ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ۋەقە ۋە مۇلاھىزە >> تەپسىلاتى

ئامېرىكا يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى نېمە ئۈچۈن شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؟

               ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەت. بىراق، ئامېرىكىدا يېزا ئىگىلىك نوپۇسى ئومۇمىي ئاھالىنىڭ ئاران %2 ىنىلا ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ 300 مىليون ئاھالىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، يېزا نوپۇسى تەخمىنەن 6 مىليوننى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكىدا 2 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنى بولۇپ، ھەر بىر دېھقانچىلىق مەيدانىنى بىر مۇستەقىل ئىقتىسادىي گەۋدە، بىر مۇستەقىل يېزا ئىگىلىك شىركىتى، دېيىشكە بولىدۇ. ھەر بىر دېھقانچىلىق مەيدانى بىر يىلدا تەخمىنەن 190 توننا ئاشلىق، 5.5 توننا كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

                ئېلىمىزدە بۇنداق ئىقتىسادىي بىرلىك يوق. ئامېرىكىدىكى ھەر بىر دېھقانچىلىق مەيدانى ئاساسىي جەھەتتىن ئائىلىلەردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ئېلىمىزدە بىر يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 1.59 توننا ئاشلىق، 200 كىلوگىرامدىن كۆپرەك گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىككى دۆلەتنىڭ يەككە بىرلىكىدىكى يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئۈنۈمى بىزنىڭكىدىن 100 ھەسسە ئارتۇق.

               ئامېرىكىدىكى 2 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق دېھقانچىلىق مەيدانىدا تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچى بار، قالغانلىرى بالىلار ۋە ياشانغانلار. ئېلىمىزدە ئائىلە بويىچە ھېسابلىغاندا، 200 مىليوندىن ئارتۇق دېھقانچىلىق ئائىلىسى بار. بىراق بۇ ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپ قىسمى شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، ئېتىز – ئېرىق ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچى 350 مىليون كىشىگە يېتىدۇ.

              ئامېرىكىدا ھەر بىر دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4000 ئىنگلىز موسى كېلىدىغان يەرنى (تەخمىنەن 24 مىڭ مو) باشقۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن ئومۇمىي يېزا ئىگىلىك نوپۇسىدىن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئومۇمىي سانىنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.6 ئەمگەك كۈچى بولىدۇ. يەنى، ئامېرىكىدىكى ھەر بىر يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچى 2500 ئىنگلىز موسى(15 مىڭ مو) يەرنى تېرىيالايدۇ. ئېلىمىزدە تېرىغىلى بولىدىغان تەخمىنەن 103 مىليون گېكتار يەر بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 350 مىليون يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچىگە 0.29 گېكتاردىن، يەنى 4.4 مودىن توغرا كېلىدۇ.

                 ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەب: ئۇلارنىڭ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق سورتقا ئىگە بولغانلىقىدىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا ھەر بىر يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچىنىڭ 15 مىڭ مو يەرنى تېرىيدىغانلىقىدا. ئېلىمىزدە ھەر بىر يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچى 4.4 مو يەر تېرىيدۇ. ئامېرىكا يېزا ئىگىلىكىدە ھەر بىر ئەمگەك كۈچى تېرىيدىغان تېرىلغۇ يەر ئېلىمىزدىكى ھەر بىر يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچى تېرىيدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ 3400 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: