ئىككى قېتىملىق بۇران-چاپقۇندا ئۇچۇپ يۈرۈپ خۇنەندىكى «جيەن» (剪) جەمەتىگە ئايلىنىپ قالغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter