ياپونىيە دۇنيادىكى كۆپ يەر تەېرەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دۇنيادا 6 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەشنىڭ تەخمىنەن %20 ى ياپونىيەدە يۈز بەرگەن. نىمە ئۈچۈن ياپونىيەدە توختىماي يەر تەۋرەيدۇ؟
ياپونىيە تېنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يەر تەۋرەش بەلبېغىنىڭ چېتىغا جايلاشقان، ئۇزۇنلىقى 40 مىڭ كىلومىتىر كىلىدىغان بۇ يەر تەۋرەش بەلبېغى غايەت زور ھالقىغا ئوخشاش تېنچ ئوكياننى چۆرىدەپ تارقاقلاشقان. تېنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يەر تەۋرەش بەلبېغى يەر شارىدىكى ئاساسلىق يەر تەۋرەش بەلبېغى بۇلۇپ، بۆلەك ھەركىتى كۈچلۈك.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۆلەك قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ياپونىيە تېنچ ئوكيان بۆلىكى ۋە ئاسىيا – ياۋروپا بۆلىكىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان. تېنچ ئوكيان بۆلىكى ياۋروپا – ئاسىيا بۆلىكىنىڭ ئاستى تەرىپىگە شۇڭغۇيدۇ. كۈچلۈك گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش بۇلۇپ تۇرىدىغان بۇنداق رايۇنلاردا ئاسان يەر تەۋرەيدۇ.