ئالىم بىز بلوگى

ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ۋە ۋاسىتىسى

          ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئاساسىي تېما قىلىش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىياتنى باشتىن – ئاخىر بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى زامانغا لايىق كەلمەيدىغان قاراش، ئۇسۇل ۋە تۈزۈلمىنىڭ ئاسارىتىدىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى تېز ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسەت مەدىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سەۋىيەسى، باشلىنىش نۇقتىسى، ئۈنۈمى يۇقىرى تەرەققىياتنى پىلانلاش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى باشتىن – ئاخىر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى بىرىنچى نىشان قىلىپ، مەركەزنىڭ قوللىشى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياردىمىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا نۇقتىلىق قارىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن كۈچەپ ياخشىلاپ، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى پەرقنى تىرىشىپ كىچىكلىتىپ، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى باشتىن – ئاخىر ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ تۈپ كاپالىتى قىلىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماددىي، مەدەنىيەت تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا پايدىلىق بولۇشنى مەقسەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە قانۇن بويىچە قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىر مەھەللىدە ئولتۇراقلىشىشقا يېتەكلەپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئىناق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر تەرەققىي قىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ تۈپ شەرتى قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ دۈشمەننى ئالدىن ئۇجۇقتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىش؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدە تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدە تۇتۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى تۈگىتىش كېرەك. ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىدە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىلمىي تەرەققىي قىلىشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەڭرىتاغ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشىنى ئەمەلىي ۋاسىتە قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

          يېزىلاردا ‹‹بەشنى كۈچەيتىش، بەشنى تېزلىتىش››نى ئەمەلىي ۋاسىتە قىلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنىنى، رىغبەتلەندۈرۈش – كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققي قىلدۇرۇش قابىلىيىتىنى، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىشى؛ پارتىيە ئەزالىرى ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىشنى، بېيىش ماھارىتىنى ئىگىلەشنى، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاشنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى تېزلىتىشى كېرەك. كەنت كادىرلىرىغا دائىر مەسئۇلىيەت نىشانىنى بېكىتىش، كىرىمى كاپالەتكە ئىگە بولۇش، ياخشى ئىشلىگەنلەردە ئۈمىد بولۇش، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشتەك ‹‹بىرنى بېكىتىش، ئۈچ بولۇش›› سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. كەنت تەشكىلاتلىرىنىڭ چوڭ – چوڭ ئىشلاردا تەدبىر بەلگىلەشنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ‹‹ئالتە ھالقىلىق خىزمەت ئۇسۇلى››نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ‹‹تۆتتە كېڭىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق چەت، يىراق يېزا – بازارلاردا ‹‹4211›› خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقانلارنى ‹‹قوش تىل›› بويىچە تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ مەسئۇلىيەتنى بېكىتىش، ئىش ئورنى ۋەدىسى بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

          كوچا، مەھەللىلەردە ‹‹بەشنى كۈچەيتىش، بەش مۇلازىمەت››نى ئەمەلىي ۋاسىتە قىلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى ئۇل خىزمەتنى، بىر ئىش ئورنىدىكى قوش مەسئۇلىيەتنى، ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرلىرىنى، ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى، بىللە تۇرۇش، ئورتاق بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىشى؛ پارتىيە ئەزالىرى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىرىشى، پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشى، پۇقرالارنىڭ ئىشىنى قىلىشى، پۇقرالارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى، پۇقرالارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشى، ‹‹تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تۆتنى ئىگىلەش›› خىزمەت مېخانىزمىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەھەللە خىزمىتى ئىشلەيدىغانلار كۈچىنى تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، مەھەللە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خىزمەت خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورۇنلار بىلەن مەھەللە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگە كۆرسىتىش بىناسى – قورۇسى، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايونلاشقان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ مەدەنىي، ئىناق مەھەللە قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

          دۆلەت كارخانىلىرىدا ‹‹تۆتتە كۈچلۈك بولۇش، تۆتتە ئەلا بولۇش››نى ئەمەلىي ۋاسىتە قىلىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھ قىلىش – يېڭىلىق يارىتىش، ئۇيۇشتۇرۇش – كاپالەتلەندۈرۈش كۈچى كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتى بولۇش؛ سىياسىي ساپاسى، ئىش ئورنى ماھارىتى، خىزمەت نەتىجىسى، ئاممىنىڭ باھاسى ئەلا پارتىيە ئەزاسى بولۇش. پارتىيە ئەزالىرى مەسئۇلىيەت رايونى، پارتىيە ئەزالىرى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى، پارتىيە ئەزالىرى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى، كونترول كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

          ئورگانلاردا ‹‹ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش، ئۈچنى كۈچەيتىش››نى ئەمەلىي ۋاسىتە قىلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى ھالقىما تەرەققىياتقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشى؛ پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەۋىلىككە، ئەخلاققا، ئۈلگە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى كۈچەيتىشى، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئورگاننىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك – دىيانەتلىك بولۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى، ئاۋانگارت پارتىيە ئەزالىرى ئىش ئورنى، ئاشكارا ۋەدە بېرىش، ساھە ئىستىلىنى باھالاش، مەھەللە بىلەن ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەت يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلققە تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە پارتىيەنى، ئاساسىي قاتلامنى، ئاممىنى رازى قىلىش كېرەك.

          ئالىي مەكتەپ، كەسىپلەر مەكتەپلىرى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ‹‹بەشتە مۇنەۋۋەر، بەشتە باشلامچى بولۇش››نى ئەمەلىي ۋاسىتە قىلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى ساپا مائارىپىدا، مەكتەپ مۇقىملىقىدا، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدا، مائارىپ ئىسلاھاتىنى باشقۇرۇشتا، قوشۇن قۇرۇلۇشىدا مۇنەۋۋەر بولۇشى؛ پارتىيە ئەزالىرى ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەشنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى، ئىلمىي نەزەرىيەنى باشلامچىلىق بىلەن ئىگىلىشى، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇشى، قائىدە – تۈزۈملەرگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشى، مائارىپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن كېڭەيتىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى ۋە ئارقا سەپ مۇلازىمىتى جەھەتتە ئۈلگە ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى، مۇنەۋۋەر يېتەكچى، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى نەمۇنىسى، مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپنى تىرىشىپ خەلق رازى بولغۇدەك باشقۇرۇش كېرەك.

           ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ‹‹تۆت بولۇش، تۆتتە ئاڭلىق بولۇش››نى ئەمەلىي ۋاسىتە قىلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى ھالقىلىق ئىش ئورنىدا، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىنچى سېپىدە، قىيىنچىلىق پەيتىدە، ئۆتكەلگە زەربىدارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشتا پارتىيە ئەزاسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ پارتىيە ئەزالىرى قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشتا، مۇقىملىقنى قوغداشتا، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا، كەسىپ بىلەن سەمىمىي شۇغۇللىنىشتا ئاڭلىق بولۇشى كېرەك. ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇشتا بەسلىشىش، پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگە ئىش ئورنى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشقا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى 100 كۈن ئىچىدە مەركەزلىك قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

          داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئورۇنلىرىدا ‹‹ئۈچنى بەرپا قىلىش، ئۈچتە ئەلا بولۇش››نى ئەمەلىي ۋاسىتە قىلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى ئەلا سۈپەتلىك سەھىيە ئورنى، مۇنەۋۋەر ئۈلگىلىك كۆزنەك، ئامما رازى خىزمەت ئورنى بەرپا قىلىشى؛ پارتىيە ئەزالىرى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشتا، كەسىپ سۈپىتىدە، كەسپىي مۇلازىمەتتە ئەلا بولۇشى كېرەك. مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى – خەلق رازى ‹‹ئاق خالاتلىق پەرىشتە›› بولۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئاغرىقنى مەركەز قىلىش››تەك مۇلازىمەت تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولايلىق، ئەرزان داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك.

          پەن تەتقىقاتى، مەدەنىيەت قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلاردا سىياسىي – ئىدىيەۋى خىزمەتنى كۈچەيتىش بىلەن ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ۋاسىتىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بېكىتىش كېرەك. تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغۇچى ئاۋانگارت پارتىيە ئەزالىرى ئەترىتى بەرپا قىلىش، ئەخلاقتىمۇ، ماھارەتتىمۇ تەڭ يېتىلگەن پارتىيەلىك سەنئەتكاردىن بولۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

          جايلار ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىش ئورنى ئالاھىدىلىكى ۋە نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەتلەرگە ئاساسەن، ئەمەلىي ۋاسىتە، ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە كونكرېت تەلەپنى تۈرگە ئايرىپ ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ۋە ۋاسىتىسى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-06
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: