ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ۋەقە ۋە مۇلاھىزە >> تەپسىلاتى

غەرب دۇنياسىنىڭ دۈشمىنى كىم؟

     گېرمانىيەدە چىقىدىغان ‹‹دەۋر›› ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ تور بېكىتى 24–ئىيۇل: غەرب دۇنياسىنىڭ دۈشمىنىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ،  <ئۆيىمىزدىكى دۈشمەن>  دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئېلان قىلدى.

     سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە تۇرمۇشىمىز شۇنداق ئاددىي ئىدى، بىز ھەر ھالدا دۈشمىنىمىزنىڭ قەيەردە — تالادا ئىكەنلىكىنى، ئېلبې دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق. ھازىرقى ۋەزىيەت ئامېرىكىنىڭ كارتون ھايۋانات ئوبرازى Pogo نى كىشىنىڭ ئېسىگە سالىدۇ . Pogo بىر بورسۇق. بىر كۈنى ئۇ رازۋېتكىغا چىقىپ كېتىپتۇ، قايتىپ كېلىپ: ‹‹مەن دۈشىمىنىمىزنى كۆردۈم ، ئۇ ئۆزىمىز ئىكەن›› دەپ دوكلات قىپتۇ .

     بۈگۈنكى غەرب دۇنياسىدا دۈشمەن ئۆز لاگىرىمىزدا تۇرۇپتۇ. ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ھېلىھەم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتسادىي گەۋدە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇ ئىككى گىگانت ئادەم تولىمۇ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى سەۋەبچى. چۈنكى ۋاشىنگتوندىن بېرلىنغىچە ھەممىسى رەھبەرلىك ئىقتىدارىدىن قالدى، بۇ ھال قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەندىنمۇ ئوسال. ھەتتا ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئىقتىدارسىزلىق ۋەزىيىتى تۇنجى قېتىم تەڭ پەيدا بولدى — ئوباما بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرسىدا قاتمال ھالغا چۈشۈپ قالغان خامچوت كۆرىشىگە قاراپ باقايلى. ھېلىمۇ بۇ كۈرەش دېموكراتىيە كىرىزىسى بولۇپ قالماپتىكەن .

     بىز ئوباما، مېركىل، ساركوزى ۋە كامروندىن ئىبارەت بۇ تۆت گىگانتنى كەسكىن تەنقىد قىلغىمىز يوق. ئۇلاردىن بۇرۇن ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ كۆڭلى ئازادە ئىدى: يەنى ئۇلار دۈشمىنىنى بىلگەن، دۈشمىنىنىڭ قوراللىرىنى سانىيالىغان، كۇبا باشقۇرۇلغۇچى بومبا كىرىزىسىدىن كېيىنمۇ ئۇ رەھبەرلەر ھەربىي ھازىرلىقلارنى تىزگىنلەش ۋە مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىش ئارقىلىق دۈشمىنىنى تىز پۈكتۈرەلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە بىز قەرزىمىزنى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى ھېسابلاشتىن باشقا ئىش قىلالمايمىز، پەقەت ئارىمىزدىكى چېچەن ۋە زېرەك ئادەملەرلا نېمە قىلىش لازىملىقىنى بىلىدۇ .

     شۇنداق، ياۋروپا گرېتسىيەنىڭ ياۋرو رايونىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك ئىكەن، ئەمەلىيەتتە ئىتالىيەنىڭمۇ كىرىشىگە يول قويمىسا بوپتىكەن، چۈنكى بۇ ئىككى دۆلەت ياۋرو ئىتتىپاقىغا كىرگەن چاغدا تۆت ئۆلچەمنىڭ ئۈچىنى ھازىرلىيالمىغان ئىدى. شۇنداق، بىرلىككە كەلگەن مالىيە پۇل ئىتتىپاقى بولمىسا خىزمەت نورمال يۈرۈشمەيتتى. ياۋرو رايونى 17 بېشى بار پويىزغا ئوخشايدۇ، دېمەك ھەربىر شوپۇر پويىزنى تاكى كۆمۈر تۈگىگىچە ئۆزى بىلگەنچە ھەيدەۋەردى. گرېتسىيەنىڭ ۋەيران بولۇشى — گەپنى چىرايلىقراق ئېيتساق قەرزنىڭ قايتا تەشكىللىنىشى ۋاقىت مەسىلىسى ئىدى، لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋال قانداق بولدى؟ ‹‹سىستېما خەۋىپى›› دېگەن بۇ دۈشمەن ئۇلارغا تۇتۇق بەرمىدى، يەنى ئۇنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى لېھمان ئاكا–ئۇكىلار شىركىتىدىنمۇ كۈچلۈك بولدى — ئاۋۋال دۆلەتنى چىرىتتى، ئاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنى چىرىتىشكە باشلىدى .

     بۇنداق ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشى قىلچە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، سىياسىي ساھەدىكىلەرنىڭ قولىدا كومپاس ۋە خەرىتە يوق بولۇپ قالدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كىشىلەر بۇ سىياسىيونلارنى ئاياپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك. ۋاشىنگتوندا جۇمھۇرىيەتچىلەر شۇنداق ئوبدان تەكلىپنى ئاغدۇرۇۋەتتى. ئۇلار ئەسلىدە بىر دوللار باج كۆپەيتىش ھېسابىغا ئۈچ دوللارلىق چىقىم ئازايتالايتتى. شۇنداق بولغاندا يەنە 10 يىلدىن كېيىن ئۇلاردىكى قىزىل رەقەم 4 ترىللىيون دوللار ئازايغان بولاتتى. لېكىن بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان، ئىككى پارتىيە دۆلەتنى قىمار تاختىسىغا سېلىپ ئوينىدى — دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بۇ دۆلەتتە ئەقىلسىز بالىلار قىزىل رەقەم مەسىلىسى ئۈستىدە توختىماي بەس–مۇنازىرە قىلدى .

     ئەنگىلىيەنىڭ 2–دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى باش ۋەزىرى چېرچېل: ‹‹ئامېرىكا باشقا زاپاس پىلانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن توغرا ئىش قىلىدۇ›› دېگەنىدى. خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىنى بېرىشكە پۇلى بولمىغانلىقتىن ھۆكۈمەت تاقىلىپ قالاي دېگەندە ئاندىن ھەل قىلىش لايىھەسى چىقتى. مالىيەدىكى غايەت زور قىزىل رەقەم ۋە يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنە داۋاملىشىۋېرىدۇ. لېكىن پرىنسىپ جەھەتتىن ئالغاندا، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە ئوتتۇرسىدا بولغان بۇ كۈرەشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت بىلەن ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشتىنمۇ ئاسان بولدى .

     ئادىنائۇر ۋە برانت دەۋرىدىكى سىياسىي يول تاللاشتىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى پۇچەكلىشىشكە باشلىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئاچقۇچلۇق پەيتتە نېمە قىلىش لازىملىقى ۋە قانداق قىلىش لازىملىقىنى بەلگىلىيەلەيدىغان زۇڭلى بارلىققا كەلدى: كولل زۇڭلى ياۋروپانىڭ بىرلىككە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى، شرودېر زۇڭلى گېرمانىيەدە پاراۋانلىق ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى. يەنى ئۇلار بۈگۈنكى گېرمانىيەنىڭ گۈللىنىشىنى ئۆزگىچە بىر مىسالغا ئايلاندۇردى. ھازىر ياۋرو غۇلاپ چۈشەيلا دەپ قالدى، ياۋروپانىڭ ھازىرقى پائالىيەت كىرىزىسى ۋە قانۇنلۇق بولۇش كىرىزىسى ئۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالماقتا. كىشىلەر مېركېل زۇڭلىنى ئەيپلىسە بولىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ باياشات، ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ بۇ ئايال رەھبىرى گېرمانىيەنى مەسئۇلىيەتتىن قاچۇردى. ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ: قىيىنچىلىقتىن قاچقان ئوباما بىلەن جاھىل ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىدىن ئىبارەت. ئوباما بىلەن مېركېل خەلق رايىنى سىناش ئۇرۇشىدا سەپداشقا ئايلاندى: قايتا سايلىنىش ئۇلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىقتىنمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى .

     مېركېل ئىلگىرىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى كىرىزىسىدا ياۋروپا دۆلەتلىرىنى قەيسەرلىك ۋە ئەپچىللىك بىلەن قانداق كۆندۈرگەنلىكىنى ئەسلەپ باقايلى. گرېتسىيە مەسىلىسىدە ئۇنىڭ ئىپادىسى تولىمۇ غەلىتە بولدى: ئاۋۋال گرېتسىيەنى تەنقىت قىلدى، كېيىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان چاغدا سۆرەلمىلىك قىلدى. قىياس قىلىپ باقايلى، ئەگەر مېركېل: ‹‹بىز بولىدىكەنمىز سىلەر يىقىلىپ چۈشمەيسىلەر، لېكىن باش–باشتاقلىق قىلماڭلار، مەجبۇرىيتىڭلارنى ئادا قىلىڭلار، بىز سىلەر بىلەن ھەر ۋاقىت ھەمدەمدە بولىمىز›› دەپ جاكارلىغان بولسا، ھەتتا ‹‹قەرزنى تەرتىپلىك ھالدا قايتا تەشكىللەش›› سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسا، 2010–يىل 3–ئايدىلا بىر مۇداپىئە سېپى بەرپا قىلىنغان بولاتتى. چۈنكى ئۇ چاغدا بۇ دۆلەتنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى قالمىغانلىقىنى ئاددىي ھېسابلىغۇچ ئارقىلىقلا ھېسابلاپ چىققىلى بولاتتى. دېمەك ياۋروپادا ھازىر سەمىمىيلىكمۇ قالمىدى دېگەن سۆز .

     دۈشمەن نەق ئۆزىمىز. ‹‹ئادەمنىڭ پىكرىنى مەركەزلەشتۈرۈشتە ئۆلۈم جازاسىنى كۈتۈپ تۇرۇشتىنمۇ كۈچلۈك ۋاسىتە يوق›› دېگەن بۇ نەقىلنى دائىم قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە تەسەللى تاپىمىز. ئەمدى ئۆلۈم جازاسى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادىن ئىبارەت بۇ ئىككى جىنايەتچىگە كەلدى .

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: