ئالىم بىز بلوگى

ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ماھىيىتى – مۇستەملىكىچىلىكمۇ؟

          ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 8–ئاپرېل ‹‹دۆلەتلەرنىڭ 2010–يىللىق ئىنسانىي ھوقۇق دوكلاتى›› نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 190 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى ئىسمىنى ئاتاپ تەنقىد قىلدى، بۇ دوكلات ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك رەددىيەسى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ‹‹بېيجىڭ گېزىتى›› نىڭ 15– ئاپرېلدىكى ئوبزورىدا: ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق چۈمپەردىسى مۇستەملىكىچىلىك ماھىيىتىنى يوشۇرالمايدۇ، دېيىلدى.

          ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىزچىل باشقىلارغا ‹‹تەنبىھ بەرگۈچى››، ‹‹سوتچى›› قىياپىتىدە مەيدانغا چىقتى، 1977–يىلىدىن بۇيان ، ھەر يىلى ئېلان قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەيدىغان ئاتالمىش ئىنسانىي ھوقۇق دوكلاتى بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرىنىڭ بىرى. ئامېرىكا ۋەز ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئۇنى ئېتىراپ قىلىدىغانلار ساناقلىقلا. بۇنىڭ سەۋەبى تولىمۇ ئاددىي، يەنى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسىمۇ ئىنتايىن ناچار، باشقا دۆلەتلەرنى ئۇنى–بۇنى دەيدىغان ھېچقانداق ھوقۇقى يوق. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى : ئامېرىكا بۈگۈنگىچە ب د ت ئىمزالىغان بىر قانچە مۇھىم ئىنسانىي ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلدى . بۇ يىل 18–مارت ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك تەكشۈرگەندىن كېيىنكى ئاخىرقى ھۆججەتنى ماقۇللاپ ، يادرولۇق خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق شەرتنامىسىنى تەستىقلاش ، ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇشتى ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق–مەنپەئەتى ، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە گۋانتىنامو تۈرمىسى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق 228 تۈرلۈك تەكلىپ بەردى ، ئامېرىكا ‹‹ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى باشقا دۆلەتلەر تەنقىد قىلماسلىقى كېرەك›› دېگەن باھانە بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا 40 نەچچە تەكلىپنى قوبۇل قىلدى. ئاغزى–ئاغزىغا تەگمەي باشقىلارنى تەنقىدلىگەن، چەكلىگەن تۇرۇقلۇق ئۆزى باشقىلارنىڭ تەنقىدىنى، چەكلىشىنى قوبۇل قىلمىدى، بۇنداق يولسىز قوش ئۆلچەم ‹‹ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى››نىڭ ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوبرازىنى بۇرمىلاش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى كۆزلەشتىكى باھانىسى ۋە قورالىغا ئايلىنىپ، ‹‹ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئەلا بىلىش ›› نىڭ يوشۇرۇن مۇشتۇمزورلۇقنىڭ جامائەت پىكرى توپلاشتىكى سىياسىي شوئارى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى . غەرب دۆلەتلىرى مۇستەملىكە دەۋرىدىكى ئاشكارا تاجاۋۇزچىلىق ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى ، ئۇلار قارىماققا تولىمۇ گۈزەل ، ئاۋامنى ئاسانلا رام قىلىدىغان ‹‹ئىنسانپەرۋەرلىك مۇداخىلىسى››، ‹‹ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئەلا بىلىش›› مۇقامىنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئەخلاقنى دەستەك قىلىپ ، دۇنيانىڭ جاي–جايلىرىدا ئۆتمۈشتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى قورالى ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي ھېس قىلدى.

          ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت خەلققە مەنسۇپ ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ كوللېكتىپ ئىنسانىي ھوقۇقىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ئاتالمىش ‹‹ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئەلا بىلىش ›› مەنتىقە جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەتلەر بولغاچقىلا بۈگۈنكى خەلقئارا جەمئىيەت ‹‹ جەمئىيەت ›› بولۇپ تۇرالىغان ، ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت بۇ ئالدىنقى شەرت بولغاندىلا ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغدىغىلى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ . ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى ، ئاز ساندىكى دۆلەتلەر ئىنسانىي ھوقۇقنى باشقۇرسا، تەبىر بەرسە ۋە باھالىسا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، ئۇلارنى ئىگىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلسا، ئىنسانىي ھوقۇقمۇ قوغدىغۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ماھىيىتى – مۇستەملىكىچىلىكمۇ؟

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-21
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 3دانە
  1. ئاجايىپ تەھلىلى بۇلۇپتۇغۇ بۇ!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. ئەنئەنەبلوگى

    بلوگىڭىز ئۆزگىچە ئىكەن! ئەنئەنەبلوگى بىلەن ئۇلىنىش قىلىشنى خالارسىزمۇ؟

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    TuranTekin مۇنداق دېدى:

    ئەلۋەتتە خالايمەن. شۇڭا ئاللا بۇرۇن سىزنى خەتلىك ئۇلۇنىش قاتارىغا قوشقان ئىدىم. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن لوگولۇق ئۇلىنىشقا قېتىپ قوياي.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: