ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلەر ھاياتى >> تەپسىلاتى

بىن لادېننىڭ يەسىرەلىرى

          بىن لادېن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، پاكىستان خەۋپسىزلىك قىسىمى ئۇنىڭ ئىسلامئابادقا يېقىن ئەببۇدئاباد بازىرىدىكى تۇرالغۇسىنى تېزلا ئۆتكۈزۈۋالدى ھەم ئۈچ يەسىرەسى بىلەن پەرزەنتلىرىنى تۇتۇپ تۇردى .

          ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۈچ يەسىرەنى زور ئاخبارات قىممىتىگە ئىگە، دەپ قارىماقتا. بلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى پاكىستان ئامېرىكىنىڭ بىن لادېننىڭ ئۈچ يەسىرەسىنى سوراق قىلىشىغا قوشۇلدى ، دەپ ئاشكارىلىغان . ئۇنداقتا بۇ ئۈچ يەسىرە زادى كىملەر؟ ئۇلار قانچىلىق ئاخبارات قىممىتىگە ئىگە؟ ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى سوراق قىلىشقا شۇنچىلا ئالدىرايدۇ؟

          كىچىك يەسىرە: بىن لادېن ئاغرىقچان ئەمەس ئىدى

          تۇتۇپ تۇرۇلغان بۇ ئۈچ يەسىرە بىن لادېننىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – خوتۇنلىرى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئەڭ تونۇشلۇقى كىچىك خوتۇنى ئەمەل سادا (يەمەنلىك). 3–خوتۇنى ئۇم ھەمزە بىلەن 4–خوتۇنى ئۇم خالىدە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق . رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەربىسىدە بىن لادېن ئۆلگەندىن كېيىن، پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرى بىن لادېننىڭ تۇرالغۇسىدىكى ئۈچ خوتۇنى ۋە توققۇز بالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ~ 16 كىشىنى قولغا ئالغان .

          ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىھەتچىسى توم دونىلوننىڭ ئاشكارىلىشىچە ، ئامېرىكا بىن لادېننىڭ ئۈچ يەسىرەسىنى سوراق قىلىپ، 1–قول ئاخباراتقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن . ئۇ يەنە، ھازىرچە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىن لادېن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك پاكىت يوق، دېدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پاكىستان بۇ ئۈچ يەسىرەنى يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن سوراق قىلىشنى باشلىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئويى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىشىگە ئەگىشىپ ، پاكىستان بىن لادېننىڭ يەسىرەلىرىنى ئامېرىكىنىڭ سوراق قىلىشىغا قوشۇلدى ، بىراق كونكرېت ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىدى . ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى : بىن لادېننىڭ يەسىرەلىرىنى سوراق قىلىش باشقىلارنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا زادى قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ، بىن لادېننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقى ، ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ قانداق ھەرىكەتلىنىدىغانلىقى ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن ئۆزلىرىنى قانداق قاچۇرغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن ، بۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلار قىزىقىدىغان مەزمۇنلار.

          ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر پاكىستان خەۋپسىزلىك خادىملىرى بۇ ئۈچ يەسىرەنى يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن سوراق قىلىۋېتىپتۇ، سوراق مەزمۇنى بىن لادېننىڭ تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ، ھەتتا جىنسىي تۇرمۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . ئېيتىلىشىچە، 1999–يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر كىشى قاتىل ياللاپ بىن لادېنغا زەھەر ئىچكۈزۈۋەتكەن ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۆرىكى زەئىپلەشكەن ئىكەن . ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بىن لادېننىڭ ئەڭ كىچىك يەسىرەسى سادا سوراق قىلىنغاندا ، بىن لادېننىڭ بۆرىكىنى دىئالىز قىلدۇرمىغانلىقىنى ، سالامەتلىكىنىڭ ئۇلار ئويلىغاندىكىدىنمۇ ياخشىلىقىنى ئېيتقان . ئەمەل سادا: لادېن بۆرەك كېسىلىنى دىئالىزغا تايىنىپ ئەمەس، تاۋۇزغا تايىنىپ ساقايتقان ، ‹‹ئۇ ئاجىز ئەمەس ، ئانچە كۆپمۇ ئاغرىمايتتى›› دېگەن.

          شۈبھىسىزكى، سادانىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ئامېرىكا ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك، ئەمما پاكىستان ئۈچۈن ياخشى خەۋەر بولۇشى ناتايىن . ئەنگلىيەدە چىقىدىغان ‹‹قۇياش گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سادا پاكىستاننىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرىغا بىن لادېننىڭ ئەببۇدئابادتىكى ئۈچ قەۋەتلىك تۇرالغۇسىدىن باشقا، يەنە يۇشۇرۇنىدىغان جايى بارلىقىنى ، ئىلگىرى ئۇ يەردە ئىككى يېرىم يىل تۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، سادانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ جاي جەگ شاھمۇھەممەد كەنتىدە بولۇپ ، بىن لادېن 2005–يىلى ھازىرقى تۇرالغۇغا كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىن لادېن پاكىستان تەۋەلىكىدە ‹‹بازا›› تەشكىلاتىغا يەتتە يىلدىن ئارتۇق قوماندانلىق قىلغان ، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پاكىستان ئاخبارات ئورگىنى بىن لادېنغا چاپان ياپقان ، دەپ تېخىمۇ گۇمانلاندى . پاكىستان دائىرىلىرى بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سادا ئىقرار قىلغان كەنتكە ساقچى ئەۋەتىپ ، بىن لادېننىڭ كونا تۇرالغۇسىنى ئىزدىدى. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 2004–يىلى بۇ جايدا ھەقىقەتەن بىر ‹‹سىرلىق چەت ئەللىك›› پەيدا بولۇپ قالغان ھەم ساتىدىغان يەر بار–يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرگەن .

          يەسىرەلەرنىڭ بىرى ‹‹غازاتچىلارنىڭ ئانىسى»

          بىن لادېننىڭ يەسىرەلىرى دەرۋەقە ناھايىتى يۇقىرى ئاخبارات قىممىتىگە ئىگىدەك قىلىدۇ . بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەسىرەلەر ئارقىلىق ھېچبولمىغاندا ئۇلارنىڭ قانداق قېچىپ قۇتۇلغانلىقىنى بىلگىلى ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ ، تېررورچىلارنىڭ پېيىگە تېخىمۇ ياخشى چۈشكىلى بولىدىكەن . ئۇنداقتا بىن لادېننىڭ قالغان ئىككى يەسىرەسى قانداق ئاخباراتلارنى بىلىدىغاندۇ؟

          فىرانسيە ‹‹فېگارو گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىن لادېننىڭ 3–خوتۇنى ئۇم ھەمزە ‹‹بازا›› تەشكىلاتى تورىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدىكەن . بىن لادېننىڭ سابىق مۇھاپىزەتچىسى بەھرىنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇم ھەمزە ئىسلام مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن بىن لادېننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ھەم ‹‹غازادچىلارنىڭ ئانىسى›› دەپ تەرىپلەنگەن . ھىندىستان ‹‹ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇم ھەمزە بىن لادېندىن سەككىز ياش چوڭ ، ئالىي مەلۇماتلىق، ئىسلام دىنى شەرىئىتى بويىچە دوكتور ئۇنۋانى ئالغان ئىكەن ، لادېنمۇ ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان . بىن لادېن بىلەن ئۇنىڭ تويىنى بىن لادېننىڭ 1–خوتۇنى نەجۋە غەنېم ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن . ئېيتىلىشىچە، ئۇم ھەمزە ‹‹غازادچىلار››نىڭ ئائىلە ماجىرالىرىنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ ، ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ بوشىنىشىغا ياردەم بېرىدىكەن .ئۇ يەنە بىن لادېننىڭ بارلىق پەرزەنتىگە ‹‹قۇرئان كەرىم››نى ئۆگىتىشكە مەسئۇل ئىكەن . بىن لادېننىڭ 4–خوتۇنى ئۇم خالىدە لادېننىڭ پەرزەنتلىرىگە ئەرەب تىلى ئۆگىتىشكە مەسئۇل ئىكەن ، بىن لادېننى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىدە ئۇنىڭ بېن لادېندىن بولغان چوڭ ئوغلىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ.

          خەۋەر قىلىنىشىچە، بىن لادېن ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئۈچ خوتۇنى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، ئۈچ خوتۇنى تازا ئەپ ئەمەس ئىكەن . بەھرىنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، بىن لادېن 43 يېشىدا ساداغا ئۆيلەنمەكچى بولغاندا ، ئۇم ھەمزە قوشۇلمىغان ، ئۇم ھەمزە تويغا كېچىكىپ كېلىپ، كەيپىياتنى ‹‹جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ›› . لادېننىڭ ئىككى ئوغلىمۇ بۇ تويغا قوشۇلمىغان، ئۇلار: ‹‹سىز بالىلىرىڭىزدىنمۇ كىچىك قىزغا ئۆيلەنسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟›› دېگەن . ھازىر بىن لادېننىڭ بىر قانچە بالىسى پاكىستان ئاخبارات ئورگىنىنىڭ كونتروللۇقىدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاخبارات قىممىتى يۇقىرىراقى بىن لادېن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇھەممەد بىلەن سائاد ئىكەن ، ئۇلارمۇ ئاتىسىنىىڭ بەزى مەخپىيەتلىكلىرىنى بىلىدىكەن.

          بۇ ئۈچ خوتۇندىن باشقا، بىن لادېننىڭ يەنە ئىككى خوتۇنى ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتكەن. 1–خوتۇنى نەجۋە غەنېم بىن لادېننىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنى بولۇپ ، بىن لادېندىن 11 بالىلىق بولغان ، ئۇ ‹‹11– سېنتەبىر›› ۋەقەسىدىن بۇرۇنلا بىن لادېن بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن . ‹‹ئوتتۇرا شەرق›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەجۋە غەنېمنىڭ ئانىسى بىن لادېننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن . 2–خوتۇنى خەدىچە شېرىف بىن لادېندىن توققۇز ياش چوڭ، ئۇمۇ ئالىي مەلۇماتلىق بولۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادىدىن ئىكەن ، ئۇلار 1983–يىلى توي قىلىپ ئۈچ بالىلىق بولغان، كېيىن ئاجرىشىپ كەتكەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: