ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ئۇنىۋېرسال يازمىلار >> تەپسىلاتى

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىلىرىدىن پارچىلار

قارىغاينىڭ كۆكلىكى ئۇنىڭ زىننىتى،

تۈزلىكى – ئۇنىڭكى قەدرى – قىممىتى.

ھەر كىشى قارىغايدەك بولالىسا تۈز،

ئەل ئىچرە ساقلىنار ئىززەت – ھۆرمىتى.

 

بىر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،

كۈلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش.

ئىشەكنىڭ بىر مەھەل ھاڭراپ تاشلىشى،

ئاتوم دەۋرىدىمۇ، تۇرمۇشتا بار ئىش.

 

ئالتۇن ھەل يالاتساڭ، كېسەكتۇر كېسەك،

گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ، تىزەكلەر ئىشەك.

كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرتىغا باق،

يەپ ئاددىي يۇپۇرماق، بىرىدۇ يىپەك.

 

جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا،

مۇھەببەت – نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا.

ئىشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق،

ئۇنى ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا.

 

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم،

سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.

سۈت بېرىپ ئۆستۇرگەن ئانا ئالدىدا،

بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.

 

ھەرقانچە ئىگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار،

ئوزۇقى،ئۇۋىسى يەر ئۆزرە بولار.

يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،

پۇتلىرىڭ يەنە شۇتۇپراقتا بولار.

 

تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھرەسى ياخشى،

مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.

مىنىڭ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمگە،

ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.

 

ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار،

ھەر باسقان قەدەمدە بىر ئىزىڭ قالار.

يا ماختان، يا ئۆكۈن ئۆزەڭنىڭ ئىشى،

ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.

 

بىراۋلار ئەلگە قىلدى جېنىنى قۇربان،

بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.

ئالار قۇش تۇلكىنى ئۈنسىز-تاۋۇشسىز،

قاقاقلار بىرتۇخۇم تۇغقانغا مىكىيان.

 

ئەل غېمى-شاتلىقى ئىلھامغا بۇلاق،

ئۇنىڭسىز شېئىردا بولماس خۇش پۇراق.

كۆر، ئالتۇن قاچىغا چىلانسىمۇ گۈل،

سولىشىپ كېتەر تېز، بولمىغاچ تۇپراق.

 

ئەل ئۈچۈن يۇگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم،

باغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.

ۋە لىكىن سۇقۇشۇپ قويساڭ سىياغا،

ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ، چىكەرسەن ئەلەم.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

2 نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ شېئىرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن…

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    ئەزىز مىھماننىڭ پەتىلەپ كەلگەنلىكىگە كۆپ تەشەككۇر!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

جاۋاب بىرىپ قوياي ئۇيغۇربەگ