ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامى

2011-12-12 5:55     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:  (2011- يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)     مۇندەرىجە 1-باب: ئومۇمىي پىرىنسىپ 2-باب: ئوت مۇداپىئ....

 (2011- يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    مۇندەرىجە

1-باب: ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب: ئوت مۇداپىئە مەسئۇلىيىتى

3-باب: ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

4-باب: ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى

5-باب: ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش

6-باب: قانۇن جاۋابكارلىقى

7-باب: قوشۇمچە پىرىنسىپ

8-باب: ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا: بۇ نىزام ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئاپىتى خەۋپىنى ئازايتىش، جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا: بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى ئوت مۇداپىئە خىزمىتى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا: ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئۆچۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ؛ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئورۇنلار ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش، پۇقرالار ئاكتىپ قاتنىشىش پىرىنسىپى بويىچە، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى جاۋابكارلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئىجتىمائىيلاشقان ئوت مۇداپىئە خىزمەت تورى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

4-ماددا: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە كەسپىي خىراجىتى ۋە جامائەت ئوت مۇداپىئە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ئوت مۇداپىئە خىزمىتى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ سېلىنمىنى تەدرىجىي كۆپەيتىشى كېرەك.

5-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، كونكرېت خىزمەتكە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.

6-ماددا: ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ۋەقەسىنى مەلۇم قىلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەممە ئورۇن ۋە قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە تەشكىللىك قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار.

ھەممە ئورۇن ۋە شەخس جامائەت ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ۋە توسۇشقا ھوقۇقلۇق.

7-ماددا: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇتقۇزۇش، ئوت مۇداپىئە تەشۋىق – تەربىيەسى، ئوت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئوت مۇداپىئە پاراۋانلىق ئىشىغا ئىئانە – ھەدىيە قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ. ئىئانە – ھەدىيە پۇلى (نەرسە) جامائەت ئوت مۇداپىئە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا، ئوت مۇداپىئە پاراۋانلىق پائالىيىتىگە، ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇشتا يارىلانغان، مېيىپ بولغان ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ تۇغقانلىرىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

8-ماددا: ھەر يىلى 11 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئوت مۇداپىئە كۈنى بولىدۇ.

 

2-باب: ئوت مۇداپىئە مەسئۇلىيىتى

 

9-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، دائىملىق ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەشۋىق – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئىشلىشى، ئوت مۇداپىئە خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنى قەرەللىك ئېچىپ، چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى ھەمدە ئۆزىگە قاراشلىق تارماقلار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

10-ماددا: يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە كوچا باشقارمىلىرى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتىشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئارخىپى تۇرغۇزۇشى، ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش – باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى، كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتى، شۇ جايدىكى ئورۇنلارنىڭ ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، مەدەت بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرىگە دائىر تەشۋىق– تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتلىرى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، ئائىلىدە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قېچىپ قۇتۇلۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ جامائەت ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك، كەنت (شەھەر) ئاھالىسىنى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش، قېچىپ قۇتۇلۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىسە بولىدۇ.

11-ماددا: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) ئوت مۇداپىئە قانۇن – نىزامى ۋە تېخنىكا قائىدىسى، ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش؛

(2) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەشۋىق – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللەش، يېتەكلەش؛

(3) قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھەسىنى تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئەنگە ئېلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، جامائەت توپلىشىدىغان سورۇنلارنى ئىشلىتىشتىن ۋە تىجارەتكە سېلىشتىن بۇرۇن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش؛

(4) ئوت مۇداپىئە بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئەرز– شىكايەتنى قوبۇل قىلىش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش؛

(5) ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش؛

(6) ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش، ئوت ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ھەمدە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىش؛

(7) ساقچىخانىنىڭ ئوت مۇداپىئە كەسپىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش؛

(8) مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، پىدائىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قاتارلىق ئوت مۇداپىئە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەشىق قىلىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛

(9) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، كىنىشكىسىنى ۋە تەكشۈرۈش بۇيرۇقىنى كۆرسىتىشى، جەمئىيەتنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

12-ماددا: ساقچىخانىلار تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) ئوت مۇداپىئە تەشۋىق – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، ئاممىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئۆچۈرۈش، قېچىپ قۇتۇلۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئاممىنىڭ مۇداپىئەلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛

(2) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە بىنائەن ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش؛

(3) شۇ رايوندىكى كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتى ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛

(4) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ دەسلەپكى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش، ئوت ئاپىتى ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش، ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىنى قوغداشقا تەشكىللەش ۋە قاتنىشىش خىزمىتىگە ياردەملىشىش؛

(5) يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىگەن ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە ئالاقىدار باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

13-ماددا: ئوت مۇداپىئە جەمئىيىتى ساھە تەلەپچانلىقى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئوت مۇداپىئە ئىلىملىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى ۋە تەشۋىق – تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشى، ئىلغار ئوت مۇداپىئە تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشى ۋە قوللىنىشى، جەمئىيەتنى ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتى ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار قىلىشى ۋە ئۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىشى كېرەك.

14-ماددا: مائارىپ مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى، مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوت مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئوقۇش – ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئوت مۇداپىئە ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مەخسۇس تەربىيەلىشى، تارقاقلاشتۇرۇش، قېچىپ قۇتۇلۇش مانېرۋىرىنى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

15-ماددا: رادىيو – تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، خەۋەرلىشىش، ئالاقە تورى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئوت مۇداپىئە قانۇن – نىزاملىرى ۋە ساۋاتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىشى، ئوت مۇداپىئەسىگە ئائىت جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانى، ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

16-ماددا: ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ئورۇنلار شۇنىڭدەك مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى بار يەككە سودا – سانائەتچىلەر ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز – ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشى، دەسلەپكى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش، كىشىلەرنى تارقىلىش، قېچىپ قۇتۇلۇشقا تەشكىللىشى، يېتەكلىشى شۇنىڭدەك ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەشۋىق – تەربىيە ئېلىپ بېرىشى، تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ھەر تەرەپلىمە قەرەللىك باھالىتىشى؛ دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى بويىچە ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى سەپلىشى ھەمدە ئۇنىڭ بېجىرىملىكىنى ساقلىشى كېرەك.

يەككە سودا – سانائەتچىلەردىن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە نۇقتىلىق ئورۇن ئۆلچىمىگە توشقانلىرى ئورۇننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە نۇقتىلىق ئورۇن بولۇش كونكرېت ئۆلچىمىنى ئاپتونوم رايوننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلەيدۇ.

17-ماددا: پۇقرالار ئوت مۇداپىئە قانۇن – نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشى، جامائەت ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىشى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە سىگنال بېرىش، قۇتقۇزۇش، قېچىپ قۇتۇلۇش قاتارلىق ئەقەللىي ئۇسۇللارنى بىلىۋېلىشى؛ ئوت، توك، گازنى بىخەتەر ئىشلىتىشى، كۆيىدىغان نەرسىلەرنى قالايمىقان دۆۋىلەپ قويماسلىقى، قالايمىقان تاشلاپ قويماسلىقى؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.

تۇرالغۇ بېزەكچىلىكى ئوت مۇداپىئە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

18-ماددا: خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ئائىت تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى باشقۇرغۇچىلىرىنى بېكىتىش؛

(2) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش؛

(3) جامائەت ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىلىرىنىڭ بېجىرىملىكىنى ساقلاش؛

(4) تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك ئىشىكى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

(5) ئوت مۇداپىئە بويىچە چارلاش، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش؛

(6) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە ساقچىخانىلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىش؛

(7) خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا پۈتۈشكەن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ئائىت باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك ئىشىكى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى ۋە ئوت ئۆچۈرۈشتە ئېگىزگە چىقىدىغان جاينى ئىگىلىۋېلىش، توسۇپ قويۇش، ئېتىۋېتىشتەك ھەرىكەتلەردە بولغانلارغا نەسىھەت قىلىشى، ئۇلارنى توسۇشى؛ نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغان، توسۇسا ئۇنىمىغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ياكى ساقچىخانىلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

 

3-باب: ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

19-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تەرەققىيات – ئىسلاھات، مالىيە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى، زېمىن بايلىقى، خەۋەرلىشىش، شەھەر سۇ تەمىناتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلارنى ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانى تۈزۈش، ئېلان قىلىش ھەمدە يولغا قويۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.

يېزا، ئىشتاتلىق بازار ۋە كەنتلەرنىڭ ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ.

ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

20-ماددا: ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى، ئوت ئۆچۈرۈش سۈيى، ئوت مۇداپىئە خەۋەرلىشىشى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى قاتارلىق جامائەت ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى شەھەر – يېزىلارنىڭ باشقا ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش لايىھەلەش، تەڭ ياساش، تەڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك؛ جامائەت ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇقلىرىنى شەھەر، يېزا تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ ۋاقتىدا كۆپەيتىش، ئۆزگەرتىش، سەپلەش ياكى ئۇنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جامائەت ئوت مۇداپىئە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

21-ماددا: ئوت مۇداپىئە لايىھەسى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ئىشلىنىدىغان قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئوت مۇداپىئە لايىھە ھۆججىتىنى قانۇن بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا تەكشۈرتىشى ياكى ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە لايىھەسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تەكشۈرگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ تەستىقلاتمىغانلىرىنى ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ئەنگە ئېلىنغان قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھەسىدە ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزگىرىش بولغان كۈندىن باشلاپ يەتتە ئىش كۈن ئىچىدە، ئۆزگەرگەن ئوت مۇداپىئە لايىھە ھۆججىتىنى ئەسلىي ئەنگە ئالغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

22-ماددا: جامائەت توپلىشىدىغان سورۇنلارنى ئىشلىتىش، تىجارەتكە سېلىشتىن ئىلگىرى، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشى؛ جامائەت توپلىشىدىغان سورۇنلارنى ئۆزگەرتىدىغان (جۈملىدىن ئىچىنى بېزەيدىغان، ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان) كېڭەيتىدىغانلار ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

23-ماددا: ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئوت مۇداپىئە ئىقتىدارىغا تەلەپ قويۇلغان قۇرۇلۇش زاپچاسلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي ئىچى (سىرتى)نى بېزەش ماتېرىياللىرى، تېرمو ماتېرىياللارنى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىش، ئورنىتىشتىن ئىلگىرى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلار مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئىسپات ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشى، ئىسپات ھۆججىتى بولمىغانلىرىنى ئىشلىتىشكە قوشۇلماسلىقى؛ قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ نازارەتچىلىكىدە شۇ جايدا ئەۋرىشكە ئېلىپ، مۇناسىپ ساپا دەرىجىسىنى ھازىرلىغان پىرىيوم ئاپپاراتىغا پىرىيوم قىلدۇرۇشى كېرەك. پىرىيومدىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

24-ماددا؛ قۇرۇلۇش پۈتۈشتىن ئىلگىرى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ساپاسى بار تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلىپ، ئاپتوماتىك ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى، پولات قۇرۇلمىلىق ئوتتىن مۇداپىئەلىنىدىغان سۇۋالغۇ، ئېلېكتىر ئوت مۇداپىئە تېخنىكا شارائىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئاپتوماتىك ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى؛ ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان، تىجارەت قىلىدىغان سورۇنلار ۋە ئادەم كۆپ سورۇنلارنىڭ ئېلېكتىر ئوت مۇداپىئە تېخنىكا شارائىتىنى ھەر يىلى تەكشۈرۈشى كېرەك.

تەكشۈرگۈچى ئورۇنلار تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئەينەن بېرىشى ھەمدە تەكشۈرۈش دوكلاتىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

25-ماددا: قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان جاينىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن مەسئۇل بولىدۇ.

قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان جاينىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئوت مەنبەسى، توك مەنبەسى ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ۋە كۆيىدىغان نەرسىلەرنى قاتتىق باشقۇرۇشى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان جايغا ئوت ئۆچۈرۈش سۈيى بېرىش ئەسلىھەسى، بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇش ئەسلىھەسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنى ۋاقتىنچە ئورۇنلاشتۇرۇشى، زۆرۈر ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىشى كېرەك.

پۈتمىگەن ئىمارەت ئىچىگە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياتىقى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

26-ماددا: سېلىنىۋاتقان ئىمارەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىشىكى، تارقاقلاشتۇرۇش يولى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى ۋە ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆلچەمگە توشىدىغان ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىسى ئورنىتىشى، بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئەسكەرتىشى كېرەك.

سېلىنىپ بولغان ئىمارەتلەرگە ئىشلەتكۈچىلەر ياكى ھاۋالە قىلىنغۇچى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلچەمگە توشىدىغان ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىسى ئورنىتىشى كېرەك.

ئاپتوماتىك ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى بار سورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە كونترولخانىسى، ئوت ئۆچۈرۈش سۇ پومپىخانىسى، توك تەقسىملەش ئۆيى قاتارلىق نۇقتىلىق جايلىرىغا ئۆلچەم بويىچە بەلگە ئورنىتىش كېرەك.

27-ماددا: بىر ئىمارەتنى ئىككىدىن ئارتۇق ئورۇن باشقۇرغان ياكى ئىشلەتكەن بولسا، باشقۇرغۇچى ئورۇن ياكى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى شۇنداقلا ئورتاق ئىشلىتىدىغان تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك ئىشىكى، قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنى باشقۇرۇش جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى؛ باشقۇرغۇچى ئورۇن بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىغا ھاۋالە قىلىنمىغان بولسا، ئىشلەتكۈچىلەر ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەشكىلاتى قۇرۇپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇشى كېرەك.

ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنىنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشكە كېرەكلىك خىراجەت ھەققىدە پۈتۈم بولسا، پۈتۈم بويىچە ئۈستىگە ئېلىنىدۇ، پۈتۈم بولمىسا ياكى پۈتۈم ئېنىق بولمىسا، مۈلۈك ھوقۇقدارى ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىدە تىزىملانغان كۆلەم بويىچە، ئىمارەتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ نىسبىتىگە قاراپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

28-ماددا: تۇرالغۇ رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك خىزمىتىگە ھاۋالە قىلغۇچى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى مەسئۇل بولىدۇ. خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىغا ھاۋالە قىلىنمىغانلىرىغا ئۆي ئىگىلىرى مەسئۇل بولىدۇ.

تۇرالغۇ رايونىنىڭ ئورتاق ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىسىنى رېمونت قىلىش، يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش خىراجىتىنى رېمونت كاپالەت مۇددىتىدە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ؛ رېمونت كاپالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغى بولمىغان ياكى مەبلەغ يېتەرلىك بولمىغانلىرىنىڭ خىراجىتىنى ئۆي ئىگىلىرى پۈتۈم بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ پۈتۈم بولمىسا ياكى پۈتۈم ئېنىق بولمىسا، ئۆي ئىگىلىرى ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىدە تىزىملانغان كۆلەم بويىچە ئىمارەتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ نىسبىتىگە قاراپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

29-ماددا: ئوت ئاپىتى، پارتلاش خەۋپى بار سورۇنلاردا ئوتتىن، پارتلاشتىن، ئىستاتىك توكتىن، ئېقىش، قېچىشتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ئوت مۇداپىئە تېخنىكا تەدبىرى قوللىنىش ھەمدە مەلۇم مىقداردا مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش دورىسىنى زاپاس ساقلاش شەرت.

30-ماددا: ۋاقىتلىق ئىمارەتنىڭ ئوتقا چىداملىق دەرىجىسى، ئوت مۇداپىئە ئارىلىقى، بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇش ئەسلىھەسى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە زۆرۈر ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى سەپلىنىشى كېرەك.

31-ماددا: جامائەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، سودا سارايلار، بازارلاردا تىجارەت ۋاقتىدا توك كەپشەر، گاز كەپشەر ئىشلىتىش، گازدا كېسىش، قۇم چاقتا كېسىش ۋە سىرلاش قاتارلىق ئوت ئاپىتى خەۋپى بار قۇرۇلۇشلارنى قىلىشقا، رېمونت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

ئادەم كۆپ سورۇنلاردا پوجاڭزا، ساليوت ئېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

32-ماددا: جامائەت توپلىشىدىغان سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىشىكىگە، تارقاقلاشتۇرۇش يولىغا تارقاقلاشتۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەينەك يۈزلۈك ماتېرىيال ئىشلىتىشكە ۋە قېچىپ قۇتۇلۇش، ئوت ئۆچۈرۈپ قۇتقۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى ئورنىتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

يەر ئاستى ئىمارەتنىڭ ئىچىدىكى جامائەت توپلىشىدىغان سورۇنلارغا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسى، قوشۇمچە تارقاقلاشتۇرۇش ئەسلىھەسى ئورنىتىش كېرەك.

33-ماددا: ئېگىز بىنادا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ئىلمىي باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسى ۋە قوشۇمچە تارقاقلاشتۇرۇش ئەسلىھەسى ئورنىتىش كېرەك.

ئېگىز تۇرالغۇ بىناسىدىكى ئاھالە ئۆزى مۇداپىئەلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، زۆرۈر ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش سايمىنىنى ھازىرلىشى كېرەك.

34-ماددا: دېھقانچىلىق يىغىم پەسلى، ئورمان ۋە ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش مەزگىلى، چوڭ ھېيت – بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى شۇنىڭدەك ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلدە، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە تەشۋىق – تەربىيەسىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى، ئوت مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

يېزا بازارلار، كەنتلەر ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق يوللاردا ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئوت ئۆچۈرۈش سۈيى قاچىلاش نۇقتىسى قۇرۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

35-ماددا: پاختا سېتىۋالغۇچى، پىششىقلىغۇچى، ساقلىغۇچى ئورۇنلار ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوت مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاختا دۆۋىسىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئارىلىقى، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاشلىق – ياغ پىششىقلاش، ساقلاش سورۇنلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىدىغان خامان قاتارلىقلار ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئوت ئۆچۈرۈش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ئوبدان قىلىشى كېرەك.

ئاشلىق، يەم – خەشەك قۇرۇتىدىغان، قويىدىغان سورۇنلار ئوت مەنبەسى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئاسما لىنىيەسى بىلەن بولغان ئوت مۇداپىئە بىخەتەر ئارىلىقىنى ساقلىشى كېرەك.

دېھقانچىلىق يىغىم پەسلىدە ۋە بوران چىققاندا شاخ – شۇمبا ۋە ئېڭىز كۆيدۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

36-ماددا: ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى ئاپتوبۇسى، شەھەر– يېزا ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى، تاكسى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى ۋە قېچىپ قۇتۇلۇش، قۇتقۇزۇش سايمانلىرىنى تەقلىشى كېرەك.

ئاممىۋى قاتناش تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلارنى ئوت مۇداپىئە بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى، كەسىپكارلار ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە يولۇچىلارنى يېتەكلەش، تارقاقلاشتۇرۇش ماھارىتىنى ئىگىلىشى كېرەك.

37-ماددا: ئوت مۇداپىئە كونترولخانىسى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى، نۆۋەتچىلەر ئاز دېگەندە ئىككىدىن كەم بولماسلىقى ھەمدە ئوت ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش تەرتىپى ۋە ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىشى، ئوت ئاپىتى ۋە كاشىلا سىگنالىنى ۋاقتىدا بايقاش ھەمدە توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

38-ماددا: ئىمارەتنىڭ سىرت تېمىنى بېزەش، ئۆگزىسىنى ئىشلىتىش ۋە ئېلان تاختىلىرىنى ئورنىتىشتا، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، قېچىپ قۇتۇلۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

ئىمارەتنىڭ سىرت تېمىنى بېزەش ۋە تېرمو قۇرۇلۇشى قىلىشتا، ئاسان ئوت ئالىدىغان، كۆيىدىغان ماتېرىيال ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

39-ماددا: ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆيلەر ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

ئىجارە بەرگۈچىلەر تۆۋەندىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:

(1) ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىغان ھامان دەرھال تۈگىتىش ياكى ئىجارە ئالغۇچىغا تۈگىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىش؛

(2) ئىجارە ئالغۇچىنىڭ تۇرالغۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلىش؛

(3) ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى بايقىغان ھامان توسۇش.

ئىجارە ئالغۇچىلار تۆۋەندىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:

(1) ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى دائىملىق باشقۇرۇش؛

(2) تۇرالغۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئىقتىدارى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش؛

(3) ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىغان ھامان تۈگىتىش ياكى ئىجارە بەرگۈچىگە تۈگىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىش.

كەنت (شەھەر) ئاھالىسىنىڭ ئۆزى سالغان تۇرالغۇنى ئىجارە بېرىشى مۇشۇ ماددىنىڭ 2 –، 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

40-ماددا: ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ توك سىمى، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى ئورنىتىشى ۋە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، يېقىلغۇ گاز سايمانلىرىنى ئىشلىتىشى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى، كونىراپ كەتكەن توك، گاز لىنىيەلىرىنى ۋاقتىدا يېڭىلىشى، توك، گازنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

توك بېرىش كارخانىلىرى توك بېرىش ئەسلىھەسى، ئېلېكتىر لىنىيەسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى، كونىراپ كەتكەن توك بېرىش ئەسلىھەسى ۋە ئېلېكتىر لىنىيەسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشى، ئۆزگەرتىشى؛ توك ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ماسلىشىپ، ئېلېكتىر ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى، ئېلېكتىر ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

توك ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ بېسىمدىن ئاشۇرۇپ توك ئىشلىتىش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا توك سىمى تارتىش، ئۇلاش قاتارلىق ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان قىلمىشلىرىنى توك بېرىش كارخانىلىرى ۋاقتىدا توسۇشى كېرەك، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى باشقۇرۇش تارمىقى توكنى قانۇن بويىچە ئۈزۈۋەتسە بولىدۇ.

41-ماددا: ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؛ دۆلەت ئۆلچىمى بولمىغانلىرى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. لاياقەتسىز ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ۋە دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش، سېتىش ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىغا لاياقەتسىز زاپچاسلارنى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش دورىسىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

42-ماددا: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بايقىغان زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يازما دوكلات قىلىشى كېرەك.

خەلق ھۆكۈمىتى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى، تۈزىتىش قىيىنراق بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تاختا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپ بار ئورۇننىڭ بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

43-ماددا: يول، تۇرۇبا يولى ياساش شۇنىڭدەك توك، سۇنى توختىتىش، ئالاقە لىنىيەسىنى ئۈزۈۋېتىش سەۋەبىدىن ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا، ئالاقىدار ئورۇنلار قۇرۇلۇش قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

44-ماددا: سودا ساراي، چوڭ بازار شۇنىڭدەك جامائەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئوت ئاپىتى جامائەت جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك. باشقا جامائەت توپلىشىدىغان سورۇنلار ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان، توشۇيدىغان، ساقلايدىغان، ساتىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئوت ئاپىتى جامائەت جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

45-ماددا: ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش، ئاسراش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە كۆزىتىش قاتارلىق ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاپپاراتلار ۋە كەسىپكارلار مۇناسىپ ساپا، سالاھىيەتنى قانۇن بويىچە ھازىرلىشى، شۇ دائىرىدە ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشى ھەمدە مۇلازىمەت سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

46-ماددا: ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئىشلارنى تەستىقلاشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش كېرەك:

(1) شەھەر – يېزا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغان قۇرۇلۇشلاردا شەھەر – يېزا پىلانلاش مەسئۇل تارمىقى ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسى، قۇرۇلۇش يېرى يىرىك پىلانى ئىجازەتنامىسى ۋە قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى ئىجازەتنامىسىنى بەرسە بولمايدۇ؛

(2) قانۇن بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھەسى بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغان قۇرۇلۇشلاردىن تەكشۈرتۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىگە تۇرالغۇ ۋە شەھەر– يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بەرسە بولمايدۇ؛

(3) ئوت مۇداپىئەسى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان قۇرۇلۇشلاردىن پۈتكەندىن كېيىنكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ماتېرىيالىدا ئوت مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش لاياقەت ھۆججىتى بولمىغانلىرىغا تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى بەرسە بولمايدۇ؛

(4) ئوقۇتۇش، داۋالاش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق كەسپىي جامائەت سورۇنلىرىنى ئاچىدىغانلاردىن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك شارائىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەنلىرىنىڭ ئېچىشىنى مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، خەلق ئىشلىرى، سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار تەستىقلىسا بولمايدۇ؛

(5) تەستىق ھۆججىتى ئالغان قۇرۇلۇشلاردىن قۇرۇلۇشنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياكى ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك شارائىتىنى ھازىرلىيالمايدىغان بولۇپ قالغانلىرىنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى ئەسلىي تەستىقلىغان تارماق ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك؛

(6) خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ساقلايدىغان، توشۇيدىغان كارخانىلاردىن ئوت مۇداپىئەسى جەھەتتە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغانلىرىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئىجازەتنامىسى بەرسە بولمايدۇ.

47-ماددا: تۆۋەندىكى كىشىلەر ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەربىيەلىنىشى كېرەك:

(1) ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك جاۋابكارى ۋە مەخسۇس (قوشۇمچە) ۋەزىپىدىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىلار؛

(2) ئوت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قىلغۇچىلار ۋە نازارەت قىلغۇچىلار؛

(3) قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى، ئېلېكتىر ئوت مۇداپىئە تېخنىكا شارائىتىنى تەكشۈرگۈچىلەر، ئاسرىغۇچىلار ۋە ئاپتوماتىك ئوت مۇداپىئە سىستېمىسى مەشغۇلاتچىلىرى؛

(4) ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇمنى ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان، تىجارەت قىلىدىغان ۋە مەشغۇلات قىلىدىغانلار؛

(5) پاختا پىششىقلاش، ساقلاش سورۇنلىرى ۋە ئادەم كۆپ سورۇنلاردىكى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى ئىشلەيدىغانلار؛

(6) ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى رېمونت قىلغۇچىلار؛

(7) مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى؛

(8) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا كىشىلەر.

ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرگۈچى ئاسرىغۇچىلار، ئاپتوماتىك ئوت مۇداپىئە سىستېمىسى مەشغۇلاتچىلىرى، مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئوت مۇداپىئە كەسپىي سالاھىيىتىگە قانۇن بويىچە ئېرىشىشى كېرەك.

 

4-باب: ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى

 

48-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەستىقلاپ قۇرغان تەرەققىيات رايونلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشى؛ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەستىقلاپ قۇرغان سانائەت رايونى، دۆلەتنىڭ 1 – دەرىجىلىك پورتلىرى مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشى كېرەك. ئاھالىسى زىچ، ناھىيە بازىرىدىن يىراقراق، شارائىتى بار يېزا – بازارلارنىڭ مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەيدىغان، ساقلايدىغان چوڭ كارخانىلار، كۆيۈشچان مۇھىم ئەشيا ساقلايدىغان چوڭ ئىسكىلات، بازىلار، ئوت كېتىش خەۋپى چوڭراق بولغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراقراق بولغان باشقا چوڭ كارخانا قاتارلىق ئورۇنلار مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشى كېرەك.

49-ماددا: ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر)، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشى كېرەك؛ شارائىتى بار ناھىيە (شەھەر، رايون) لەر ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرسا بولىدۇ.

ئالاھىدە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى دۆلەت ئۆلچىمىگە بىنائەن پەۋقۇلئاددە ئوت ئاپىتى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قۇتۇلدۇرۇشقا كېرەكلىك ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش جابدۇقلىرىنى تەقلىشى كېرەك.

50-ماددا: مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە مۇقىم گازارما قۇرۇشى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى قويۇشى، ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇقلىرىنى تەقلىشى ھەمدە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا يوللىشى كېرەك.

مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، ئوت ئۆچۈرۈش، جىددىي قۇتقۇزۇش كەسپىي مەشىقىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ.

مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

51-ماددا: ئورگانلار، تەشكىلاتلار، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار شۇنىڭدەك كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتلىرى پىدائىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇپ، زۆرۈر ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى تەقلەپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مۇداپىئەلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلىسە بولىدۇ.

پىدائىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئوت ئۆچۈرۈش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قەرەللىك تەشكىللەپ، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى، ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

پىدائىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنى تەشكىللىگەن ئورۇنلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرىنى جىسمانىي كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

52-ماددا: مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ۋە پىدائىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى؛ ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قوماندانلىققا بويسۇنۇشى، مۇستەقىل ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە ھەمكارلىشىپ، ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك.

53-ماددا: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ، توختاملىق ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ۋە ئوت ئۆچۈرۈش مۈلكىي خادىملىرىنى ئىشلىتىشى كېرەك. توختاملىق ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ، ئوت ئۆچۈرۈش مۈلكىي خادىملىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ دائىملىق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە ھەمكارلىشىدۇ.

 

5-باب: ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش

 

54-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئوت ئاپىتى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

55-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى زور خەۋپ مەنبەسى بولغان ئوت ئاپىتى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاشقا قەرەللىك تەشكىللىشى ھەمدە باھالاش دوكلاتىغا ئاساسەن، ئوت مۇداپىئە پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەڭشىشى، ئوت مۇداپىئە پونكىتى ۋە يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە ھەر خىل قۇتقۇزۇش جابدۇقلىرىنى سەپلىشى كېرەك.

56-ماددا: ھەر قانداق ئادەم ئوت ئاپىتىنى بايقىغان ھامان مەلۇم قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ئوت ۋەقەسىنى مەلۇم قىلىشقا ھەقسىز قولايلىق يارىتىپ بېرىشى، توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك. ئوت ۋەقەسىنى يالغان مەلۇم قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

ھەر قانداق ئورۇن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، دەرھال ئادەم تەشكىللەپ ئوتنى ئۆچۈرۈشى كېرەك.

57-ماددا: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئوت كەتكەنلىك مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا دەرھال بېرىپ ، خەتەرگە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشى، خەتەرنى تۈگىتىشى، ئوتنى ئۆچۈرۈشى شەرت.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىدا قۇتقۇزۇشقا بىر تۇتاش تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە قوماندانلىق قىلىدۇ.

58-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئادەم تەشكىللەپ، ئەشيالارنى يۆتكەپ، ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇشقا ياردەم بەرسە بولىدۇ؛ ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا ۋە جىددىي قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان تارماقلار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قوماندانلىققا بويسۇنۇشى كېرەك.

59-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە خەۋەرلىشىش كاپالەت سىستېمىسى ۋە ئوت مۇداپىئە خەۋەرلىشىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىملىق خەۋەرلىشىش بىلەن سىمسىز خەۋەرلىشىش ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۇل تېلېگراف تورى بىلەن زاپاس خەۋەرلىشىش سىستېمىسى ئۆز ئارا يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئوت مۇداپىئە جىددىي خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوت مۇداپىئە بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ خەۋەرلىشىش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

تېلېگراف كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى قوماندانلىق مەركىزى ۋە ئوت مۇداپىئە پونكىتىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، 119 ئوت ۋەقەسىنى مەلۇم قىلىش لىنىيەسى، ئورۇنلاشتۇرۇش ئالاقە مەخسۇس لىنىيەسىگە ئۇلاش، ئىشلىتىش ۋە ئاسراشنى ئاۋۋال كاپالەتلەندۈرۈشى، سۇ، توك، گاز بېرىش، داۋالاش – قۇتقۇزۇش، قاتناش – تىرانسپورت قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئالاقە لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

سىمسىز ئالاقە باشقۇرۇش تارمىقى ئوت مۇداپىئە سىمسىز خەۋەرلىشىش مەخسۇس دولقۇنىنىڭ كاشىلىغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

60-ماددا: ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت كەتكەن جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئاگاھ سىزىقى ۋە ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىشى ھەمدە ئۇنىڭغا مەخسۇس ئادەمنى قارىتىشى كېرەك.

ئوت كەتكەن جايدىكى ئورۇنلار ياكى شەخسلەرنىڭ ئوت كەتكەن جاينى قوغداش، ئوت ئاپىتى ئەھۋالىنى ئەينەن ئېيتىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى بار.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاگاھ بەلگىسىنى بۇزۇۋېتىشىگە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيداننى ياسىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

61-ماددا: ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا ئۇچرىسا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك:

(1) ئوت قويۇش گۇمانى تۇغۇلغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جىنايى ئىشلار رازۋىدكا تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

(2) قاتناش ۋاسىتىلىرىگە يولدا ئوت كەتكەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

(3) پارتلاتقۇچ بۇيۇملار پارتلاش سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتى ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

(4) خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇمنى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش، توشۇش، ئىشلىتىش ۋە تاشلاندۇق خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئوت ئاپىتى ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماقنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

(5) ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىسى ۋە ئەسلىھەسىدە كاشىلا كۆرۈلۈپ، شۇ نەرسىلەرگە ئوت كەتكەن بولسىمۇ، باشقا نەرسىلەرگە تۇتاشمىغان بولسا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

(6) يېقىلغۇ گازدىن ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر– يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش.

62-ماددا: مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، ھەق ئالىدىغان تاشيول، كۆۋرۈكلەردە ھەق ئالماي ئۆتكۈزۈۋېتىلىدۇ.

63-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تاسادىپىي ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش سەۋەبىدىن يارىلانغان، مېيىپ بولغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە داۋالايدۇ ۋە ئۇلارغا نەپىقە بېرىدۇ؛ ئىنقىلابىي قۇربانلار شەرتىگە توشىدىغانلارغا گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش نىزامى›› دىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

 

6-باب: قانۇن جاۋابكارلىقى

 

64-ماددا: مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىشقا، ئىشلىتىشنى توختىتىشقا ياكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھەسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇش قىلغان ياكى ئىشلەتكەنلەر؛

(2) جامائەت توپلىشىدىغان سورۇننى ئۆزگەرتىش(جۈملىدىن ئىچىنى بېزەش، ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش)، كېڭەيتىشتە، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەن، تىجارەتكە سالغانلار.

ئەنگە ئالدۇرۇلغان قۇرۇلۇشنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھەسىنى ئۆزگەرتىپ، شۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرمىغانلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

65-ماددا: ئورۇنلار ياكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە نۇقتىلىق ئورۇن ئۆلچىمىگە يەتكەن يەككە سودا – سانائەتچىلەردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) ئورناتقان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنى، شۇنىڭدەك ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىسى دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىگە توشمىغان ياكى مۇكەممەل، بېجىرىم بولمىغانلار؛

(2) ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنىنى بۇزۇۋەتكەن، باشقا ئىشقا ئىشلەتكەن ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋەتكەن، ئىشلىتىشتىن توختىتىپ قويغانلار؛

(3) تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك ئىشىكىنى ئىگىلىۋالغان، توسۇپ قويغان، ئېتىۋەتكەن ياكى بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(4) ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكىنى كۆمۈۋەتكەن، ئىگىلىۋالغان، توسۇپ قويغان ياكى ئوت مۇداپىئە ئارىلىقىنى ئىگىلىۋالغانلار؛

(5) ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولىنى ئىگىلىۋالغان، توسۇپ قويغان، ئېتىپ قويغان، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى يەتكۈزگەنلەر؛

(6) ئادەم كۆپ سورۇننىڭ ئىشىك – دېرىزىلىرىگە قېچىپ قۇتۇلۇشقا، ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى ئورناتقانلار؛

(7) ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ تۈگەتمىگەنلەر.

باشقا يەككە سودا – سانائەتچىلەردىن 1 – تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

شەخسلەردىن 1 – تارماقنىڭ (2)، (3)، (4)، (5) تارماقچىلىرىدىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

66-ماددا: مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) ئاپتوماتىك ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان نەرسە بار جاي ۋە ئادەم كۆپ سورۇنلارنى ئېلېكتىر ئوت مۇداپىئە تېخنىكا شارائىتى بويىچە تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) جامائەت توپلىشىدىغان سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىشىكى، تارقاقلاشتۇرۇش يولىغا تارقاقلاشتۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەينەك يۈزلۈك ماتېرىيال ئىشلەتكەنلەر؛

(4) ئىمارەتنىڭ سىرت تېمىنى بېزەش، ئۆگزىسىنى ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك ئېلان تاختىسى ئورنىتىشتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، قېچىپ قۇتۇلۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛

(5) ئاسان ئوت ئالىدىغان، كۆيىدىغان ماتېرىيالنى ئىشلىتىپ، ئىمارەتنىڭ سىرت تېمىنى بېزىگەن ۋە تېرمو قۇرۇلۇشى قىلغانلار.

مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىنىڭ (3)، (4)، (5) تارماقچىلىرىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە جەرىمانە قويغاندىن سىرت، مەجبۇرىي تۈزەتكۈزۈلىدۇ. خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

67-ماددا: ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەلىپىگە يەتمىگەن ئۆيلەرنى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىجارە بەرگەنلەر بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىسە، ئىجارە بەرگۈچى ئورۇنغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئىجارە بەرگۈچى شەخسكە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئىجارە ئالغۇچىنىڭ مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆينىڭ ئىشلىتىش رولى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىسە، 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

68-ماددا: مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ (1) تارماقچىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلار قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ:

(1) قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان جايغا ۋاقىتلىق ئوت ئۆچۈرۈش سۈيى بېرىش ئەسلىھەسى، بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇش ئەسلىھەسى ئورناتمىغان ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى قالدۇرمىغان ياكى زۆرۈر ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى سەپلىمىگەنلەر؛

(2) پۈتمىگەن ئىمارەتنىڭ ئىچىگە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياتىقى ئورۇنلاشتۇرغانلار؛

(3) بىخەتەرلىك ئىشىكى، تارقاقلاشتۇرۇش يولى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى ۋە ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئۆلچەم بويىچە ئوت مۇداپىئە بەلگىسى ئورناتمىغانلار؛

(4) يەر ئاستى ئىمارەتلىرىدىكى جامائەت توپلىشىدىغان سورۇن ۋە ئېگىز ئىمارەتكە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش سايمانلىرى ۋە قوشۇمچە تارقاقلاشتۇرۇش ئەسلىھەسى ئورناتمىغانلار؛

(5) پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرمىغانلار؛

(6) ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى ئاپتوبۇسى، شەھەر – يېزا ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلى، تاكسى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى ۋە قېچىپ قۇتۇلۇش، قۇتقۇزۇش سايمانلىرى تەقلىمىگەنلەر؛

(7) ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنىنى لاياقەتسىز زاپچاس بىلەن رېمونت قىلدۇرغانلار؛

(8) ئوت ئۆچۈرگۈچكە لاياقەتسىز ئوت ئۆچۈرۈش دورىسى قاچىلىغانلار.

69-ماددا: جامائەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، سودا سارايلىرى، بازارلاردا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىجارەت ۋاقتىدا توك كەپشەر، گاز كەپشەر ئىشلىتىش، گازدا كېسىش، قۇم چاقتا كېسىش ۋە سىرلاش قاتارلىق ئوت ئاپىتى خەۋپى بولغان مەشغۇلاتنى قىلغان، رېمونت قىلغانلار ياكى ئادەم كۆپ سورۇندا ساليوت، پوجاڭزا ئاتقانلار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

70-ماددا: مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوت مۇداپىئە كونترولخانىسىغا نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان مەشغۇلاتچىلارنى قويمىغان ياكى ئوت مۇداپىئە كەسپىي سالاھىيىتى ھازىرلىمىغان خادىملارنى ئىشلەتكەنلەر بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان مەشغۇلاتچىلار خىزمەت ئورنىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلغان بولسا، 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

71-ماددا: مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سەۋەنلىك بىلەن ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، ئورۇنغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، شەخسكە 10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغان ئورۇنغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، شەخسكە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

72-ماددا: ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سالاھىيەتنامە ئالماي تۇرۇپ ياكى ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ، ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلغانلىرى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

كەسىپكارلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سالاھىيەتنامە ئالماي تۇرۇپ ياكى كەسىپ دائىرىسىدىن ھالقىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلغانلىرى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئۇلار ئىشلەيدىغان ئوت مۇداپىئە تېخىنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

73-ماددا: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ياكى دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەنلەرنى بايقىسا مۇسادىر قىلىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈپ بايقىغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئىش كۈنى ئىچىدە سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا – سانائەت تارمىقىنى خەۋەرلەندۈرىدۇ؛ سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا – سانائەت تارمىقى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىنكى بەش ئىش كۈنى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئەۋەتىشى كېرەك.

74-ماددا: بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى بېكىتىدۇ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى جەھەتتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىلاردىن يوللۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ چاقىرسىمۇ كەلمىگەن ياكى كېلىشتىن باش تارتقانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى قانۇن بويىچە شۇ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەجبۇرىي چاقىرتقۇزىدۇ.

ئالاقىدارلاردىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىش، ئىشلىتىشنى توختىتىش، قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىش قارارىنى مۆھلەت ئۆتكۈچە ئىجرا قىلمىغانلىرىغا قارار چىقارغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ. باشقا تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىغا توغرا كەلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى پىكرىنى قويۇشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنى يولغا قويۇشقا تەشكىللىشىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىش ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا چوڭراق تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى پىكرىنى قويىدۇ ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە قارار قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق تارماقلارنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ.

75-ماددا: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەلىپىگە توشمايدىغان ئوت مۇداپىئە لايىھە ھۆججىتى، قۇرۇلۇشى، سورۇنىنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك دەپ تەستىقلىغانلار؛

(2) ئوت مۇداپىئە لايىھەسىنى تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈپ، تەستىقلاش مەسئۇلىيىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئادا قىلمىغانلار؛

(3) ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىغاندا ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەرگە تۈزىتىش ھەققىدە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلمىغانلار؛

(4) ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەتكۈچىلەر، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلارغا ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتىنىڭ ماركىسىنى، ساتقۇچى ئورۇننى ياكى ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ئورۇننى بېكىتىپ بەرگەن ياكى باشقىچە يول بىلەن بېكىتىپ بەرگەنلەر؛

(5) ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش كاتېرى، شۇنىڭدەك ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنى، جابدۇقى ۋە ئەسلىھەسىنى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئىشلەتكەنلەر؛

(6) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

76-ماددا: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىرىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ ئوت ئاپىتى پەيدا قىلغان ياكى ئوتنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە –كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

77-ماددا: مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

78-ماددا: ئالاقىدارلاردىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

 

7-باب: قوشۇمچە پىرىنسىپ

 

79-ماددا: بۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

(1) ئادەم كۆپ سورۇن جامائەت توپلىشىدىغان سورۇن، دوختۇرخانىنىڭ ئامبۇلاتورىيە بىناسى، كېسەلخانا بىناسى، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى، كۇتۇپخانىسى، ئاشخانىسى ۋە كوللېكتىپ ياتىقى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، پاراۋانلىق ئورنى، يەسلى، بالىلار باغچىسى، جامائەت كۇتۇپخانىسىنىڭ قىرائەتخانىسى، جامائەت كۆرگەزمىخانىسى، مۇزېينىڭ كۆرگەزمە زالى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سېخى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر كوللېكتىپ ياتىقى، ساياھەت، دىنىي سورۇن قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛

(2) جامائەت توپلىشىدىغان سورۇن مېھمانساراي، مېھمانخانا، سودا ساراي، بازار، بېكەت، ۋوگزال كۈتۈمخانىسى، پىرىستان كۈتۈمخانىسى، پۇقراۋى ئايرودۇرۇم ئاۋىيا بىناسى، تەنتەربىيە مەيدان – سارايلىرى، يىغىن زالى، شۇنىڭدەك جامائەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛

(3) جامائەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى جامائەتكە ئېچىۋېتىلگەن تۆۋەندىكى ئۈستى يېپىق سورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ:

1. كىنو – تىياتىرخانا، ئۈن – سىن زالى، زال قاتارلىق كۆرسىتىش، قويۇش سورۇنى؛

2. تانسىخانا، كارا OK خانا قاتارلىق ناخشا – ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى؛

3. كۆڭۈل ئاچىدىغان كېچىلىك كۇلۇب، مۇزىكىلىق چايخانا ۋە يېمەك – ئىچمەك سورۇنلىرى؛

4. ئويۇن – تاماشا سورۇنلىرى؛

5. بولىن توپ سارىيى، غالتەكلىك كانكى تېيىلىش مەيدانى، ھاممام قاتارلىق تىجارەتلىك چېنىقىش، ئىستىراھەت سورۇنلىرى.

80-ماددا: بۇ نىزام 2011 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1995 – يىل 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2005 – يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 – يىغىنىدا تۈزىتىلگەن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامى›› بىكار قىلىنىدۇ.

(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter