پارتىينىڭ ئىددىيۋى قۇرۇلىشى توغرىسىدا
پارتىينىڭ ئىددىيۋى قۇرۇلۇشى ئاساسلىقى پارتىينىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىددىيۋى جەھەتتىن ئېلىپ بارغان بىرقاتار خىزمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. پارتىينىڭ ئىددىيۋى قۇرۇلىشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ۋەزىپىسى: ماركىسىزىم-لېنىنىزىم، ماۋزېدوڭ ئىددىيسى، دىڭ شىياۋپىڭ نەزىريىسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىينى قۇراللاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىينىڭ نەزىريىۋى سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا ماركىسىزىمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش؛ پارتىيە ئەزالىرىغا كوممىنىزىملىق ئىددىيۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى بارلىق غەيرىي پىرولېتارىيات ئىددىيلىرىنى ئۆزگەرتىپ ۋە تۈگۈتۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىددىيە جەھەتتىن پارتىيگە كىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىينىڭ ئاساسىي لۇشىيەنى ۋە پارتىينىڭ ئاساسىي بىلىملىرى ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، پارتىينىڭ ئاساسىي لۇشىيەنىنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
ئىددىيۋى قۇرۇلۇشنىڭ ماھىيىتى: پارتىينىڭ ماركىسىزىملىق ئىددىيۋى رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىينىڭ ئىددىيە جەھەتتىكى، سىياسىي جەھەتتىكى يۈكسەك بىرلىكىنى ۋە پارتىينىڭ كوممىنىستىك پاكلىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت.
ئىددىيۋى قۇرۇلۇش- پارتىيە قۇتۇلۇشىنىڭ ئاساسى. پارتىيە قۇرۇلىشى پارتىينىڭ ئىددىيە قۇرۇلىشى، سىياسىي قۇرۇلىشى، تەشكىلى قۇرۇلىشى، ئىستىل قۇرۇلىشى، تۈزۈم قۇرۇلىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىددىيۋى قۇرۇلۇش پارتىينىڭ تۈرلۈك قۇرۇلىشلىرىغا سىڭگەن بولىدۇ.
پارتىينىڭ سىياسىي قۇرۇلىشىدىن قارىغاندا، پارتىينىڭ پىروگىراممىسى ۋە لۇشىيەنىنىڭ نەزىريىۋى ئاساسى – ماركىسىزىم-لېنىنىزىم، ماۋزېدوڭ ئىددىيسى. پارتىينىڭ ئىددىيۋى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىينىڭ نەزىرىيە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىددىيۋى لۇشىيەندە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن توغرا پىروگىرامما ۋە سىياسىي لۇشىيەن تۈزۈپ چىققىلى؛ ئاندىن كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىينىڭ ئاساسىي لۇشىيەنىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش قەتئىيلىكىنى ۋە ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرگىلى؛ شۇ ئارقىلىق پارتىينىڭ پىروگىراممىسى ۋە سىياسىي لۇشىيەنىنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
پارتىينىڭ تەشكىلىي قۇرۇلىشىدىن قارىغاندا، پارتىينىڭ تەشكىلىي پىرىنسىپى – دېموكىراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى، پارتىيە ئىنتىزامى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئاڭلىقلىقنى ئۈزىگە بەلگە قىلىدۇ، تەشكىلىي پىرىنسىپ ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئىزچىللىشىشى پارتىينىڭ نەزىرىيە جەھەتتىكى توغرىلىقىغا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىددىيۋى ئېڭىغا تايىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، پارتىينىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر مەزمۇنى پارتىينىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ماركىسىزىمغا سادىق كىشىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش، بۇ ماركىسىزىمنى ئۈگۈنىش ۋە ئىگىلەشتىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىينىڭ ئىددىيۋى نەزىرىيە قۇرۇلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
پارتىينىڭ ئىستىل قۇرۇلىشىدىن قارىغاندا، پارتىيە ئىستىلى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ سىرىتقى ئىپادىسى. قانداق دۇنياقاراش بولسا، شۇنداق پارتىيە ئىستىلى بولىدۇ، شۇڭا پارتىينىڭ ئىددىيە قۇرۇلىشى پارتىينىڭ ئىستىل قۇرۇلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
پارتىينىڭ تۈزۈم قۇرۇلىشىدىن قارىغاندا، ھەرقانداق تۈزۈمنى ئادەم تۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ، مۇئەييەن ئىددىيۋى ئاساس بولمىسا، ياخشى تۈزۈم تۈزۈپ چىققىلى بولمايدۇ، تۈزۈپ چىققان تەقدىردىمۇ كىشىلەر ئۇنى ئىجرا قىلمايدۇ، تۈزۈممۇ قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا تۈزۈم قۇرۇلىشى ئىددىيۋى قۇرۇلىشنى ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساس قىلىشى كىرەك. قىسقىسى، پارتىينىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرى پارتىينىڭ ئىددىيۋى قۇرۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىددىيۋى قۇرۇلۇشنى ئاساس قىلىدۇ، ئىددىيۋى قۇرۇلۇش ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرلىدۇ.