ئالىم بىز بلوگى

ش ئۇ ئا ر پارتىكوم 8- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ روھىدىن قىسقىچە ئۈگۈنۈش تەسىراتى

راخمان مامۇت

 

    

      ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق كومپارتىيە ئەزاسى ۋە 21 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قۇرۇلتىيى 26 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. مەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىق، غەلىبىلىك باشلانغانلىق خەۋىرىنى گېزىت، رادىئو، تېلىۋىزورلاردىن ئارقا- ئارقىدىن كۆرۈپ، كۆڭلۈم تولىمۇ ھاياجانغا تولدى. قۇرۇلتايدىن كېيىن، يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى يىغىپ، قايتا- قايتا كۆرۈش ئارقىلىق، قۇرۇلتاي روھىنى ئىگىلىشىم، مەزمۇنلىرىنى چۈشۈنۈشىم ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. تۆۋەندە مەن ئۆگۈنۈش جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەسىراتلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتۈمەن.

     جاڭ چۈنشيەن ئالدى بىلەن، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا ‹‹ئۆزگىرىش ياساپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى يولىدا كۈرەش قىلايلى›› دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ھەمدە: بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىرىش ياساپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىش دەپ ئۇتتۇرغا قويدى.

     ئاڭلىغان، كۆرگەن مەزمۇنلاردىن، جاڭ چۈنشيەننىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىنىڭ جەمئىي توققۇز بۆلەكتىن تەركىب تاپقانقانلىقىنى بىلىپ يەتتىم. بۇ مەزمۇنلار:

      بىرىنچى بۆلەك، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي خۇلاسىسى.

     ئىككىنچى بۆلەك، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق كۈرەش نىشانى.

      ئۈچىنچى بۆلەك، شىنجاڭ ئىقتىسادىدا ئىلمىي ھالقىشقا، ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش.

      تۆتىنچى بۆلەك، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش.

      بەشىنچى بۆلەك، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

      ئالتىنچى بۆلەك، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ زور دەرىجىدە راۋاجلىنىشى، گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش.

      يەتتىنچى بۆلەك، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.

      سەككىزىنچى بۆلەك، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش.

      توققۇزىنچى بۆلەك، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىن ئىبارەت.

     جاڭ چۈنشيەن ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېگەن: ئۆتكەن بەش يىل تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. بىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇميىتىنى بىر تۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق. بولۇپمۇ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى ئېنىق بېكىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق. جاڭ چۈنشيەن دوكلاتىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتكە ۋە خەلق ئاممىسىغا بەرگەن بارلىق ۋەدىسىنىڭ بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تولۇق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

     جاڭ چۈنشيەن بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق كۈرەش نىشانىنى مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويغان: ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىر قاتلاپ، بىر تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرۇش نىشانىغا يىتىش. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش. ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش لازىم.

     قۇرۇلتاي روھىدىن قارىغاندا، جاڭ چۈنشيەن تۈۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلار بۇيىچە تەسپسىلى توختالغان:

     (1) بىز كەلگۈسى بەش يىلدا، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئىلمىي ھالقىش، ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىشنى قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي ئېغىشماي زەربە بېرىشىمىز، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، زامانىۋى مەدەنىيەتنى قەتئىي ئېغىشماي يېتەكچى قىلىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي ئېغىشماي كۈچەيتىشىمىز، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى قەتئىي ئېغىشماي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

     (2)  مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش؛ يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېزلىتىش؛ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىش؛ يېڭىچە بازارلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش؛ زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش؛ رايون ئىقتىسادىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ئويلىشىش؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     (3) خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئەڭ مۇھىم نىشان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان، سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ئىجتىمائىي جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدا نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئورتاق بېيىشقا، زامانىۋى مەدەنىيلىككە يېتەكلىشىمىز كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىق چوڭ – چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش، پەن – تېخنىكا، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     (4) مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ ئومۇملۇقى. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىش، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك.

     (5) مەدەنىيەت مىللەتنىڭ جان تومۇرى، خەلقنىڭ مەنىۋى ماكانى. پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەتنىڭ زور دەرىجىدە گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى قۇدرەتلىك مەدەنىيەت ئاساسى ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

     (6) ‹‹ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەش››تەك شىنجاڭچە روھ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنىڭ مەركەزلىك ئىنكاسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دەۋر روھىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىپادىسى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ پائال يۇقىرى ئۆرلىشى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى مەنىۋى كوئوردېنات. شىنجاڭچە روھنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىچكى جەھەتتە ئىجتىمائىي توپنىڭ ئېڭىغا، تاشقى جەھەتتە كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

     (7) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى ۋە نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

     (8) پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش؛ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

     جاڭ چۈنشيەن تولۇپ تاشقان چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق «تۆت كۆزدە تۇتۇش» نى تەكىتلەپ، نۆۋەتتىكى تارىخى بۇرچىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن:

     (1) بىز ئىچكى – تاشقى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، پۇرسەت ئېڭى، ئىستراتېگىيە ئېڭى، خەۋپ – خەتەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭى ھاياتىي كۈچىمىزنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك.

     (2) بىز تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۈرەش قىلىش، كۈرەش قىلىش، كۈرەش قىلىش روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، تىرىشقاندىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشىدىغانلا بولساق، چوقۇم ئۆزگەرتەلەيمىز، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ ۋە كۈرەش قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

     (3) بىز خەلقنىڭ ئارزۇسىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلق ئۈچۈن جان – دىل بىلەن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا، ئاممىنى 1 – ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن قىزغىن سۆيۈپ، سەمىمىي – سادىق بولۇپ، ئەمەلىي تۆھپە قوشۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدا يېڭى سەھىپە يارىتىشىمىز كېرەك.

     (4) بىز ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى كۆزدە تۇتۇپ، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، تېخىمۇ مۇھىمى، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتكە پائال تاقابىل تۇرۇپ، سەگەك، ئۆتكۈر بولۇپ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۈمىدۋار بولۇپ، داۋالغۇشقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، باتۇرانە تاقابىل تۇرۇپ، پاسسىپ ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاكتىپ ئامىلغا، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ش ئۇ ئا ر پارتىكوم 8- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ روھىدىن قىسقىچە ئۈگۈنۈش تەسىراتى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-28
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 1دانە
  1. دەل ۋاقتىدا ئۇچراپتىمەن بۇ تەسىرات ماقالىسىغا. ئوبدان پايدىلىنىۋالدىم. رەھمەت سىزگە!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: