ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> سىياسىي- نەزەرىيە >> تەپسىلاتى

ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي تەلەپى ۋە نىشان، ۋەزىپىلىرى

          ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيە 17– قۇرۇلتىيى، ج ك پ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئاساسىي تېما قىلىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، قاراشنى ئۆزگەرتىشنى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇشنى، تىپ ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش – گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتى داۋامىدا رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر يىلدا بىر ئۆزگىرىش بولۇش، بەش يىلدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئون يىلدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇش›› نىشانىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاساس سېلىش، ھاياتىي كۈچ قوشۇش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك. ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنىڭ نىشان، ۋەزىپىسى:

          (1)  ھالقىما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، كەڭ ئېچىش، زور تەرەققىيات تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيە، قاراشنى، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يوشۇرۇن ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھالقىما تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھالقىما تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ھالقىما تەرەققىيات تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھالقىما تەرەققىيات قەدىمىنى تاشلاپ، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دۇنياۋى نەزەر تىكلەپ، تەپەككۇر شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ھالقىما تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ھالقىما تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھى ۋە خىزمەت ھالىتى بىلەن تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماي، خالىس تۆھپە قوشۇپ، نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنى ئىلمىي، ھالقىما تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

           (2) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر ‹‹تۆتنى تونۇش››نى كۈچەيتىشنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ، ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش›› ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇنلارنى بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بارلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››تا چىڭ تۇرۇپ،‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشتىن – ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، باشتىن – ئاخىر مەيدانى ئىنتايىن مۇستەھكەم، بايرىقى ئىنتايىن روشەن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

           (3) ئىناقلىق، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەرەققيات بىلەن مۇقىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، چىڭ قائىدە بىلەن قاتتىق ۋەزىپىنى بىر تۇتاش ياخشى تۇتۇپ، ھادىسىدىنمۇ ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تىنچلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلارنى باشقۇرۇشنى، ئىدىيە – مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى، ئامما ئالدىنى ئېلىش – ئامما تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ ۋە پەسەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۆرۈنەرلىك مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى ئىدىيە – سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەك بولۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، دۆلەت يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، خەلققە تۆھپە قوشۇپ، چوڭ – چوڭ مەسىلىلەردە مېڭىسىنى سەگەك تۇتۇپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئاچقۇچلۇق پەيت ۋە چوڭ – چوڭ ۋەقەلەردە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىشى، سىناقتىن ئۆتۈشى كېرەك.

          (4) ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەر مىللەت ئامما كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلرايى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش قۇدرەتلىك كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىپ، خەلققە رىشتە باغلاپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ھەر مىللەت ئاممىدىن كەڭ دوست تۇتۇپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، خەلقنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاممىغا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك.

           (5) ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى زور سىياسىي مەسئۇلىيىتى قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئۇل سېلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، پائالىيەت شەكلى ۋە خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش قىلىدىغان ئادىمى بولۇش، ئىش قىلىدىغان ئىقتىدارى بولۇش، ئىش قىلىدىغان پۇلى بولۇش، ئىش مۇھاكىمە قىلىدىغان سورۇنى بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بىرىنچى سەپ، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. كومپارتىيە ئەزالىرى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىقى، دىننىڭ مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئەدلىيەگە ئارىلىشىشىغا يول قويماسلىقى، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا بولغان ‹‹قوش تىل›› تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق باشقا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: