ئالىم بىز بلوگى

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرەيلى

ئۆمەرجان سۇلايمان

 

     تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلى ۋە رەھبەرلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئىلمىي، دېموكراتىك ۋە قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، تەدبىرنىڭ توغرىلىقىغا ۋە پارتىيە، دۆلەت ئىشلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئېسىل ئەنئەنىسى. يولداش ماۋ زېدۇڭ ‹‹تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق›› دېگەن ئىلمىي يەكۈن ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئەمەلىيەت ئاساسىدا مۇكەممەل، سىستېمىلىق، ئىلمىي، يېتەكچىلىكى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش داۋامىدا ئۇنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىدىيەسىگە ئايلاندۇرغان. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغاندا، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىدىن ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. پەقەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىلا، ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، سىياسەت تۈزگەندە، خىزمەتلەرنى پىلانلىغاندا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا كۆڭۈلدە سان تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.

     تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىلمىي تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ كاپالىتى. نۆۋەتتە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي نۇقتىسىدا يېڭى ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلۈپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات يېڭى تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا، شۇڭا ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئۆز ئورنىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتى ۋە ئاساسىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، نىشانى، يولى، سىياسەت – تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق يېڭى تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشىمىز؛ ئەمەلىيەتتىن، ئاممىدىن ئۆگىنىش قارىشىنى تىكلەپ، ئاممىنىڭ ئىجادىي روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا بارلىققا كەلگەن تەجرىبىلەرنى ئىلمىي تەرەققىيات تەپەككۇر يولىغا ۋە سىياسىي تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

     تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى كۈچەيتىشنىڭ كاپالىتى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەسىلىنى توغرا تېپىپ، ئىلمىي تەرەققىياتغا توسالغۇ بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانى، شۇنداقلا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئىستىلىنى تەكشۈرۈش جەريانى بولۇپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەدبىرنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرغاندىلا، ئىلمىي تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشقا پايدىلىق. پەقەت ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەدبىر تۈزۈشتىكى بىرىنچى قول ماتېرىيال ئىگىلىگەندىلا، ئاممىنىڭ ساداسى، غەم – قايغۇسىنى چۈشىنىپ، ئاممىنىڭ ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تىكلىگىلى، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلەتكىلى، دەۋرگە، خەلققە يۈز كېلەلىگۈدەك نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.

     تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئىگىلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى تونۇش پائالىيىتى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى ھېسسىي بىلىشنىڭ ئەقلىي بىلىشكە ئۆتۈش جەريانى، شۇنداقلا بىلىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى ۋاسىتە. يېڭى دەۋردە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ يېتەكچى پرىنسىپى قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى ئۇسۇلى قىلىپ، ماھىيەتلىك پىرىنسىپقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى سىناشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ، تەدبىرنىڭ ئىلمىيلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:

      (1) ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىلمىي پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى مەقسەت ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىنى تونۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا رىئايە قىلىدىغان مۇھىم پىرىنسىپ قىلىشىمىز كېرەك.

      (2) دېئالىكتىك نۇقتىئىنەزەر ئارقىلىق ئەمەلىي ئەھۋالنى تەھلىل قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە يولىنى ئوتتورىغا قويۇشىمىز؛ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

      (3) ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىدىن ئېلىپ، ئاممىغا قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە، ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسىلىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق توغرا تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرەيلى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-04
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: