ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەدەنىيەت - تارىخ >> تەپسىلاتى

ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تارىخى خاتىرىلەر

1. شاڭ سۇلالىسى (م.ب 18- ئەسىردىن م.ب 12- ئەسىرگىچە) دەۋرىدە:

ئىلىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايۇنلاردا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان گۇيفاڭ(鬼方) دەپ ئاتالغان بىر قەبىلە تارىخ سەھنىسىدە پەيدا بولغان.

2. شاڭ(م.ب18—12-ئەسىر)، جۇ(م.ب12—9-ئەسىر) سۇلالىرى دەۋرىدە:

ئىلىمىزنىڭ تارىخى ماتىرىياللىرىدا گۇيفاڭلار يەنە دى(翟) ياكى دى(狄) دەپ ئاتالدى. بۇ تۈرۈك دىگەن نامنىڭ خەنزۇچە قىسقارتىپ تەلەپپۇز قىلىنىشى ئىدى.

3. م.ب 13—8- ئەسىرلەردە:

دىلار ئىلىمىزنىڭ تارىخى ماتىرىياللىرىدا يەنە دەنلۇ(旦路)، دىڭلىڭ(钉灵) دەپمۇ ئاتالغان. بىر تارمىقى جەنۇبى سىبىريە رايۇنىدا قاراسۇق مەدىنىيىتى دەپ ئاتالغان برونزا مەدىنىيىتىنى ياراتقان.

4. م.ب 8—7- ئەسىرلەردە:

ئىلىمىزنىڭ تارىخى ماتىرىياللىرىدا دىلار يەنە قىزىل دى(赤狄)، ئاق دى(白狄)، ئۇزۇن دى(长狄) دەپ ئۈچ تارماققا بۈلۈنگەن.

5. ئەمىنىيە، يېغىلىق (م.ب 8—3- ئەسىر) دەۋىرلىرىدە:

ئاق دىلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئىچكىرلەپ كىرىپ، بۇگۈنكى خېبېي ئۆلكىسىدە جوڭشەن دۆلىتى(中山国) دەپ ئاتالغان قۇدىرەتلىك بىر خانلىقنى قۇرغان.

6. م.ب 8—3- ئەسىرگىچە:

دىلارنىڭ بىر تارمىقى جەنۇبى سىبىرىيە رايۇنىدا تاغار مەدىنىيىتى دەپ ئاتالغان دەسلەپكى تۈمۈر قۇراللار مەدىنىيىتىنى ياراتقان.

7. يېغىلىق، چىن سۇلالىسى(م.ب 5—3- ئەسىر) دەۋىرلىرىدە:

دىلار ئىلىمىزنىڭ تارىخى ماتىرىياللىرىدا يەنە دىڭلىڭ(丁零) دەپ ئاتالغان. ئالتاي تېغىنىڭ شەرىقىدىكى رايۇنلاردا ياشىغانلىرى شەرىقى دىڭلىڭلار، ئالتاي تېغىنىڭ غەرىبىدىكى رايۇنلاردا ياشىغانلىرى غەرىبى دىڭلىڭلار دەپمۇ ئاتالغان.

8. م.ب 209- يىللىرى:

ئىلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان ھونلار قۇدىراتلىڭ ھون ئىمپىريىسىنى قۇرغان. دىڭلىڭلار ھونلار تەرىپىدىن بۇيسۇندۇرۇلغان.

9. مىلادىيە 3- ئەسىردىن كىيىن:

دىڭلىڭلار ئىلىمىزنىڭ تارىخى ماتىرىياللىرىدا يەنە چېلى(敕勒) ياكى ياكى قانقىل(高车) دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.

10. مىلادىيە 4- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا:

مۇڭغۇلىيە ئىگىزلىكىنىڭ شىمالىدىكى قانقىللار شەرقى قانقىل ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ چاغدا قانقىللا 6 چوڭ قەبىلە، 12 ئۇرۇققا بۈلۈنگەن. خەنزۇچە تارىخى ماتىرىياللاردا قانقىللا يەنە تېلې(铁勒) دەپمۇ ئاتىلىشقا باشلىغان.

11. مىلادىيە 390- يىلى:

شەرقى قانقىل ئىتتىپاقىنىڭ ئىچىدە، خەنزۇچە تارىخى ماتىرىياللاردا يۇەنخې (袁纥) دەپ ئاتالغان بىر قەبىلە بارلىققا كالگەن. بۇ ئۇيغۇر دىگەن نامنىڭ خەنزۇچە ماتىرىياللاردا تۇنجى قېتىم خاتىرلىنىشى ئىدى.

12. مىلادىيە 402- يىلى:

جورجان خانلىقىنىڭ خانى سەللان مۇڭغۇلىيە ۋادىسىنىڭ شىمالىدىكى قانقىللارنىڭ زىمىنىغا بېسىپ كىرگەن. قانقىللارنىڭ قوغۇرسۇ قەبىلىسىنىڭ باتۇر ئاقساقىلى بەگقۇلى قوۋمىغا باشچىلىق قىلىپ جورجانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان.

13. مىلادىيە 487- يىلى:

قانقكىللارنىڭ ئاقساقىلى ئاي ئۇجرۇ جورجان خانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ، 100 مىڭ تۈتۈندىن ئارتۇق ئادىمىنى باشلاپ بوغدا تېغى باغرىغا كۈچۈپ كىلىپ، جەنۇپتا يارغۇلنى(تۇرپاندا)، شىمالدا بېشبالىق(جىمساردا) نى مەركەز قىلغان قانقىل خانلىقىنى قۇرغان. ئاي ئۇجرۇ ئۇلۇغ تەڭرىقۇت، ئىنىسى چۇڭچى ئۇلۇغ بەگ دەپ ئاتالغان.

14. مىلادىيە 541- يىلى:

قانقىل خانلىقى جورجان خانلىقى تەرىپىدىن يۇقىتىلغان.

15. مىلادىيە 551- يىلى:

تېلېلارغا تەۋە ئاشىنا تۈرۈكلىرى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىدا باش كۈتۈرۈپ چىقىپ، قانقىللارنىڭ 50 مىڭ تۈتۈندىن كۆپ ئادىمىنى ئۈزىگە قۇشۇۋالغان.

16. مىلادىيە 552- يىلى:

ئاشىنا تۈرۈكلىرىنىڭ قاغانى تۈمەن جورجانلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۈزىنى ئېل قاغان دەپ جاكارلاپ، ئۆتۈكەننى مەركەز قىلغان كۆكتۈرۈك خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان.

17. مىلادىيە 583- يىلى:

 كۆكتۈرۈك خانلىقى ئالتاي تېغىنى پاسىل قىلغان ھالدا شەرقى تۈرۈك خانلىقى ۋە غەرىبى تۈرۈك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۈلۈنگەن.

18. مىلادىيە 605- يىلى:

شەرقى تەڭرىتاغ ئىتەكلىرىدىكى تېلې قابىلىلىرى ئىچىدىكى بۆگۈ(بارغۇت)، توڭرا، چۆبە(قاپىش)، سىر-تاردۇش قاتارلىق قەبىلىلەر غەرىبى تۈرۈكلەرنىڭ ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۈتۈرگەن. قەبىلە باشلىقلىرى ئۆزلىرىنى «ئېركىن» دەپ ئاتاشقان.

19. مىلادىيە 627- يىلى:

شەرقى تۈرۈكلەرنىڭ ھۈكۈمرانلىقىدىكى سىر-تاردۇش، ئۇيغۇر(خۇيخې)، بايىرقۇ قاتارلىق توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرى شەرىقى تۈرۈكلەرگە قارشى ئىسيان كۈتۈرگەن. ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بوسات 5000 ئاتلىق چەۋەنداز بىلەن ئىلىگ قاغاننىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قۇشۇنىنى مازوڭشەن تېغىدا مەغلۇپ قىلىپ، شەرىقى تۈرۈكلەرنىڭ ھۈكۈمىرانلىقىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەم تۇغلا دەرياسى بۇيىدا ئۆز بارىگاھىنى قۇرغان.

20. مىلادىيە 629- يىلى:

موڭغۇلىيە ۋادىسىنىڭ شىمالىدا ئۇيغۇر(خۇيخې) ۋە سىر-تاردۇش قەبىلىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ سىر-تاردۇش خانلىقى قۇرۇلغان. تاڭ سۇلالىسى سىر-تاردۇش خانلىقىنىڭ قاغانى ئىنانغا ئىدۇگ بىلگە قاغان دىگەن نامنى ھەدىيە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن شەرىقى تۈرۈك خانلىقكى يۇقالغان. ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى سىر-تاردۇش خانلىقىغا بېقىنغان، بىر قىسمى غەرىبى تۈرۈكلەرنىڭ يېرىگە كەتكەن. تەخمىنەن 100 مىڭدەك تۈتۈنى جەنۇپقا كۈچۈپ كىلىپ تاڭ سۇلالىسىگە بېقىنغان.

21. مىلادىيە 646- يىلى:

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى تومىد بۆگۈ، توڭرا قاتارلىق توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ سىر-تاردۇش خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. تاڭ سۇلالىسى جەنۇپتىن ئەسكەر چىقىرىپ يارىدەم بەرگەن. تومىد ئۈزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، تۈرۈكلەرنىڭ تۈزىمى بۇيىچە ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى تەسىس قىلىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان.

22. مىلادىيە 647- يىلى:

تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلار رايۇنىنى تۇتاشتۇرىدىغان سودا كارۋان يۇلى ياسىلىپ، يول ئۈستىدە جەمئى 68 ئۆتەڭ قۇرۇلغان. بۇ يول «تەڭرى قاغان يۇلى» دەپ ئاتالغان.

23. مىلادىيە 648- يىلى:

تومىد قاغان جىيەنى ئوغۇر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى بايان ۋارىسلىق قىلغان.

24. مىلادىيە 651- يىلى:

غەرىبى تۈرۈكلەرنىڭ قاغانى ئاشىنا ئالىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بېشبالىق، قۇچۇ، بارىكۆل قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، ئۈزىنى ئىشبارا قاغان دەپ جاكارلاپ، تاڭ سۇلالىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ غەرىبى رايۇنلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن. نەتىجىدە بايان قاغان 50 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇنى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ زور قۇشۇنىغا ھەمكارلىشىپ ئاشىنا ئالىپقا جازا يۈرۈشى قىلغان.

25. مىلادىيە 661- يىلى:

بايان قاغان ئۇيغۇر چەۋەندازلىرىنى باشلاپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ كورىيەگە قىلغان جازا يۈرۈشىگە قاتنىشىپ پىڭراڭغىچە يىتىپ بارغان. بايان قاغان ئۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەن. ئوغلى باز قاغان تەخىتكە چىققان.

26. مىلادىيە 681- يىلى:

سەددىچىن بويلىرىدىكى تۈرۈكلەردىن ئاشىنا بونان ئۈزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، شەرىقى تۈرۈك خانلىقىنى قايتىدىن قۇرۇش ھەركىتىنى باشلىغان. ئىككىنچى يىلى ئاشىنا قۇتلۇق ۋە تۇنيۇقۇقلار قاراقۇم (黑沙城) شەھىرىنى ئىگىلەپ، ئۆتۈكۈن ۋادىسىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ، كىيىنكى تۈرۈك خانلىقىنى قايتىدىن قۇرغان. ئۇيغۇرلار شۇنىڭدىن تارتىپ ئون نەچچە يىلغىچە باز قاغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كىيىنكى تۈرۈك خانلىقى بىلەن تىركەشكەن.

27. مىلادىيە 691- يىلى:

مۇڭغۇلىيە ۋادىسى پۈتۈنلەي كىيىنكى شەرىقى تۈرۈك خانلىقىنىڭ ھۈكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. باز قاغان ئۈلۈپ ئوغلى دوكېچ ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى بۇلۇپ، ئۇيغۇر، چۆبە، ئىزگىل، قون قاتارلىق بىر قىسىم توققۇز ئوغۇز-ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى باشلاپ خېشى ۋادىسىغا (يەنى ئىجنغۇل دەرياسى ۋادىسى)كۈچۈپ كەلگەن. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلىرى گوبى چۆللىكىنىڭ جەنۇبى قىسمىغا كۈچۈپ كەلگەن. قالغان توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرى كىيىنكى شەرىقى تۈرۈكلەرنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.

28. مىلادىيە 727- يىلى:

تاڭ سۇلالىسىنىڭ خېشىدىكى ھىراۋۇلى ۋاڭ جۈنچۇ ئوردىغا خېشىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق قەبىلىلەر ئىسيان كۈتۈرمەكچى دەپ يالغاندىن مەلۇماتنامە يوللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى چېڭ زوڭ قاتارلىقلارنى جەنۇپقا سۈرگۈن قىلىۋەتكەن. نەتىجىدە ئۇيغۇر قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ نارازىلىقى كىلىپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سەركەردىسى قۇشۇخان ۋاڭ جۈنچۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆز قوۋمىنى باشلاپ موڭغۇلىيە ۋادىسىغا يەنى كىيىنكى شەرىقى تۈرۈك خانلىقى زىمىنىغا كۈچۈپ كەتكەن.

29. مىلادىيە 742- يىلى:

ئۇيغۇر، باسمىل، قاتارلىق ئون ئۇيغۇر-توققۇز ئوغۇز خەلقى كىيىنكى تۈرۈك خانلىقىنىڭ ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۈتۈرۈپ، قۇت يابغۇنى ئۆلتۈرۈپ، باسمىللارنىڭ ئاقساقىلىنى ئېلتەرىش قاغان دەپ جاكارلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆل بىلگىسى بىلەن قارلۇقلارنىڭ ئاقساقىلى سول قول ۋە ئوڭ قول يابغۇ بولغان.

30. مىلادىيە 744- يىلى:

ئۇيغۇرلار قارلۇقلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ باسمىللارنىڭ ئېلتەرىش قاغانىنى ئۆلتۈرگەن. كۆل بىلگە ئۈزىنى قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغان دەپ جاكارلاپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قايتا تىكلىگەن. تاڭ سۇلالىسى كۆل بىلگىگە ساداقەتمەن قاغان دىگەن نامنى ھەدىيە قىلغان.

31. مىلادىيە 745- يىلى:

ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى كۆل بىلگە كىيىنكى شەرىقى تۈرۈكلەرنىڭ ئاخىرقى قاغانى بولمىش قاغاننى مەغلۇپ قىلىپ ئۆلتۈرگەن. كىيىنكى شەرىقى تۈرۈك خانلىقى يۇقالغان. شەرىقى تۈرۈكلەرنىڭ بارلىق زىمىنلىرى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۈكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن.

32. مىلادىيە 751- يىلى:

تاڭ سۇلالىسى ئوتتىرا ئاسىيادىكى تالاستا ئەرەپلەر ۋە قارلۇقلارنىڭ بىرلەشمە قۇشۇنى تەرىپىدىن ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، غەرىبى يۇرتنى قولدىن بىرىپ قويغان.

33. مىلادىيە 756- يىلى:

تاڭ سۇلالىسىدە ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى يۈز بىرىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەرىبى ئاستانىسى چاڭ ئەن، شەرىقى ئاستانىسى لو ياڭ توپىلاڭچىلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كىتىپ، تاڭ سۇلالىسى يۇقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. تاڭ سۇلالىسى بۆگۈ خۇەيئېن بىلەن دۇنخۇاڭ ۋالىسى لى چىڭسەينى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ئەۋەتىپ ھەربى يارىدەم تەلەپ قىلغان. مويۇنچۇر قارا قاغان يابغۇ ئۇنۋانىدىكى ئوغلى تاي بىلگە تۇتۇق بىلەن چوڭ سانغۇن دىدې باشچىلىقىدا خىللانغان 4000 كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇننى تاڭ سۇلالىسىگە يارىدەمگە ئىۋەرتكەن.

34. مىلادىيە 757- يىلى:

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتىرسىدا ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنجىتىش ھەققىدە ھەربى يارىدەم بىرىش كىلىشىمى تۈزۈلگەن. كىلىشىمدە «قولدىن كەتكەن شەھەرلەر قايتۇرۇپ ئېلىنغاندىن كىيىن يەر-زىمىن، ئاۋام پۇقرا تاڭ سۇلالىسىگە مەنسۇپ بۇلىدۇ، ئالتۇن-كۈمۈش، يىپەك-شايى، قىز-چوكانلار ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بۇلىدۇ» دەپ بەلگۈلەنگەن.

35. مىلادىيە 758- يىلى:

تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرىسىدا قۇدۇلۇق مۇناسىبەت ئورنۇتۇلۇپ، تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ سۇزۇڭ ئۈزىنىڭ كىچىك قىزى نىڭگۇ مەلىكىنى مويۇنچۇر قاغانغا ياتلىق قىلىپ بەرگەن.

36. مىلادىيە 759- يىلى:

مويۇنچۇر قاغان ۋاپات بۇلۇپ، ئورنىغا ئوغلى تەڭرى قاغان تەخىتكە چىققان، تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ سۇزۇڭ تەڭرى قاغانغا بىر تۇققان سىڭلىسى كىچىك نىڭگۇ مەلىكىنى ياتلىق قىلىپ بەرگەن.

37. مىلادىيە 762- يىلى:

تەڭرى قاغان(ئىدىكەن) تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەلىپى بىلەن يەنە بىر قېتىم خىللانغان ئۇيغۇر ئاتلىق قۇشۇنلىرىنى باشلاپ تاڭ سۇلالىسىگە كىرگەن. توپىلاڭچىلاردىن چاڭ ئەن، لوياڭ قاتارلىق جايلار قايتۇرىۋېلىنغان. توپىلاڭ تىنجىتىلغان.

38. مىلادىيە 763- يىلى:

تەڭرى قاغان ئورخۇنغا قايتىشىدا لوياڭدا تۇرىۋاتقان تۆت نەپەر سوغدى مانى راھىبىنى بىللە ئېلىپ ماڭغان. شۇنىڭ بىلەن مانى دىنى ئۇيغۇرلاردا شامان دىنىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دۆلەت دىنى بۇلۇپ قالغان.

39. مىلادىيە 764- يىلى:

تاڭ سۇلالىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۆگۈ قەبىلىسىدىن كىلىپ چىققان بۆگۈخۇەيئېن تۈبۈتلەر بىلەن بىرلىشىپ تاڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان كۈتۈرۈپ، چاڭ ئەنگە بېسىپ كىرگەن. 765- يىلى بۆگۈخۇەيئېن كىسەل سەۋەۋى بىلەن نىڭشىيادا ئۆلگەن.

40. مىلادىيە 769- يىلى:

تاڭ سۇلالىسى بۆگۈخۇەيئېننىڭ كىچىك قىزىغا چۇڭخۇي مەلىكە دەپ نام بىرىپ، ئۇنى تەڭرى قاغانغا ياتلىق قىلىپ بەرگەن. مۇشۇ يىللاردىن باشلاپ مانى دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، تاڭ سۇلالىسىگە قايتا تارقىلىپ كىرىشكە باشلىغان.

41. مىلادىيە 771- يىلى:

ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن جەنۇبى جۇڭگۇدىكى جىڭجۇ، ياڭجۇ، خۇڭجۇ، يۆجۇ قاتارلىق تۆت ئايماقتا مانى دىنى ئىبادەتخانىسى سالغان.

42. مىلادىيە 780- يىلى:

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوردىسىدا بۇيرۇق تۇنباغا باشچىلىقىدىكى ھەربى ئۆزگىرىش بۇلۇپ، تەڭرى قاغان ۋە ئۇنىڭ سوغدى قوللىغۇچىلىرىدىن 2000 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. تۇنباغا ئۈزىنى ئالىپ قۇتلۇق بىلگە قاغان دەپ جاكارلاپ، قاغانلىق تەختىگە چىققان.

43. مىلادىيە 788- يىلى:

تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ دېزوڭ 8- قىزى شيەن ئەن مەلىكىنى قۇتلۇق بىلگە قاغانغا ياتلىق قىلىپ بەرگەن.

44. مىلادىيە 789—790- يىللىرى:

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تۈبۈتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىغا قارشى بېشبالىقتا كەسكىن ئۇرۇش قىلىپ، ئاخىرى تۈبۈتلەرنى بېشبالىقتىن قوغلاپ چىقارغان. خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئالىپ قۇتلۇق بىلگە قاغان ۋاپات بۇلۇپ، ئوغلى تاراس تەختكە چىققان. 790- يىلى 6- ئايدا ئۇ ئىنىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئىچكى بۇيرۇقلار بېشى ئېل ئۈگەسى قۇتلۇق ئىسياننى تىنجىتىپ، ئايچۇرنى قاغانلىق تەختىگە چىقارغان. ئۇ قۇتلۇق بىلگە قاغان دەپ ئاتالغان.

45. مىلادىيە 785- يىلى:

ئايچۇر قاغان بۇلۇپ، ئورنىغا ئادىزلار جەمەتىدىن كىلىپ چىققان بۇيرۇق قۇتلۇق تەخىتكە چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى خان جەمەتى بولغان ياغلاقار جەمەتى ئادىز جەمەتىگە ئۇرۇن بۇشۇتۇپ، «سۇلالە ئالمىشىش» كىلىپ چىققان. قۇتلۇق قاغان ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان يىللاردا خاندانلىقنىڭ تەسىر كۈچىنى جۇڭغار، تارىم ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىغا قاراتقان.

46. مىلادىيە 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا:

ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان (808—821- يىللار) ھاكىمىيەت تۇتقان يىللاردا تۈبۈت، قارلۇق ۋە قىرغىزلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىتتىپاقىنى مەغلۇپ قىلىپ، جۇڭغار، تارىم ۋادىسىدىكى جايلارنى ۋە پامىرنىڭ غەرىبىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنى ئۆز ھۈكۈمرانلىقىغا ئالغان. نەتىجىدە خاندانلىقنىڭ ھۈكۈمرانلىق كۈچى تەدىرىجى غەرىبى رايۇنغا قاراپ يۈزلەنگەن.

47. مىلادىيە 809- يىلى:

تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇيغۇر نامىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى خۇيخې(回纥) نى خۇيخۇ (回鹘) غا ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇچە نامى ئىزچىل خۇيخۇ دەپ ئاتىلىپ كىلىنگەن.

48. مىلادىيە 821- يىلى:

تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ شيەنزوڭ ئۆز قىزى تەيخې مەلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش ئالىپ كۈلۈگ بىلگە قاغانغا ياتلىق قىلىپ بەرگەن.

49. مىلادىيە 832- يىلى:

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھۇقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى ئەدەپ، خازار تېكىن ئوردا سىياسى ئۆزگىرىشىدە ئۆز يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئورنىغا جىيەنى قۇت تېكىن قاغان بولغان. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇدا سۇيقەست، تەبىئى ئاپەت، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا بۇلۇپ، خاندانلىقنىڭ كۈچى بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ كەتكەن.

50. مىلادىيە 839- يىلى:

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بۇيرۇقى ئىنەيۈن كۆل بىلەن سايغا تېكىن بىرلىشىپ ئىسيان كۈتۈرمەكچى بولغاندا قۇت تېكىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن نارازى بولغان بۇيرۇق چۇرۇق ئەسكەر باشلاپ كىلىپ، شاداپىتلاردىن قوي يەشىنگە 300 ئات بىرىپ ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن بىللە ئوردىغا باستۇرۇپ كىرگەن. قاغان قۇت تېكىن مەغلۇپ بۇلۇپ، ئۈزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. بۇيرۇق چۇرۇق(كورلەمۇر) قۇۋو تېكىننى قاغان قىلىپ تىكلىگەن. مۇشۇ يىلدا قاتتىق قار يېغىپ، ئاچارچىلىق بۇلۇپ، ۋابا كىسىلى تارقىلىپ، چارۋا ماللا كۆپلەپ قىرىلىپ كەتكەن.

51. مىلادىيە 840- يىلى:

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سانغۇنلىرىدىن بىرى بولغان كۈلۈگ باغا بۇيرۇق چۇرۇققا نارازى بۇلۇپ، قىرغىزلارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇنىنى باشلاپ كەلگەن. قىرغىز ئاتلىق قۇشۇنلىرى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتىختى ئوردۇبالىققا باستۇرۇپ كىرىپ، قاغان قۇۋۇ تېكىننى ئۆلتۈرۈپ، بۇيرۇق چۇرۇقنى يۇقۇتۇپ، شەھەرنى ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرىۋەتكەن. ئوردىدىكى مال-مۈلۈك ھەم چارۋا-ماللارنى بۇلاپ كەتكەن. نەتىجىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى جەنۇپقا، خېلى زور بىر تارمىقى غەرىپكە كۆچكەن. بىر قىسىملىرى يەنىلا ئۆز جايىدا تۇرىۋەرگەن.

52. مىلادىيە 841- يىلى:

ئوردۇبالىقنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى 13 قەبىلە جەنۇپقا كۈچۈپ، خازار تېكىننىڭ ئىنىسى ئوكا تېكىننى قاغان قىلىپ تىكلىگەن. ئوكا تېكىن ھەر تەرەپلەرگە چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئىتىراپ قىلغان قاغانى بولغان.

53. مىلادىيە 842- يىلى:

غەرىپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ 15 قەبىلىسىنىڭ يولباشچىسى پان تېكىن قارا شەھەردە ئۈزىنى يابغۇ دەپ جاكارلىغان.

54. مىلادىيە 846- يىلى:

ئوكا قاغان ئىچكى موڭغۇلدىكى ئالتۇن تاغدا قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇكىنىر تېكىننى قاغان قىلىپ تىكلىگەن.

55. مىلادىيە 848- يىلى:

جەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئۇمۇميۈزلۈك ھالاك بولغان. ئۇكىنىر قاغاننىڭ ھالاكىتىدىن خەۋەر تاپقان قارا شەھەردىكى پان تېكىن ئۈزىنى قاغان دەپ جاكارلىغان. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى مەركىزى غەرىبى يۇرتقا يۆتكىلىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى بولغان غەرىبى ئۇيغۇر خانلىقى تەڭرىتاغ ۋادىللىرىدا شەكىللەنگەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: