ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> سىياسىي- نەزەرىيە >> تەپسىلاتى

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەيلى

يۈسۈپ كېرەم

 

          سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كىشىلەر كۆڭلىنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي ئىدىيە جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

          بىرىنچى، ماركسىزملىق يېتەكچى ئىدىيە – سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ جېنى. ماركسىزم پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش ۋە دۆلەت قۇرۇشتىكى تۈپ يېتەكچى فاڭجېنى، سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ بايرىقى ۋە جېنى. ماركسىزملىق يېتەكچى ئىدىيە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرغانلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ ماھىيىتى ۋە خاراكتېرىنى ئىگىلىگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا ماركسىزم سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئىلمىي يېتەكچى ئىدىيە، دۇنيا قاراش، مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇل بىلەن تەمىن ئېتىدىغان نەزەرىيەۋى قورال.

          ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ماركسىزم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىدى ۋە تەرەققىي قىلدى، ئۇنىڭ سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تېخىمۇ كۈچەيدى ۋە مۇستەھكەملەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى پائالىيىتىدىكى مۇستەقىللىق، ئۆزگىرىشچانلىق ۋە پەرقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي ئىدىيە مىسلىسىز جانلىنىپ، كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى كۆپ خىللاشتى. كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىللىشىشى كىشىلەرنىڭ ئىسلاھات ئېڭى، رىقابەت ئېڭى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. بىراق شۇنى ئەستە ساقلاش كېرەككى، دۆلىتىمىزدە ماركسىزم ۋە ئۇنىڭ جۇڭگوچىلاشقان ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئاساسىي ئېقىمدىكى سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ يادروسى ۋە بايرىقى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ساغلام، ماس تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى پائالىيىتى، قىممەت قارىشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى قانچىلىك كۆپ خىللاشسۇن، ئىجتىمائىي ئىدىيە قانچىلىك جانلانسۇن، ئۇ چوقۇم ماركسىزم ۋە ئۇنىڭ جۇڭگوچىلاشقان ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى يېتەكچى قىلغان بولىدۇ، كۆپ خىللىشىش، جانلىنىش بىر مەنبەلىك بولۇشى كېرەك. بۇ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئىدىيە جەھەتتىكى ئورتاق تونۇشنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

           ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئورتاق غايە ۋە ئېتىقاد – سوتسىيالىسىتىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. غايە كىشىلەرنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى، سىياسىي ئېتىقاد ئۈچۈن كۈرەش قىلىش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش داۋامىدا جاپالىق ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش توغرا يولىنى تېپىپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ ۋە شانلىق مەنزىل ئاتا قىلدى. دېموكراتىك، قانۇن ئىدارە قىلىنىدىغان، ئادىل – ھەققانىي، سەمىمىي دوستانە بولغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، تىنچ – تەرتىپلىك بولغان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق غايىسى ۋە ئارزۇسى.

          ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى، رىقابەت كۈچى كۈچەيدى، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرى ئاشتى، خەلق ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق تۇرمۇشقا قەدەم قويدى. سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق غايىسى ۋە ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ كەلگۈسى ۋە پارلاق ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئېتىقادىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

          سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا، خەلققە، بولۇپمۇ ياشلار – ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى، ئەمگەكنى ۋە ئىلىم – پەننى سۆيۈش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى، مەنپەئەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كوممۇنىزملىق غايىسى ۋە سوتسىيالىستىك ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشىمىز لازىم.

           ئۈچىنچى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ جەۋھىرى. مىللىي روھ بىر مىللەت ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن مىللىي ئاڭ، مىللىي پسىخىكا، مىللىي پەزىلەت، مىللىي خاراكتېرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى، بىر مىللەتنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، راۋاجلىنىشى، گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشىدىكى مەنىۋى كۈچ، شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك، ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىتتىپاقلىشىدىغان، تىنچلىقنى سۆيىدىغان، ئەمگەكچان، باتۇر، ئۆزىنى بوشاشماي قۇدرەت تاپقۇزىدىغان مىللىي روھنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆز كۈچىگە ۋە ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ شانلىق مەدەنىيەت يارىتىپ، دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. شۇڭا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈش، ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە جارى قىلدۇرۇشتا، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شانلىق مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىمىز؛ دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋر ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىمىز؛ رېئاللىققا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە ئېچىۋېتىش نەزەرى بىلەن يۈزلىنىپ، تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئىتى، ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغدىشىمىز لازىم.

           ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشتا، دەۋرگە ماس كەلمەيدىغان كۆز قاراش، ئۇسۇل ۋە تۈزۈلمىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، دۆلەتنىڭ كۈچىيىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى، خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشىغا پايدىلىق ئىدىيە ۋە روھنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىگە، كىشىلەر كۆڭلىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا پايدىلىق ئىدىيە ۋە روھنى، ھالال ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش ۋە كېلەچەك يارىتىدىغان ئىدىيە ۋە روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك، ئىجادىيەت ئارزۇسى، ئىجادىيەت نەتىجىسى ھۆرمەتلىنىدىغان، جارى قىلدۇرۇلىدىغان، قوللاشقا ئېرىشىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىشىمىز لازىم. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا مىللىي روھ بىلەن دەۋر روھى ئورگانىك بىرلىككە ئىگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ جەۋھىرىنى شەكىللەندۈرگەن.

           تۆتىنچى، ئەخلاق، ئىجتىمائىي جامائەت پىكرى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتنىڭ كۈچى ۋە رولى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، ئاممىۋى تەرتىپنى قوغداش سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مەنىۋى كۈچ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ئەخلاق ساھەسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. شۇڭا پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاقىي مىزان تۇرغۇزۇپ، ئىناق كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە مەدەنىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش خەلقنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مول ماددىي بايلىق يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، خەلقنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسى، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىمۇ تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ماددىي تۇرمۇش ياخشىلىنىپ، مەنىۋى تۇرمۇش بېيىتىلمايدىكەن، ھەقىقىي ئىناق جەمئىيەت قۇرغىلى بولمايدۇ.

           سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئېچىۋېتىلگەن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان سىستېما قۇرۇلۇشى. ئۇ ئەمەلىيەتنىڭ، دەۋرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار ياراتقان بارلىق ئىلغار، پايدىلىق ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. شۇڭا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ۋەزىپىسى قىلىپ، ئۇنى جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئېتىراپ قىلىدىغان، چىن كۆڭلىدىن رىئايە قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرغان ئەخلاقىي مىزانغا، مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي مېلودىيىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: