ئالىم بىز بلوگى

قانۇن چىقىرىشتا جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە

       كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىدا بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى تەنتەنىلىك جاكارلاش بىلەن بىللە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە تەجرىبىسىنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى ۋە مۇپەسسەل شەرھلىدى. بۇ، ناھايىتى مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

قانۇن ئاقىلانە چىقىرىلىشى كېرەك. قانۇن چىقىرىش بەلگىلىك نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلغان ئاڭلىق ھەرىكەت، ئۇنىڭدىن ئىنسانلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتى چىقىپ تۇرىدۇ. كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو يەكۈنلىگەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى بەش مۇھىم تەجرىبىنىڭ بىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. ‹‹توغرا يېتەكچى ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇش دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى».

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسى، شۇنىڭدەك جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسى.

قانۇن ھەرىكەت ئۆلچىمى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئارزۇسىنى مۇجەسسەملىگەن. قىممەت قارىشى قانۇننىڭ يېتەكچى ئامىلى، ھەر بىر دەۋرنىڭ قانۇنى شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنى زامانىمىزدىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى ۋە قىممەت ئىنتىلىشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى توغرىسىدىكى بايانىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يېقىنقى 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاندىن مۇشۇ ئاساستا باراۋەر – ئادىل، دېموكراتىك قانۇن – تۈزۈملەشكەن، ھۆر، ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىنغان، گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك، خاتىرجەم – ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلدى. بۇنىڭدا ئادىل، باراۋەر بولۇش ئەڭ مۇھىم قىممەت بولۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

قانۇن چىقىرىش جەريانى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاقلىقلارنى مۇجەسسەملەش جەريانى. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەت سۇبيېكتى تەدرىجىي كۆپ مەنبەلىشىپ، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى كۈنسېرى جانلاندى. قانۇن چىقىرىش جەريانى ئوخشىمىغان مەنپەئەت توپىنىڭ تەدبىر بېكىتىش، كېڭىشىش جەريانى، شۇنىڭدەك ئوخشىمىغان ئىدىيە، تەشەببۇسلارنىڭ ئالاقىلىشىش، كۈچ سىنىشىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. قانۇن چىقىرىش جەريانىدا دائىم دېگۈدەك ياكى بۇنداق، ياكى ئۇنداق ئوخشىمىغان قاراشلار بولىدۇ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش، ئاشكارا قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر خىل ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئىبارەت.

ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ جەۋھىرى. قانۇن ئەمەلىي تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، قانۇن چىقىرىشتىمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى قانۇن ۋەزىپىسىنىڭ ئاياغلىشىشى ئەمەس، بەلكى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىدە تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەرەپتىن، بىر تۈركۈم يېڭى قانۇننى داۋاملىق بېكىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىر بار قانۇننى تۈزىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ھەم يانداشما قانۇن چىقىرىش، قانۇنلارنى رەتكە سېلىش، تۈزىتىش، شۇنىڭدەك قانۇن چىقارغاندىن كېيىنكى باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش زۆرۈر.

ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، ئىجتىمائىي قۇرۇلما، مەنپەئەت ئەندىزىسى ۋە ئىدىيەۋى قاراشنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنى يېتەكچى قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قانۇننى دېموكراتىك چىقىرىش، قانۇن چىقىرىشنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى بالداققا كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: قانۇن چىقىرىشتا جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە

<

تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل

ۋاقىت: 2011-05-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: قانۇن- نىزام
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: