ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ۋەقە ۋە مۇلاھىزە >> تەپسىلاتى

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن پەلەستىننىڭ ‹‹ب د ت غا ئەزا بولۇشى›› غا توسقۇنلۇق قىلىدۇ

     شىنخۇا تورى بېيجىڭ 7-سېنتەبىر خەۋىرى : ئوباما ھۆكۈمىتى ھازىر ئاخىرقى دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ ، پەلەستىننى ب د ت دىن رەسمىي ئەزالىق دۆلەت سالاھىتى تەلەپ قىلىش تىرىشچانلىقىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا . شۇنداق بولسىمۇ ، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سائىب ئېرېكات : پەلەستىن ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىدىن قورقۇپ قالمايدۇ ، بىز ب د ت غا بېرىشتا چىڭ تۇرىمىز ، دەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈردى .

     تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ، پەلەستىن ب د ت غا رەسمىي ئەزالىق دۆلەت سالاھىتى ئىلتىماس قىلسىلا ، ئامېرىكا ئۇنىڭ ب د ت دا ماقۇللىنىشىنى توسقان تەقدىردىمۇ ، بۇ ئىش ئامېرىكا دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن زور مەغلۇبىيەت ھېسابلىنىدىكەن ، چۈنكى بۇ ئىش ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ ، ئامېرىكىنى يېتىم ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىكەن

 

    ئاۋار بېرىپ توسۇش ئاسان ، ئەمما غەزەپنى تىنجىتىش تەس

 

     ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياتاتچىسى ۋېكتورىيە نېۋلاند 6- سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى بويىچە خاس ئەلچىسى داۋىد خېل بىلەن ئاقساراينىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى بويىچە باش مەسلىھەتچىسى داننىس روس ھازىرقى قاتمال ۋەزىيەتنى ئەڭ زور چەكتە تۈگىتىش توغرىسىدا پەلەستىن تەرەپ بىلەن كېڭىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇلار 6-سېنتەبىر ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتتانىياخۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باراك بىلەن كۆرۈشكەن ، خېل 7-سېنتەبىر يەنە پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئاپپاراتىنىڭ رەئىسى ئابباس بىلەن كۆرۈشىدىكەن .

     پەلەستىن 1988- يىلى دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ب د ت دىكى كۆپ سانلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى ، شۇنداق بولسىمۇ ب د ت غا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولالماي ، كۆزەتكۈچى دېگەن ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنىدى . بۇ يىل 6-ئايدا پەلەستىن مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى 9-ئايدا ب د ت غا بېرىپ ، پەلەستىنگە رەسمىي ئەزالىق دۆلەت سالاھىتى بېرىلىشىنى ھەمدە ب د ت نىزامنامىسىغا ئاساسەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئېتراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان ئىدى . ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ بۇ قارارىغا كۈچلۈك قارشى تۇرۇپ ، بۇ ھال پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىپ ، بىر ئىزىدا توختاپ قالغان تىنچلىق سۆھبىتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ ، دېدى .

     ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ، يەنە كېلىپ ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ، شۇڭا ئامېرىكا ئەگەر پەلەستىن ب د ت دىن رەسمىي ئەزالىق سالاھىيەت تەلەپ قىلسا ئۇنىڭغا قارشى ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ئىدى .

     ۋاھالەنكى ، ئامېرىكا پەقەت ب د ت دىلا قارشى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق پەلەستىننىڭ رەسمىي ئەزالىق دۆلەت سالاھىتىگە ئېرىشىشىنى توسالايدۇ . لېكىن مۇنداق بىر ئېھتىماللىقمۇ مەۋجۇت ، يەنى پەلەستىن ب د ت چوڭ يىغىنىدا ئاۋاز بېرىش يولى ئارقىلىق ، پەلەستىننىڭ سالاھىتىنى ھازىرقىدەك ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى يوق كۆزەتكۈچى ‹‹گەۋدە›› دىن ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى يوق كۆزەتكۈچى ‹‹ دۆلەت ›› دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا ، ئامېرىكا ئۇنىڭغا قارشى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى ئىشلىتەلمەيدۇ .

     بۇ ئۆزگىرىش پەلەستىننى ب د ت دىكى 10 دىن ئارتۇق ئاپپاراتقا كىرىش سالاھىيتىگە ھەمدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ .

     تەھلىلچىلەر مۇنداق ھېسابلىدى ، مەيلى رەسمىي دۆلەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشقا ياكى سالاھىيتىنى كۆزەتكۈچى ‹‹ دۆلەت ›› دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە ئىنتىلسۇن ، پەقەت پەلەستىن ھازىرقى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ ب د ت غا بېرىپ ئاۋاز بېرىشكە ئىنتىلىدىغان بولسىلا ، ئامېرىكا ، ئىسرائىلىيە قاتارلىق قارشى مەيداندا تۇرغان ئاز ساندىكى بىر نەچچە دۆلەت ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نۇر يېغىش چىرىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالىدۇ ، ئۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكىتى پەلەستىننىڭ ھەتتا پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوغزىشى مۇمكىن . بۇ ئوبامانىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئوڭشاشتىكى تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقىرىدۇ .

 

   ئامېرىكا تەرەپ يۇمشاق ، قاتتىق ۋاستىلەرنى تەڭ قوللاندى

 

     بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ، ئامېرىكا ناھايىتى كۆپ قىمار پۇلىنى پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئىلتىماس سۇنۇشىنى توسۇشقىلا تىكىدۇ . شۇڭا ، ۋاشىنگتون يۇمشاق ، قاتتىق ۋاستىلەرنى تەڭ قوللىنىۋاتىدۇ .

     ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ‹‹يۇمشاق›› ۋاستە دېگىنى ، ئامېرىكا پەلەستىن ئىسرائىلىيە سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېڭى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، لېكىن بۇنىڭ ئۈنۈم بېرىش-بەرمەسلىكى ئىسرائىلىيەنىڭ پاكىستاننىڭ تەلىپى بويىچە ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەھۇدىلار تۇرالغۇ نۇقتىسى قۇرۇشنى توختىتىش-توختاتماسلىقىغا باغلىق .ئامېرىكىمۇ بۇ تەكلىپنىڭ ئەسلىدە پەلەستىننى قوللىغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پىكرىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ، شۇنداق بولغاندا پەلەستىن تەرەپ ئۆزىنىڭ مەيدانىنى قايتىدىن ئويلىشىشى مۇمكىن .

     «قاتتىق›› ۋاستە دېگىنى ، ئىسرائىلىيەگە بىر قەدەر يېقىنچىلىق قىلىدىغان ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئامېرىكىنىڭ پەلەستىنگە ياردەم بېرىشىنى توختىتىشقا تەھدىت سېلىش ساداسى پەيدا بولدى . بۇنىڭدىن باشقا ، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى يەنە ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى 70 دۆلەتكە دىپلوماتىيە نوتىسى چىقىرىپ ، ئۇلارنى پەلەستىننىڭ ب د ت دىكى ھەرقانداق بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى . ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى بۇ دىپلوماتىيە نوتىسىنىڭ مەقسىتى پەلەستىننىڭ ب د ت يىغىنىدىكى ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .

     ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھازىر ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن تەرەپنى توسۇشتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىگە بولغان كۆز قاراشمۇ ئوخشاش ئەمەس ، بەزى ئەمەلدارلار ئامېرىكا بۇ ئېلىپ كېلىدىغان دىپلوماتىيە تەسىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ، چۈنكى ئامېرىكا ئىلگىرىمۇ ب د ت دا ئىسرائىلىيەنى قوللاش ئۈچۈن پەلەستىن مەسىلىسىدە رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن ئىدى ، دەپ قارىدى .

     يەنە بەزى ئەمەلدارلار ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتا بولۇپ بۇ ۋەقە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىدا يېڭى بىر نۆەتلىك داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن . ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى مارتىن ئىندىك ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ .يېڭى زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا باش جىنايەتچى دەپ قارىلىشى مۇمكىن ، دەپ كۆرسەتتى .

 

   پەلەستىن تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسى قاتتىقلاشتى

 

     ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئالدىدا ، ئاز بولغاندىمۇ ھازىرغا قەدەر ، پەلەستىن تەرەپ يەنىلا قاتتىق پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ كەلدى .

     پەلەستىن مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئېرېكات 5-سىنتەبىر ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەر رامئاللادا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : پەلەستىن ئامېرىكىنىڭ تەھدىتىدىن قورقۇپ قالمايدۇ ، ب د ت غا بېرىپ ، 1967-يىلىدىكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى چېگرا سىزىقىنى دۆلەت چېگرىسى قىلىپ ، شەرقىي ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلىپ ، پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا دۆلەت سالاھىيىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ .

     ئېرېكات مۇنداق دېدى : ب د ت غا بېرىپ ، قوللاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، مۇستەقىل بولغان پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلىش ھەمدە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىشنى ، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ئىجرائىيە كومىتېتى ، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ( فاتاخ ) مەركىزىي كومىتېتى ۋە پەلەستىندىكى ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلار ئورتاق قارار قىلغان ، ‹‹بىز ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قارىتا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشتەھدىتى تۈپەيلىدىن ، بۇ پىلاندىن ۋاز كەچمەيمىز».

     ئېرېكات ب د ت غا بېرىپ قوللاش جەھەتتە ئىزدىنىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختالغاندا : شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى ، بىز ب د ت نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تەغدىردىمۇ ، ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ پەلەستىندىكى ئىگىلىۋالغان زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسى قۇرۇشىنى توسۇپ قالالمايمىز ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قارىتىلغان ئىشغال قىلىشىنى ئاياقلاشتۇرالمايمىز . ئەمما ب د ت كېڭىشى پەلەستىننىڭ ئەزالىق دۆلەت سالاھىيىتىنى ماقۇللىسا ۋە ئېتراپ قىلسا ، بۇ 1967- يىلىدىكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى چېگرا سىزىقىنى دۆلەت چېگرىسى قىلغان ، شەرقىي ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتى تۇنجى قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ‹‹جەنۋە تۆتىنچى ئەھدىنامىسى ›› پەلەستىننىڭ ھازىرقى ھالىتىگە ماسلاشقان بولىدۇ ، بۇ ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ‹‹تالاش ـ تارتىشتىكى زېمىن ›› دەپ تۇرۇۋېلىشىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدۇ .

 

     ئەسكەرتىش:

     بۇ ئەسەر تەڭرىتاغ تورىدىن كۆچۈرۈپ يوللاندى. ئەگەر باشقا تورلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، تەڭرىتاغ تورىنىڭ تۈۋەندىكى ساداسىغا قۇلاق سالغايسىز!

    بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

    زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ

     ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 8521981–0991  

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

بىر نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنكەن بۇ…

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

جاۋاب بىرىپ قوياي پرېستان