ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر

2012-03-03 11:09     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن يىل         2011 – يىلى 23 – فېۋرال، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ....

ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن يىل

 

      2011 – يىلى 23 – فېۋرال، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى يولغا قويۇش جەھەتتىكى 17 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

      ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگىنىگە ئۈچ يىلدىن ئاشقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش 2011 – يىلىدىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى، خالاس. 2011 – يىل 9 – فېۋرال، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، 2011 – يىلىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› قىلىپ بېكىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت 22 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئەمەلىي ئىش قىلىش قارار قىلىندى.

     خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت بۇ 22 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئەمەلىي ئىش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلقنى بېيىتىش ياردەم پۇلى، ئالاھىدە كىشىلەر داۋالىنىش ياردىمى، مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالىتى، مال باھاسىنى تىزگىنلەش، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىش قۇرۇلۇشى… ۋەھاكازالار بولۇپ، ھەممىسى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەممىسىدە ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

 

     ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىلا ئەمەس، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرمۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك ئاۋاز قوشتى. ئۈرۈمچى شەھىرى 2011 – يىلىنى ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يىلى›› قىلىپ بېكتىىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئائىت 100 ئەمەلىي ئىش قىلىشنى قارار قىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت – ياقىسىغا جايلاشقان قاغىلىق ناھىيەسىمۇ كۆپ تۈرلۈك كاپالەتلەندۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 19 ئۆلكە، شەھەر ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، 10 مىليارد 800 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى، بۇ ئومۇمىي ياردەم مەبلىغىنىڭ %80ىنى ئىگىلىدى.

     بۇ خەلق تۇرمۇشى سىياسەتلىرىنى بىربىرلەپ تىزىپ چىقساق، كىشىلەر شۇنى بايقايدۇكى: 2011 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ كۈندە بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2011 – يىلى دېكابىردا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا: 2011 – يىلى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن يىل بولدى، دېدى.

 

شىنجاڭچە ئۈنۈمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى بىر مىنۇتمۇ

كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ

 

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 3 – تۈركۈمدىكى ‹‹ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش›› بويىچە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى 18 تۈرگە 2011 – يىلى 2 – ئاپرېل يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 18 ناھىيە، شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا ئۇل سېلىندى. بۇ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى مىسلىسىز ئىش.

     كىشىلەر سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلاردىن خۇشال بولۇۋاتقاندا، بۇ ساھەدە يەنە كەينى – كەينىدىن خۇشخەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. 2011- يىلى 12 – ئاپرېل، ئاپتونوم رايوننىڭ 11 تاشيول تۈرىدە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى – شىمالىدا تەڭلا ئىش باشلاندى. تۆت كۈندىن كېيىن، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە 53 ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش››، ‹‹كاپالەتلىك تۇرالغۇ›› قۇرۇلۇشى تۈرىدە تەڭلا ئىش باشلاندى.

 

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئىش

بولسىلا، بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرمىدى

 

      2011- يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، خەلقنى رازى قىلىش، ئورگانلاردىكى ‹‹ھۇرۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق، چاكىنىلىق، سۆرەلمىلىك، ئاچكۆزلۈك›› ھادىسلىرىنى قەتئىي تۈگىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلاردا شىنجاڭچە ئۈنۈمنى تەشۋىق قىلىپ، ئۈنۈمگە ئاساسەن باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹شەمشەر›› ھەرىكىتىنى باشلىدى. ئىقتىساد ساھەسىگە چېتىلىدىغان 16 نازارەت، ئىدارە، 26 باشقارما، ئىشخانىنىڭ ئىستىل ئۈنۈمى ئەھۋالىغا قارىتا دېموكراتىك باھالاش يولغا قويۇلۇپ، باھالاشتا ئاممىنىڭ ‹‹رازى بولۇش دەرىجىسى›› تۆۋەن، ئومۇمىي باھا، تۈرلەر بويىچە باھالاشتا ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى %50كە يەتمىگەن ۋە پىكىر ئالغاندا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر كۆپرەك بولغان توققۇز باشقارما، ئىشخانا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەنقىدلەندى، ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر مەركەزلەشكەن ئالتە باشقارما، ئىشخانىنىڭ مەسئۇلى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

 

خەلقنى ئاساس قىلىش تەدبىرلىرى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

 

     جىڭ ناھىيەسىنىڭ جىڭ بازىرىدا تۇرۇشلۇق 89 ياشلىق تەن رۇشۈەن 8 – يانۋار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىگەندە، چېھرىدىن بەخت تۇيغۇسى بالقىپ تۇراتتى، ئۇ: ‹‹مۇشۇ ياشقا كەلگەندە ئايدا 50 يۈەندىن ياردەم پۇلى ئېلشىمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم، ھازىر كېسەل داۋالىنىش چىقىمى ئازايدى، سىرتقا چىقىشىمىز ئاسانلاشتى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئالىدىغان بولدۇق!›› دېدى.

     يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كېپىل بولۇشى بىلەن، 100 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ ‹‹دېھقانلار شادلىقى›› ئارامگاھى قۇرغان باغدانگۈل ھازىر جىمىنەي ناھىيەسى بەستېرەك يېزىسىدىكى يىراق – يېقىندا نامى بار بېيىش ماھىرى بولۇپ قالدى. ئۇ: ‹‹ھۆكۈمەت بەرگەن ياردەملەرنى ناھايىتى قەدىرلەيمىز، كېيىنكى كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا، تىجارىتىمىزنىڭ بارغانسېرى روناق تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنمىز!››، دېدى.

     خەلق تۇرمۇشى خەلق بىلەن قەلبداش. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىن نەپكە ئېرىشكەن ھەر بىر ئاددىي پۇقرا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان رەھمىتىنى سەمىمىي بىلدۈرۈشتى.

     2011- يىلى 1 – دېكابىردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 163 ناشتىلىق نۇقتىسى ھەر كۈنى شەھەردىكى تازىلىق ئىشچىلىرىنى ھەقسىز ناشتىلىق بىلەن بىر تۇتاش تەمىنلىدى. ھورنان، شوۋىگۈرۈچ… ناشتىلىق ئاددىيراق بولسىمۇ، تازىلىق ئىشچىلىرىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى.

     2011- يىلىنىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچىدە 20 نەچچە يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق سوغۇق بولدى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ سىرتقا چىقىشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ‹‹سىرتقا چىقىش تەس بولۇش›› مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ھەم يىغىن ئېچىپ ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىككى دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال ‹‹قەلبلەرنى ئىللىتىش ھەرىكىتى››نى يولغا قويدى.

     بۇ ئىشقا بىر يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، 36 يىل ئاپتوبۇس ھەيدىگەن پېشقەدەم شوپۇر خا لياڭجۈننىڭ ‹‹قەلبلەرنى ئىللىتىش ھەرىكىتى››گە بولغان تەسىراتى تېخىچە ناھايىتى چوڭقۇر. ئۇ: ‹‹ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى ئايدا 1500 يۈەن ياردەم پۇلى ئالالايدىغان بولدۇق، بۇ خىل خەلقنى ئاساس قىلىش تەدبىرى بىزنى تەسىرلەندۈردى، غەيرىتىمىزنى ئاشۇردى››، دېدى.

     2012- يىلى يەنىلا ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۆڭۈل بۆلۈشى، پۈتۈن كۈچ بىلەن مايىللىشىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىغا ئاۋاز قوشقانلىق، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور ماگنىت مەيدانى چوقۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل كەلگۈسى ياراتقۇسى.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter