ئالىم بىز بلوگى

شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلايلى

 

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

 دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە

 تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى›› ئېلان

 قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز

ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى

 

          ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 1991 – يىلى ‹‹جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹قارار›› دېيىلدى) نى ئېلان قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئىككى ‹‹قارار›› ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ، كەلگۈسى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە نەزەر سېلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

          ئىككى ‹‹قارار›› ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى

          مەركەز 1991 – يىلىنىڭ بېشىدا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇللىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەر قايسى تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە خەلق ئاممىسىغا تايىنىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەمۇرىي، قانۇن، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنىڭ تۈپتىن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازلىتىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ھەم شۇ يىلى 19 – فېۋرال ۋە 2 – مارت ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ‹‹جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار››نى كەينى – كەينىدىن ماقۇللىغان. بۇ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى شەكلىدە بېكىتىلگەنلىكىدىن دېرەك بەرگەن. 1992 – يىلى 10 – ئايدا پارتىيەنىڭ 14 – قۇرۇلتىيى ‹‹جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش›› نى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزگەن ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› نىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرغان.

          ئىككى ‹‹قارار››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرگەچكە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. 20 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىككى ‹‹قارار››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى، ئاممىنىڭ پائال قاتنىشىشى نەتىجىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.

          بىرىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› لەر ۋە ھەر خىل ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە زەربە بېرىش جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلىنىپ، بىر تۈركۈم زوراۋان، تېررورچى تەشكىلات ۋە شايكىلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىلىپ، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ‹‹غەربلەشتۈرۈش››، ‹‹پارچىلاش›› رەزىل نىيىتى بىتچىت قىلىنىپ، ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايىتى ۋە ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىلدى.

          ئىككىنچى، نۇقتىلىق تۈزەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇش ۋە قىسمەن جايلاردا جەمئىيەت ئامانلىقى مۇھىتى ناچار بولۇش ئەمەلىيىتىگە قارىتا، ‹‹قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىپ زوراۋانلارنى يوقىتىش››، ‹‹ بۇلاڭچىلىق، تارتىۋېلىش ۋە ئوغرىلىق قىلىش›› قا زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشى بىلەن ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش›› ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ ئەتراپى مۇھىتى بىلەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز توشۇش تۇرۇبىسى ئەتراپى مۇھىتى قاتارلىقلارنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى قوغدالدى.

          ئۈچىنچى، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. خەلق كېلىشتۈرۈش، مەمۇرىيەت كېلىشتۈرۈش، ئەدلىيە كېلىشتۈرۈش بىرلەشكەن ‹‹چوڭ كېلىشتۈرۈش›› خىزمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئىختىلاپنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئالدى ئېلىنىپ ۋە ھەل قىلىنىپ، زىددىيەت بىخ ھالىتىدە يوقىتىلدى؛ ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تېخنىكىلاشتۇرۇشنى تايانچ قىلغان ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، ئەمەلىي گەۋدە ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، تېخنىكا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن›› جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، ھەر خىل دېلو (ۋەقە)لەر مۇقىم ئازايدى.

          تۆتىنچى، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلدى. دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش قانۇن بويىچە كۈچەيتىلىپ، دىننى ۋاسىتە قىلغان قانۇنسىز ھەرىكەتلەر چەكلەندى؛ ئەمەلىي نوپۇس مۇلازىمىتى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۆچمە نوپۇسلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى؛ جىنايى جازا مۇددىتى توشقان ۋە ئەمگەك بىلەن تەربىيەلىنىشتىن قويۇپ بېرىلگەنلەر، زەھەر چەككۈچىلەر، جەمئىيەتتىكى بىكار كىشىلەر، سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مۇقىم كىرىمى، ئەمگەك ئىقتىدارى، باققۇچىسى يوق كىشىلەر، روھىي كېسىلى بارلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەرگە ياردەم بېرىش، تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش، قۇتقۇزۇش خىزمىتى كۈنسېرى كۈچەيتىلدى. بەشىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمەتلىرى كۈچەيتىلدى. ئالتىنچى، ئامانلىق قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

           ئىككى ‹‹قارار›› كۆرسەتكۈچ قىلىنىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

          دۆلىتىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ھازىر ئىقتىساد تېز راۋاجلىنىش، سىياسەت سىجىل مۇقىم بولۇش، مىللەتلەر ئىناق – ئىتتىپاق بولۇش، جەمئىيەت گۈللىنىش ۋە ئىلگىرىلەشتەك يېڭى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويدى. بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت مىسلىسىز تەرەققىيات دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى. بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش، ھالقىما تەرەققىياتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا، خەلقئارا مەسىلىلەر بىلەن دۆلەت ئىچى مەسىلىرىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى، مەۋھۇم جەمئىيەت بىلەن رېئال جەمئىيەتنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى، دۈشمەن بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى زىددىيەتنىڭ خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت بىلەن گىرەلىشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ھەم بولمايدىغان ھەرخىل خەۋپلەر كۈنسېرى كۆپىيىدۇ. شۇڭا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنداقلا ھەر قايسى تارماقلار، ئورۇنلار جەزمەن جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاساسىي فاڭجېنىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە دائىر تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا يېتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

          بىرىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەزمەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئانالىز ھۆكۈمى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ‹‹تەرەققىيات چىڭ قائىدە ۋە 1 – مۇھىم ۋەزىپە››، ‹‹مۇقىملىق كەسكىن ۋەزىپە ۋە 1 – مەسئۇلىيەت، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى›› دېگەن ئىدىيەنى چىڭ تۇرغۇزۇشى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، رىغبەتلەندۈرۈش – جازالاش تۈزۈمى، تەكشۈرۈش – باھالاش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسىنى ئۇنۋان ۋە دەرىجە ئۆستۈرۈش، مۇكاپاتلاش – جازالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشى، ئامانلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتنى يەرلىك، تارماق، ئىدارە ۋە رەھبىرىي كادىرلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

          ئىككىنچى، تەڭ تۇتۇپ، بىرلىكتە باشقۇرۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار جەزمەن ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامى››دا بەلگىلەنگەن قانۇنىي مەسئۇلىيەت بويىچە، ‹‹تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش››، ‹‹كىم باشقۇرسا شۇ مەسئۇل بولۇش››، ‹‹كىم تىجارەت قىلسا شۇ باشقۇرۇش›› پىرىنسىپىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، ئىختىلاپ، تالاش – تارتىشلارنى بىرلىكتە تۈگىتىش، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ئىشلەش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تۈزەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ تىنچلىقىنى بىرلىكتە يارىتىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

            ئۈچىنچى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچلەر›› ۋە ‹‹ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايىتى ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىدىغان ۋەزىيەتنى ئىزچىل ساقلاش بىلەن بىللە، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك، بۇنىڭدا مۇھىمى مۇقىملىقى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان رايونلارنى مەركەزلىك تۈزەش، جەمئىيەت ئامانلىقى نۇقتىلىق تۈزۈلىدىغان رايونلارنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزەش، ئاجىز، تارقاق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش؛ ‹‹چوڭ كېلىشتۈرۈش›› خىزمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلاردا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كېلىدىغان خەۋپنى باھالاش مېخانىزمىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، تاسادىپىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەنبەدىن تۈزەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش؛ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشقا پائال قاتنىشىش، كۆچمە نوپۇس، ئالاھىدە كىشىلەر توپى، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات بىلەن يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات، يېڭىچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش؛ ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، ئەمەلىي گەۋدە ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، تېخنىكا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ئۆز ئارا بىرلەشكەن جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئامانلىق ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

               تۆتىنچى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ تور ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلام مۇقىم بولغاندىلا، ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامدا كۈچ ئاجىز بولۇش، خىراجەت كاپالىتىدە قىيىنچىلىق بولۇش، ئۈسكۈنە – ئەسلىھەلەر قالاق بولۇشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈچىنى زورايتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

             بەشىنچى، مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئاممىغا تايىنىپ تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئاممىغا تايىنىپ تۈزەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، تىنچلىقنى ھەممە كىشى يارىتىدىغان ۋە بەھرىمەن بولىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. جايلار چاققان – چەبدەس بولۇش، نورمال پوزىتسىيە تۇتۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، كارغا كېلىش پىرىنسىپى بويىچە يېزا – بازار (كوچا باشقارمىسى)دا مەخسۇس ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتى قۇرۇشنى كۈچەيتىش، كەنتلەرنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا كەسىپتە پۇختا كىشىلەرنى مەسئۇل قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ كوللېكتىپ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش تەشكىلاتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلامدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ئالدىنقى سەپ خىزمىتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

            ئالتىنچى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

          ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۆھپىسى زور بولدى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى ۋەزىپە يەنىلا ئېغىر، يول يىراق. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەركەزنىڭ ئىككى ‹‹قارارى›› ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى پۇرسەت بىلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ھەم زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك!

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلايلى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-06
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: