ئالىم بىز بلوگى

زامانىمىز كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈرەش مارشىنى ياڭرىتايلى

شىن شۈەن

 

     تارىخنىڭ چاقى يېڭى ئەسىرنىڭ ئىككىنچى ئون يىلىغا قەدەم قويغان پەيتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋرى، يېڭى باسقۇچىنى كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 21 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۈشكۈل ۋەزىپە شىنجاڭدىكى 1 مىليون 320 مىڭدىن ئارتۇق كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ زىممىسىگە چۈشتى.

     90 يىللىق بوران – چاپقۇندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولىدىغان يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ چىقتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشىنىڭ يېڭى دەۋرىنى باشلىدى. باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ ئېيتقىنىدەك، جۇڭگونىڭ 90 يىللىق تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشىدىن شۇنداق يەكۈن چىقارغىلى بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا پارتىيە ئاچقۇچ.

     شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، خەلق ئىگىلىكى سىجىل تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىشلىرىمىز كۈنسايىن يۈكسىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. بۇ نەتىجىلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەزالىرىنىڭ جاپالىق كۈرەش قىلىشى ۋە خالىس تۆھپە قوشۇشى نەتىجىسىدە قولغا كەلدى. ئۇلار ھەر قايسى سەپلەرنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى ھەم دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، ئۇلار ئۆز ئېتىقادى ۋە كۈرىشى ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

     مەركەز 2015 – يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش، 2020 – يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق كۈرەش نىشانى بېكىتىلدى. پىلانى ئۇلۇغ ۋە دەبدەبىلىك، نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بۇ بەش يىل بىزگە شۇنى چوڭقۇر تونۇتتىكى، كېيىنكى بەش يىل شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، پۇرسەت ۋە خىرىس مىسلىسىز بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتى ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە تەخىرسىز. مانا مۇشۇنداق دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتكومنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولى، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ.

     ھازىر دۇنيا، دۆلەت ۋە پارتىيە ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان پەيتتە، يېڭى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇش تەلىپى بويىچە، ماركسىزملىق مەيدان، قاراش ۋە ئۇسۇل بويىچە يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. تارىخنى ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق تەقدىرنى بىلگىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەت تارىخنىڭ كىشىگە ئەقىل – پاراسەت ۋە بېشارەت بېرىشىگە موھتاج. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى، مىللەت، دىن ئۆزگىرىشى تارىخى ۋە رايون ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مىللەت، دىن سىياسىتى، قانۇن – تۈزۈمنى ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ نەزەرىيە ساپاسى، پارتىيەۋىلىك ساپاسى، شۇنداقلا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

     تۈزۈم قۇرۇلۇشى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. كۈچلۈك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتا ئىشنى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن باشلاش كېرەك. دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش قائىدىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، تۈزۈم ئالدىدا ئىمتىياز بولماسلىق، تۈزۈم بىلەن چەكلەشتە ئايرىم ئەھۋال بولماسلىقتەك قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۈزۈمنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قەتئىي ئىجرا قىلىپ، تۈزۈمگە ئاڭلىق ئەمەل قىلىش كېرەك.

     ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، دېموكراتىك، ئاشكارا بولۇش، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپى بويىچە، ئاساسىي قاتلامدىن، ئەمەلىيەت جەريانىدا رەھبىرىي كادىرلارنى تاللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى پىروگراممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر خىل ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ زېمىنىدا ئىختىساسلىقلارنى يىغىش شوئارىنى توۋلاپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، تۆھپە قوشۇپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى يارىتىپ، ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي قابىلىيەت بايلىقىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

     ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ تەشكىلىي ئاساسى. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا بولۇش – بولماسلىقى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنىڭ مۇستەھكەم بولۇش بولۇش – بولماسلىقى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش – ئەمەلىيلەشمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىپ،ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. ئىلغار – مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

     خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى. ھەر قانداق تارىخىي پەيتتە، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى 1 – ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى بارلىق خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلققە مۇھەببەت باغلاش، خەلق مەنپەئەتىنى كۆزلەش كېرەك.

     ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، بىراق يەنە يېڭى ئېھتىياج، يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەرمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بارلىق پارتىيەلىك كادىر، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئەمەلىيەتكە، ئاساسىي قاتلامغا ۋە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى يىغىپ، ئىشنى ئامما ئېھتىياجلىق بولغان تەرەپلەر، ئامما ئەڭ نارازى تەرەپلەردىن تۇتۇپ ئىشلەش ئارقىلىق، قارار – تەدبىرلىرىمىزنى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنىڭ قانۇنىيىتى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

     خەلق مەنپەئەتىنى ھەر قاچان ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى كونكرېت خىزمەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، قۇرۇق گەپ ساتماسلىق، كۆز – كۆز قىلماسلىق، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلماسلىق كېرەك. مۇرەككەپ زىددىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، ئۆزىمىزنى چەتكە ئالماي، بىر – بىرىمىزگە ئىتتىرمەي، بوشىشىپ كەتمەي، مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەر قاچان ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش ئىنتىزامچان بولۇپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىشلىرىمىزدا غەلىبە قازىنىمىز دەيدىكەنمىز، جەزمەن پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

     شىنجاڭنىڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما يۇرت – ماكانىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، روناق تېپىشى، شۇنداقلا ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى بولۇپ، شەرەپلىك تارىخىي بۇرچ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى ئالدىدا، بارلىق پارتىيە ئەزاسى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، خىرىسقا دادىل يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن زامانىمىز كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈرەش مارشىنى ياڭرىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشى كېرەك.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: زامانىمىز كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈرەش مارشىنى ياڭرىتايلى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: