ئالىم بىز بلوگى

بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تىلشۇناس پىرخۇيلان ھەققىدە

          پىر خۇيلان(736-820-يىللىرى) تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر بۇددا دىنى مۇتەپەككۇرى، ئاتاقلىق مائارىپچى، تىلشۇناس، ئالىم، يازغۇچى بولۇپ ، ئۇ  ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئىچىدە نوپۇزلۇقى ئورۇنغا ئىگە مەشھۇر تارىخىي شەخسلەر قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.

           پىر خۇيلان(裴悲) مىلادى 736- يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، قەشقەردە كۆپ ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن پىر(خەنزۇچە خاتىرىلەرگە 裴 دەپ پۈتۈلگەن) فامىلىلىك خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋردە قەشقەر شەھىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەيۋەتلىك بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئىدى. بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى بۇددا دىننىڭ گۈللەپ ياشنىشى قەشقەرنى ھەر قايسى ئەللەردىكى مەشھۇر بۇددا دىنى مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، غەربتىن شەرققە ۋە شەرقتىن غەربكە توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدىغان بۇددا مۇخلىسلىرى قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپەككۇرى ۋە ئۇستازلىرىنى پېشۋا بىلىپ ئۇلاردىن ئىلىم تەھسىل قىلاتتى. بۇ دەۋردە يەنە سانسىزلىغان بۇددا مۇتەپەككۇرلىرى، ئالىملىرى يېتىشىپ چىقىپ قەشقەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككمۇ ئۆز تەسىرنى كۆرسەتكەنىدى. ئەنە شۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىتتا يېتىشىپ چىققان پىر خۇيلان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قەشقەردىكى ئالىي ئىبادەتخانلاردا زور ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇددا دىنىنى تېخىمۇ سېتىلمىلىق ئۆگىنىش ئۈچۈن تىل يېزىق ئۆگىنىشكىمۇ ئالاھىدە  كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆز ئىقتىدارنى ھەر تەرەپلىمە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. نەتىجىدە ئۇ كېيىنكى مەزگىللەردە بۇددا كىتابلىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھلىگۈچىسى ، بۇ جەھەتتە ئۇ ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم سۈپىتىدە زور شۆھرەت قازانغان.

             پىرخۇيلاننىڭ قەشقەردىن ئايرىلىپ چاڭئەندە تۇرۇپ قېلىشىغا قەشقەردە بۇددىمىزنىڭ ئاجىزلاپ ئىسلام دىننىڭ ئومۇملىشىشى سەۋەب بولغان. پىرخۇيلان يەنە قەشقەردە تارقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىسلام دىننىڭ تەسىردىن قورقۇپ چاڭئەنگە بېرىۋالغانىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي چاڭئەندە «پېشۋا ئالىم» دېگەن شانى شاۋكەتلىك نامغا ۋە  كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئۇ چاڭئەندە يىگىرمە يىل قان تەر ئاققۇزۇپ  «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» («一切经音义») ناملىق يۈز تومدىن ئاشىدىغان زور ھەجىملىك ئەسىرىنى يېزىپ تاماملىغان. ئۇ چاڭئەندىكى شىمىڭ ئىبادەتخانىسى(西明寺) دا 52 يېشىدا (مىلادى 788- يىلى) بۇ بۈيۈك بۇددا قامۇسىنى  يېزىشقا كىرىشىپ 74 يېشىدا (801- يىلى) تاماملىغان.

           ئالىم «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» ناملىق قامۇسىنىڭ مەزمۇنىنى بۇددا دىننىڭ ئەڭ كاتتا نومى – چوڭ يوللۇقلار ماھايانا(Mahayana) مەزھىپىنىڭ ئەڭ تۈپ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولغان ئەقىل – پاراسەت ئارقىلىق راھەت – پاراغەت دۇنياسىغا يېتىپ بېرىش ھەققىدىكى «ماھابخاراژانا پارامىتاسۇترا»(Mahaprajna Paramita Sutra) دىن باشلاپ، بۇددىزمنىڭ پاك ئەخلاقى پەزىلىتىنى  تەرغىب قىلىدىغان ۋە بۇددا دىنىنى جان تىكىپ قوغدىغۇچى«护命法»  سۇتراسىدا ئاخىرلاشتۇرغان. ئالىمنىڭ بۇ ئەسەردە ئىزاھلىغان ۋە شەرھلىگەن نوملار جەمئىي 5480 جىلد بولۇپ، بۇ قامۇس خاراكتېرلىك يىرىك ئەسەرنى بۇددا ئالىملىرى، مۇتەپەككۇرلىرى ۋە تەرجىمشۇناسلىرى قولدىن قولغا ئېلىپ دەرسلىك ، لېكسىيە قىلىپ تاكى چىڭ سۇلالىسى(1644-1911- يىللىرى) نىڭ ئاخىرغىچە سانسىزلىغان كىشىلەر ئەرتىۋالاپ قوللانما سۈپىتىدە ئوقۇپ كەلگەن.

           ئالىمنىڭ «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» ناملىق ئەسىرى بۇددا نوملىرىنى ئوقۇش قائىدىلىرىنى تىلشۇناسلىق نۇقتى نەزىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ۋە بۇددا ئەقىدىلىرىنى شەرھلەيدىغان دىنى دەستۇر بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئېتنىگىرافيىسىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇنى تىل – ئەدەبىيات، پەلسەپە، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات- سەنئەت قاتارلىقلارغا ئائىت مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تەربىيىۋى قىممەتكە ئىگە دەرسلىك كىتاب دېيىشكە بولىدۇ . بۇ كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى تۇرمۇش، ئۆرۈپ ئادەتلەر ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن.

            پىرخۇيلانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى، تۇرمۇش ئۆرۈپ – ئادەتلىرى، پولۇ، شورپىلىرىغا ئوخشاش تائاملىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن : ئۇ « بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋردىكى دراما خاراكتېرىدىكى ئۇينى – سۇ – مۇز ئۇينى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «سۇ–مۇز غەربىي يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىزىقچىلىق تۈسىنى ئالغان ئۇينى بولۇپ، سامۇز دەپ ئاتىلاتتى. بۇ ئويۇن كۈسەن ئېلىدىن تارقالغان. ئۇنىڭ ئۆز نەغمىسى ھېلىمۇ بار. بۇ قۇنتۇز، چۈمپەر، باتۇر ئۇينلىرىدەك يىرتقۇچ سۈرەتلىك يا بولمىسا جىن ئەرۋاھلار سۆرتىدە نىقاب تاقاپ ئوينىلىدۇ ۋە ياكى ئۆتكەن كىشىگە لاي، سۇ چېچىپ ياكى قۇلىدا سالما ئىلمەك تۇتۇپ ئۆتكەن كىشىنى تۇتۇپ قىزىقچىلىق قىلىدۇ. ھەر يىلى 1- ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىپ 7 كۈن داۋام قىلىدۇ. ئەل ئىچىدىكى رىۋايەتتە بۇ خىل ئويۇن خەلققە ئاپەت سالىدىغان جىن- شاياتۇنلارنى قوغلاش ئويۇنى دەپ قارىلىدۇ….» دەپ يازغان.

              ئالىمنىڭ « بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» ناملىق ئەسىرنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان كورىيلىكلەر مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىپ كۈچۈرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ تەلىپى رەت قىلىنغان. كىيىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كورىيلىكلەر يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرۋالغاندا سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كۈچۈرۋېلىشقا قوشۇلغان . مىڭ سۇلالىسى دەۋردە ياپونلۇقلار كېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن. ئەسەرنىڭ پەيدىن-پەي شەرق ئەللىرىگە كۆچۈرۈلمە نۇسخىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، پىرخۇيلاننىڭ بۈيۈك نامى ئەنە شۇ ئەللەرگىمۇ تارقالغان.

             مىلادى 1737- يىلى(چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ 2- يىلى) پىرخۇيلاننىڭ بارلىق ئەسەرلىرى تولۇق بېسىلىپ ئېلان قىلىنغان. 1880- يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى ياپونىيىدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ رەسمىي كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان.

             ئالىم پىرخۇيلان ئۆز دەۋرىدە  ئانا تىلىدىن باشقا مودىغا ئايلانغان ئەنەتكەك (سانسكرىت) تىلىنى، جۇڭگو (خەنزۇ) نىڭ ئەدەبىي تىلىنى ۋە باشقا تىللارنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ ئىلىمىزنىڭ قەدىمكى بارلىق خاتىرىلىرىنى ناھايىتى پىششىق ئۈگۈنۈپ چىققان. نۇرغۇنلىغان ئالىملارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تىلشۇناس پىرخۇيلان ھەققىدە

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-04-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: شەخىسلەر ھاياتى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: