ئالىم بىز بلوگى

پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى، ھوقۇقى قوغدالدى

               شىنجاڭ تارىختىن بۇيان كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن رايون بولۇپ،  بۇ ئەھۋال ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. ھازىر شىنجاڭدا ئاساسلىقى ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى، كاتولىك دىنى، تويۈن دىنى قاتارلىقلار بار. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويدى، شىنجاڭ بۇ سىياسەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

                شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى قىلماسلىقنى پۇقرالار پۈتۈنلەي ئۆزلىرى تاللايدۇ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەر قانداق ئورگان، كوللېكتىپ ۋە شەخس بۇنىڭغا ئارىلاشسا بولمايدۇ. 2008 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايوندا مەسچىت، چېركاۋ، بۇتخانا قاتارلىق دىنىي پائالىيەت ئورۇنلىرى تەخمىنەن 24 مىڭ 800 گە، دىن خىزمەتچىلىرى 29 مىڭغا، دىنىي تەشكىلاتلار 91 گە يەتتى، ئىككى دىنىي ئىنستىتۇت – مەكتەپ قۇرۇلدى. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن بۇيان، شىنجاڭدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھەجگە بارغانلار 50 مىڭدىن ئاشتى. يېقىنقى يىللاردا يىلدا 2700 چە كىشى ھەجگە بېرىۋاتىدۇ. 2008 – يىلىغىچە، شىنجاڭدا 1800 دىن كۆپرەك دىنىي زات ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتە ۋەزىپە ئۆتىدى. ئۇلار دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ۋاكالىتەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشتى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نازارەت قىلدى.

                     شىنجاڭدا دىن ئىشلىرى نورمال ۋە تەرتىپلىك راۋاجلاندى. ھازىرغىچە تارقىتىلغان ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىدىكى ‹‹قۇرئان كەرىم››، ‹‹سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى››، ‹‹قۇرئان كەرىم›› تەپسىرى، ‹‹تاللانغان ۋەزلەر›› قاتارلىق دىنىي مۇقەددەس كىتابلار، دىنىي كىتابلار ۋە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹يېڭىدىن تۈزۈلگەن ۋەزلەر توپلىمى›› ۋە ‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلى قاتارلىقلار 1 مىليون پارچىدىن ئاشتى. شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەسچىتلەر دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ناھىيە دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 1999 – يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەت 7 مىليون 600 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ئاجرىتىپ، ئۈرۈمچىدىكى ‹‹بەيتۇل مەئېمۇر›› مەسچىتى، ئىلىدىكى بەيتۇللا مەسچىتى، خوتەندىكى جامە مەسچىتىنى قايتىدىن رېمونت قىلدۇردى. قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى، ئاپپاق خوجا مازىرى ۋە تۇرپاندىكى سۇلايمان خوجا مۇنارىنى ھۆكۈمەت كۆپ قېتىم مەبلەغ چىقىرىپ رېمونت قىلدۇردى. دۆلەت 2008 – يىلى ھېيتگاھ جامەسى ۋە ئاپپاق خوجا مازىرىنى رېمونت قىلىشقا 33 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ئاجراتتى.

                شىنجاڭدا ھازىر ئون ئاز سانلىق مىللەتتىكى 11 مىليون 300 مىڭ كىشى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مەسچىتلەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇنقى 2000 دىن كۆپىيىپ، ھازىر 24 مىڭ 300 گە يەتتى، دىن خىزمەتچىلىرى 3000 كىشىدىن كۆپىيىپ 28 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە يەتتى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا دەرس ئۆتۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلار ئۈچۈن 489 ئىمام، خاتىپ ياكى مۇدەررىس تەربىيىلىدى، ھازىر بۇ مەكتەپتە 161 ئوقۇغۇچى بار. 2001 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە، شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپى 20 مىڭ كىشى (قېتىم) دىن ئارتۇق دىن خىزمەتچىسىنى تەربىيىلىدى.  ۋىلايەت (ئوبلاست،شەھەر) لىك ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي كۇرسلار ۋە دىنىي زاتلارنى ۋاكالىتەن تەربىيىلەش كۇرسلىرىدا 3133 تالىپ تەربىيىلەندى، 1518 تالىپ مەكتەپ پۈتكۈزدى، بۇلاردىن 803 ى دىن خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە. شىنجاڭ 2001 – يىلىدىن باشلاپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلام دىنى خىزمەتچىلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 47 كىشىنى مىسىر، پاكىستان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئىسلام دىنى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتتى.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى، ھوقۇقى قوغدالدى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-04-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مىللەت - دىن
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: