ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> مىللەت - دىن >> تەپسىلاتى

ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بۇرۇنقى شىنجاڭدىكى دىنلار

زوروئاستىر (زەردۇشت) دىنى

 

               زەردۇشت دىنى – قەدىمقى پىرىسسىيەدە بارلىققا كەلگەن زوروئاستىر (ئاتەشپەرەسلىك دىنى) دىنىنىڭ ئاتىلىشىدۇر. بۇ دىن ئوتقا تۇلىمۇ چۇقۇنغاچقا زەردۇشت دىنى دەپمۇ ئاتالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردە زوروئاستىر پىرىسسىيەنىڭ شەرىقى (بۈگۈنكى ئافغانىستاندىكى بەلەخ) دە بۇ دىننى ئىجات قىلغان. بۇ دىن ئوتنى يۇرۇقلۇق ۋە ياخشىلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارىغاچقا مەخسۇس ئوتقا چۇقۇنۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بۇ دىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا ، يەنى بۇندىن 2400 يىل بۇرۇن شىنجاڭغا كىرگەن. ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرگەندىن كىيىن بۇ دىننىڭ تەسەرى بارا- بارا يۇقالغان. ئەمما بىر خىل مەدىنىيەت سۈپىتىدە ئۇنىڭغا ئىتىقات قىلغان مىللەتلەر ئارىسىدا بۇ دىننىڭ ئىزنالىرىنى كۈرۈشكە بۇلىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق تارىختا ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا ئىتىقات قىلغان مىللەتلەر تا بۈگۈنگىچە ئاتەشپارەسلىك دىنىنىڭ ئوتقا تىۋىنىش ئادىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئاتەش دىنىنىڭ مۇھىم بايرىمى بولغان ”نۇرۇز بايرىمى“ مۇ بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

بۇددا دىنى:

 

              بۇددا دىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىرگىچە قەدىمقى ھىندىستاندا پەيدا بولغان بىر خىل دىن. بۇ دىننىڭ ياراتقۇچىسى شىمالى ھىندىستاندىكى كاپلاۋاستو دۆلىتى(ھازىرقى نېپال چېگرىسى ئىچىدە) نىڭ شاھزادىسى گائۇتاما سىددارتا دىگەن كىشى بۇلۇپ، ئۇ بۇددا مۇرۇتلىرى تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ ”ساكيامۇنى“ (ساكيا قەبىلىسىنىڭ زاھىتى ياكى ئەۋلىياسى) دەپ ئاتالغان. بۇددا دىنى پەيدا بولغاندىن كىيىنكى بىر نەچچە ئەسىرگىچە ئۆز جايىدىلا تارقالغان. كىيىن دۆلەت دىنى بولغاندىن كىيىن قوشنا دۆلەت ۋە رايۇنلارغا تارقىلىشقا باشلىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1- ئەسىردە بۇددا دىنى كەشمىر ئارقىلىق ئەڭ بالدۇر شىنجاڭنىڭ ئۇدۇن رايۇنىغا كىرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ئوتتىرا ئاسىيا ئارقىلىق سۇلىغا كىرگەن. شۇنىڭدىن كىيىن بۇددا دىنى يىپەك يۇلىنىڭ جەنۇبى شىمالىنى بويلاپ بۈگۈنكى چەرچەن، چارقىلىق، يەركەن، قارغىلىق، كۇچا، ئاقسۇ، قارا شەھەر، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارقالغان. بۇددا دىنى ئۈچ چوڭ دۇنياۋى دىن ئىچىدە شىنجاڭغا ئەڭ بۇرۇن تارقالغان دىن بولغاچقا ، ئىسلام دىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا شىنجاڭدا تارقىلىش ۋاختى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ، ئىتىقاتچىللىرى ئەڭ كۆپ بولغان، ئىجتىمائى تەسىرى ئەڭ زور بولغان دىندۇر.

تويىن دىنى:

 

             تويىن (داجاۋ-تەرىقەت) دىنى جۇڭگۇنىڭ ئەنئەنىۋى دىنى. ئۇنىڭ ئەڭ ئالى ئىتىقادى- تەلىمات، يول، ئۇسۇل بولغانلىقى ئۈچۈن تويىن دىنى دەپ ئاتالغان. تويىن دىنى مىلادى 2- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى دىنى ئىتىقادى بىلەن سېھرىگەرلىك، ئەۋلىيا، ئەنبىيالارنىڭ ئالدىن بىشارەت بىرىش ئاساسىدا تەرىقەتچىلەر تەلىماتى بىلەن خۇاڭ لاۋئىددىيىسىنىڭ (بەزى كىتاپلاردا لاۋزى ئىدىيىسى دەپمۇ ئېلىنىدۇ) ئۆز-ئارا بىرىكىشىدىن بارلىققا كەلگەن. تويىن دىنى شىنجاڭغا تەخمىنەن مىلادى 4- ئەسىردىن 5- ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتا خەنزۇلار بىرقەدەر مەركەزلەشكەن قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئەۋىج ئالغان.

مانى دىنى:

 

             مانى دىنى ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىن كىيىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن پىرىسسىيىنىڭ يەنە بىر قەدىمقى دىنى. مانى دىنى مىلادى 3- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پىرىسسىيىلىك مانى دىگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان. ھەمدە پىرىسسىيەدە بىر مەزگىل گۈللەنگەن. مانى دىنىنى پىرىسسىيە ھۈكۈمرانلىرى ۋە زەردۇشت دىنى مۇرۇتلىرى يامان كۆرگەنلىكتىن زەربىگە ئۇچرىغان ھەمدە مانى ئۆلتۈرۈۋىتىلەەن. بۇنىڭ بىلەن مانى مۇرۇتلىرى تەرەپ-تەرەپكە تاراپ كەتكەن. نەتىجىدە كۆپلىگەن مانى مۇرۇتلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقتىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى مانى دىنىنىڭ ئىككىنچى ماكانى بۇلۇپ قالغان. 6- ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە مانى دىنى مۇرۇتلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىلىپ سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ياكى شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، مانى دىنى شىنجاڭغا تارقىلىشقا باشلىغان. ئەمما شىنجاڭدا ئۇمۇميۈزلىك تارقىلالمىغان.

نىستورى دىنى:

 

           نىستورى دىنى نىستورى مەزھىپىنىڭ ئاتىلىشى. نىستورى مەزھىپى خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزھەپلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، مۇشۇ مەزھەپنىڭ ياراتقۇچىسى – نىستورى دىگەن كىشىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ دىن بەزىدە پىرىسسىيە دىنى ، يەنە بەزىدە مىشكا دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىلىمىزنىڭ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا ئەڭ دەسلەپتە تارقىلىپ كىرگەن خىرىستىيان مەزھىپىدۇر. نىستورى دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقالغان ۋاختى تەخمىنەن مىلادى 6- ئەسىرلەردە بۇلۇپ، مانى دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقالغان ۋاختى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش. مانى دىنىغا قارىغاندا ئۇيغۇرلاردىن نىستورى دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغانلار كۆپرەك بولغان. بۇ دىننىڭ تارقىلىش دائىرىسىمۇ كەڭ بولغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: