ئالىم بىز بلوگى

ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش – پارتىيەمىزنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى

ئىمىنقارى قەييۇم

 

     پارتىيەمىزنىڭ 90 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ماركسىزمنىڭ ئومۇمىي ھەقىقىتىنى جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئەمەلىيىتىگە جانلىق تەتبىقلاپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان ھەم نەزەرىيەدە يېڭىلىق ياراتقان شانلىق 90 يىل بولدى. پارتىيەمىز ماركسىزم ئاساسىي نەزەرىيەلىرىنى ئېلىمىزنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا جانلىق تەتبىقلاپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇپ، دەۋرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋىلاشتۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ياراتتى.

     ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش – پارتىيەمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنى مىللىي شەكىل ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە لايىقلاشتۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ماركسىزمنى دەۋرلەشتۈرۈش – ماركسىزمنى ھازىرقى دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ماسلىشىپ، دەۋر روھىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ، دەۋر ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىش دېگەنلىكتۇر. ماركسىزمنى ئاممىۋىلاشتۇرۇش – ماركسىزم نەزەرىيەلىرىنى خەلققە تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇتۇپ، ئۇنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىغا ئايلاندۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ئاممىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى ماركسىزم بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى يارىتىش. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش بىر نەزەرىيەنى خاسلىققا ئىگە قىلىشتىن ئاممىۋىلاشتۇرۇشتەك تەرەققىيات جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ماركسىزم ماھىيەتتە خەلقنىڭ نەزەرىيەسى، ئاممىۋىلاشتۇرۇش ماركسىزمنىڭ ماھىيەتلىك خاسلىقى ۋە تەلىپى. شۇڭا ئاممىۋىلاشتۇرۇش خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئەمەلىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىشنى، خەلقنىڭ قوبۇل قىلىش كۈچى ۋە تەپەككۇر ئادىتىگە ئەھمىيەت بېرىشنى، ماركسىزمنى خەلقنىڭ تۇرمۇش ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشنى، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتكە بولغان يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

     ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش ۋە ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش – ماركسىزمنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك نەزەرىيەۋى ئالاھىدىلىكىنىڭ گەۋدىلىنىشى. تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق، پارتىيەمىز جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش ۋە ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى. شۇڭا يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ماركسىزمنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك نەزەرىيە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

     ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش ۋە ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش – تۈرلۈك خاتا ئىجتىمائىي ئىدىيەلەرنى چەكلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە زور تەرەققىياتلار بولدى، بىر قاتار يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرمۇ گەۋدىلەندى، خىلمۇ خىل ئىدىيەۋى ئېقىملار شەكىللەندى. جەمئىيەتتىكى باي – كەمبەغەللىك پەرقى، ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيىتى ۋە يۆنىلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات يولى، ھەر خىل مەدەنىيەت توقۇنۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى چۆرىدىگەن خىلمۇ خىل ئىدىيەۋى قاراش ۋە بەس – مۇنازىرە كۆپەيدى. بۇ، ماركسىزمنىڭ ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىش كېرەك.

     ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش – كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قاراشلىرىنىڭ دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىشىنىڭ تەلىپى. ئېلىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدا، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىسادىي تەركىب، تەشكىلىي شەكىل، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەقسىمات ئۇسۇللىرى ئۈزلۈكسىز مۇرەككەپلىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قاراشلىرىمۇ كۆپ خىللاشتى. كىشىلەرنىڭ ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش ئېڭى، رىقابەت ئېڭى، ئۈنۈم ئېڭى، دېموكراتىيە – قانۇنچىلىق ئېڭى ۋە ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى پائالىيىتىدىكى پەرقلەر كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. شۇڭا ماركسىزمنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىگە بولغان تەشۋىقاتنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     بىرىنچى، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. ماركسىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرۇشتا، ماركسىزمنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىدىيەۋى قاراشلارنى تۈگىتىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، دۇنيادىكى ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش لازىم.

     ئىككىنچى، نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەش لازىم. ماركسىزم بىر خىل ئىلغار، ئېچىۋېتىلگەن ئىدىيەۋى سىستېما بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مۇۋەپپەقەتلىرىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا ماركسىزمنى دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش لازىم؛ دۇنيانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى غايەت زور بۆسۈشنىڭ كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەڭ يېڭى ئىلمىي ئىدىيە ۋە پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق ماركسىزمنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشقا ماھىر بولۇش لازىم.

     ئۈچىنچى، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەش لازىم. نۆۋەتتە، ئېلىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەريانىدا ۋەزىپە مۈشكۈل، پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭلا مەۋجۇت. شۇڭا دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رېئال مەسىلىلەرگە ماركسىزم نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىيەت ۋە يېڭى تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگوچىلاشقان ماركسىزمنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش لازىم.

     تۆتىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى، چەت ئەلنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش، دەۋرنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەرەققىيات نەزەرىيەسى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى. شۇڭا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى بىلەن ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى غايەت زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

     ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش ۋە ئاممىۋىلاشتۇرۇش – پارتىيەمىزنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىنى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ماركسىزم نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاشقا ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيەنىڭ ئەمەلىيەتكە بولغان يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش – پارتىيەمىزنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-28
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: