ئالىم بىز بلوگى

كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا

     شىنجاڭ گېزىتى 2011- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ماقالىسى. كىتاب ئوقۇش – ئوقۇماسلىق، ئەلۋەتتە، ھەر كىمنىڭ ئەركىنلىكى. ئەمما، بۇنىڭغا ئانچە – مۇنچە ھەيدەكچىلىك، مەجبۇرىيەت تۈسىدىكى تەشەببۇس قوشۇلمىسىمۇ بولمايدۇ. ئېنىقكى، كىتابنى قەلبەن ئوقۇشقا ئادەتلەنسەك، ئۇنىڭ مەزمۇنىغا ئىچكىرىلىگەنچە ئۇلۇغ كىشىلەر بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندەك، پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى، ھەسرەت – مۇڭلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك بولىمىز. كىتاب ئادەمگە ئېسىل پەزىلەتنى ئۆگىتىدۇ، ئەدەب – ئەخلاق زېمىنىمىزغا سۈپەتلىك ئۇرۇق چاچىدۇ ھەم ئۇنى پەرۋىشلەيدۇ؛ مەنىۋىيىتىمىزدىكى چاڭ – توزاننى بېسىقتۇرىدۇ، توغرا ياشاشنى ئۆگىتىدۇ. قانداق ياشاشنى ئۆگەنگەن ئادەمنىڭ تۇرمۇشى گۈزەل ھەم ئەركىن – ئازادە بولىدۇ. تەبىئىيكى، كىتاب ئوقۇغانلار كىتابتىن نېمىدۇر بىر نېمىنى بىلگەندەك، ئۆزىگە بىر خىل كۈچ قوشۇلغاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ. كىتابنىڭ سېھرىي كۈچى مانا شۇ. شۇڭا، ئىنسانلار كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى ئاللىبۇرۇنلا بىلىپ يەتكەن.

     تارىخىمىزدا ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان، مۇئەييەن دەۋرلەردە قوللانغان يېزىقلىرىمىزدا ھايات ئادىللىقى، مۇھىتنىڭ قوغدىلىشى قاتارلىقلاردىن ئاجايىپ نەمۇنىلەر قالدۇرۇلغان. دېمەك، كىتاب ئوقۇش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئەينى دەۋر مۇھىتىدىن خەۋەردار بولۇش، نوقۇل بىلىم ئېلىشلا بولماستىن، بەلكى شۇ جەريانلاردا شەكىللەنگەن، ھېلىھەم قىممەتكە ئىگە يۇسۇنلارنى جارى قىلدۇرۇشتا بەكمۇ مۇھىم.

     ئادەملەر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە بىلىمنى ئاساسىي جەھەتتىن كىتابتىن، يەنى ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ، تەپەككۇرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي جەريانىنى، خىللانغان جەۋھەرلىرىنى كىتابتىن ئالىدۇ. 1000 يىل ئىلگىرى كىتاب بولۇپ پۈتۈلگەن ‹‹ئوغۇزنامە››، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››، ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››لەر بۇنىڭ يىمىرىلمەس دەلىلى.

     بۈگۈنكىدەك كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە ھەر بىرىمىز كىتاب ئوقۇشنى تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرمىساق، كۆزى ئوچۇق كورلاردىن بولۇپ قالىمىز – دە، زامانباب كىشىلەر قاتارىدىن چۈشۈپ قالىمىز. شۇڭا كىتاب ئوقۇشنى تەكىتلەش زۆرۈر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەجبۇرىيەت تۈسىنى ئالغان كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىش تولىمۇ زۆرۈر. كىتاب بىزگە قانداق ياشاشنى ئۆگىتىدىغان، ئادىمىيلىك قىممىتىمىزنى تونۇتىدىغان، تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىدىغان پۈتمەس خەزىنە.

     كىتاب ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىكى تەڭداشسىز گۆھەر. ھازىرقى مەدەنىيەت بىر خىل كىتاب بىلەن كىتاب ئوقۇش ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت، كىتاب ئوقۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىشمۇ ماھارەت. ھەر بىر كىتاب تېتىملىق بىر تائامغا ئوخشايدۇ. خۇددى داڭلىق ئاشپەزنىڭ قولىدىن چىققان تائاملارنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولغىنىدەك، ھەر بىر كىتابنىڭمۇ تەمى ئۆزگىچە بولىدۇ. كىتاب ئوقۇش بىلىم ئېلىشلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى. شۇنداق ئىكەن، كىتاب ھاياتلىقىمىزدىكى روھىي تۇمارىمىز بولۇشى كېرەك. چۈنكى، كىتاب دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، لېكىن كىتاب ئوقۇش ئادەملەرنى، ئادەملەر دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ. كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ تەبىئىتىنى مېھرىبانلاشتۇرىدۇ، باتۇر، ئەزىمەتلەشتۈرىدۇ، ئەقىل – پاراسەت ئاتا قىلىدۇ. ئەگەر ئۆيىمىزدە كىتاب بولمىسا، شەھەرلەردە كىتابخانا بولمىسا، يوقلۇققا يۈزلەنگەندەك بولىمىز. كىتاب ئوقۇش، ئەمەلىيەتتە، كىشىلەرنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن سۆزلىشىش جەريانى بولۇپ، زوقلانغۇچىلار كىتابتىكى پېرسوناژلار، ۋەقەلەر، تەبىئەت مەنزىرىسى بىلەن سۆزلىشىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. كىتابتىكى تۇرمۇش بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى سېلىشتۇرۇپ، مول تۇرمۇش بىلىملىرىنى جۇغلايدۇ؛ كىتابتىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆزىگە تەتبىقلاپ، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق توغرا، دۇرۇس ھايات يولىنى تاللايدۇ. كىتاب ئوقۇش ئادەملەرنى مەنىۋى بايلىققا ئىگە قىلىپ، تۇرمۇش شەكلىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرىدۇ. ئىلمىي كىشىلىك ھاياتقا، ئېسىل خاراكتېر، گۈزەل ئادىمىي ئەخلاق – پەزىلەتكە ئىگە قىلىدۇ، كۆڭلىمىزدىكى تۈگۈنلەرنىڭ يېشىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

     كىتابتا سۆزلەنگىنى بىز كۆرۈپ باقمىغان، تونۇمايدىغان، ئاڭلاپمۇ باقمىغان، ھەتتا نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئادەم ۋە ۋەقەلەر بولسىمۇ، ئۇنى ئوقۇغانسېرى ئاشۇ ئادەملەر بىلەن تونۇشلۇقىمىز باردەك، ئاشۇ ۋەقەلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولىمىز. ياخشى كىتاب بىزنىڭ روھىي ئوزۇقىمىز. ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىكى ئوي – پىكىرلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى كىتابتىن تاپقىلى بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئېسىل كىتاب قولىدىن چۈشمەيدىغان ئادەم بۇ جاھاندا مەڭگۈ غېرىبسىنىپ قالمايدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، گۈزەل سۆز – ئىدىيەلەر ئادەملەرنى مېھىر – مۇھەببەتكە، ساخاۋەتكە، ياخشى ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ، يەنە بىر مەنىدىن كىتابنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.

     توغرا پىكىرلىك ئېسىل كىتاب بۇ دۇنيادا يوقالمايدۇ، جەۋھەرلىك كىلاسسىك پىكىر كىتابقا يۇغۇرۇلۇپ، جاھانغا تارقىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىدىيەسىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. تەسىر قىلىش ئارقىلىق مەيلى ئۇ ھەجىم جەھەتتىن چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، راھەت – مۇڭ بېغىشلايدىغان گۈزەل، يېقىملىق ناخشىغا ئايلىنىپ، ئادەملەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭرايدۇ. ھەر خىل كىتاب ھەر خىل تېكىست، ھەر خىل ئاھاڭدا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىشى قەلبىگە لەززەت بېغىشلايدىغان مۇڭلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

     زامانداشلار، كىتاب بىلەن پات – پات ئەسرارلىشىپ تۇرايلى! كىتاب ئوقۇشنىڭ لەززىتى ھەقىقەتەن تاتلىق. ئۇ رىتىمى گۈزەل ناخشا. ئىنسانلار ھېلىھەم بۇ ناخشىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاۋاتىدۇ، بىر – بىرىگە جور بولۇشۇۋاتىدۇ. شۇنداق، كىتاب ئوقۇش سىزمۇ، مەنمۇ، ئىلگىرىكىلەرمۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكىلەرمۇ زوق – شوخ بىلەن ئىچ – ئىچىمىزدىن ئېيتىپ تۈگىتەلمەيدىغان تۈگىمەس ناخشا. ئۇنىڭ يېقىملىق مۇڭىدىن زوقلىنىپ، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرەيلى، تەرەققىي قىلدۇرايلى!

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-09-16
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال يازمىلار
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: