ئالىم بىز بلوگى

«ئاق تاغلىق» ۋە «قارا تاغلىق» لار توغرىسىدا

ئىبراھىم نىياز

     مەختۇم ئەزەمنىڭ ئۇغۇللىرى – خۇجا ئىسھاق ۋەلى بىلەن خۇجا ئىمام كالان (خۇجا مۇھەممەد ئىمىن ئىشان) لار ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سۇپىزىمنى ۋە دىنى مۇتىئەسسىپلىكنى يەنىمۇ كەڭ تارقىتىش ئۈچۈن، ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا مۇرت-مۇخلىس توپلاشقا باشلايدۇ. بۇلار ئەزەلدىن ھۇقۇق-مەنپەت تالىشىش يۇلىدا بىر-بىرىگە قارشى كۈرەش قىلىپ كىلىۋاتقان ئاكا-ئۇكىلار ئىدى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇرت تالىشىش كۈرۈشى بارغانسىرى كۈچۈيۇپ كىتىدۇ. خۇجا ئىسھاق ۋەلى بىر كۈرەشتە ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن ئىشاننى باشقىلارنىڭ قۇلى ئارقىلىق زەھەر ئىچۈرۈپ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن ئىشاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد يۈسۈپ ئىشانمۇ خۇجا ئىسھاق ۋەلىنىڭ نەۋرىسى خۇجا ئابدۇللا ئىشان تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش خۇجا ئىسھاق ۋەلى ئۆلگەندىن كىيىن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كىتىدۇ. نەتىجىدە جەنۇبى شىنجاڭدا بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى بولغان چوڭ ئىككى سەپ شەكىللىنىدۇ.

     خۇجا ئىمامى كالان (خۇجا مۇھەممەد ئىمىن ئىشان) تەرەپدارلىرى ئۆزلىرىنى «ئىشقىيە» يەنى داستارلار دەپ ئاتىشىدۇ. خۇجا ئىسھاق ۋەلى تەرەپدارلىرىمۇ ئۆزلىرىنى «ئىسھاقىيە» يەنى مەختۇمزادىلار دىگەن نام بىلەن ئاتىشىدۇ. خۇجا مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ چوڭ ئوغلى خۇجا ھىدايىتۇللا ـ «ئاپپاق خۇجا» بىلەن خۇجا ئىسھاقنىڭ نەۋرىسى خۇجا ئەبەيدۇللا دەۋرىگە كەلگەندە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇرت تالىشىش كۈرۈشى قانلىق كۈرەش پەللىسىگە يەتىدۇ.

     ھىدايىتۇللا ئىشان ئۆز مۇرتلىرىنى ئىسھاقىيە تەرەپدارلىرىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەم ئۆز سېپىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق بەلگۈلەش ئۈچۈن، ئۆز مۇرتلىرىنى ئاق تاقى (ئاق دوپپا) كىيىشكە بۇيرىيدۇ ۋە بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشقىيە»، «داستارلار» سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بىكىتىدۇ.

     خۇجا ئەبەيدۇللامۇ ئۆز مۇرتلىرىنى ئىمامى كالان تەرەپدارلىرىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن قارا تاقى (قارا دوپپا) كىيىشكە بۇيرىدۇ ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىسھاقىيە» سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بىكىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇجا ئىمامى كالاننىڭ تەسىرى چوڭراق بولغان رايۇنلارنىڭ خەلىقلىرى(قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچا، بۇلار ئۈچ شەھەر دەپ ئاتىلىدۇ) يەنى ھازىرقى قەشقەردىن تارتىپ كورلىغىچە بولغان جايلارنىڭ خەلىقلىرى «ئاق تاغلىق» لارنىڭ تەرەپدارلىرى بۇلۇپ ئايرىلىدۇ. ئىسھاق ۋەلىنىڭ تەسىرى چوڭراق بولغان يەكەن، قاغىلىق، خۇتەن، (بۇلارمۇ ئۈچ شەھەر دەپ ئاتىلىدۇ) قاتارلىق جايلارنىڭ خەلىقلىرى «قارا تاغلىق» لارنىڭ تەرەپدارلىرى بۇلۇپ ئايرىلىدۇ.

     بۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلاردىن تارتىپ پۇقرالارغىچە ئىككى قاشقا بۈلۈنۈپ، ئىككى ئىشانلار گۈرۈھىنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان «ئاق تاغلىق» لار، «قارا تاغلىق» لار (ئاق تاقىلىك، قارا تاقىلىك)كۈرۈشى ئەۋجگە چىقىدۇ. ئاق تاقى، قارا تاقى ئاتالغۇسى يىللارنىڭ ئۈتۈشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭ ئۆزگۈرۈش خۇسۇسىيىتى بۇيىچە ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق دىيىلىدۇ.

     بۇ ئىككى گۇرۇھقا بۈلۈنگەن خۇجىلار بارغانسىرى بىر-بىرى بىلەن كەسكىن ھايات-ماماتلىق كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈپ ماھىيەتلىرى بىر-بىرىدىن پەرىق قىلمىسىمۇ، جەنۇبى شىنجاڭنىڭ سىياسى ھاكىمىيىتى يەنىلا سەئىدخاننىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولغان ئىسمايىلخاننىڭ قۇلىدا بولغانلىقتىن، بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ باشلىقلىرى ھۇقۇقنى ئۆزلىرىنىڭ قۇلىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز-ئارا قانلىق كۈرەشلەرنى زادىلا توختاتمايدۇ.

     بۇ چاغلاردا قەشقەردە ھىدايىتۇللا خۇجا ئۈزىنى ئاق تاغلىقلارنىڭ سەردارى، قەشقەرنىڭ دىنى، سىياسى ھۈكۈمرانى، ئىسلام دىنىنىڭ پىشىۋاسى، يەرلىك ئەۋلىيا دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆز ئەتراپىغا جەنۇبى شىنجاڭ ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىن نەچچە ئون مىڭلاپ مۇرت-مۇخلىس توپلايدۇ. ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا، سەمەرقەند، نەمەنگەن شەھەرلىرى بىلەن خۇراساندىنمۇ مۇرت توپلايدۇ.

     خۇجا ئەبەيدۇللا بىلەن ئوغلى دانىيال خۇجىمۇ قارا تاغلىقلارنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە ئۈزىنى ئىسلام دىنىنىڭ پىشىۋاسى، قارا تاغلىقلارنىڭ سەردارى، يەكەننىڭ دىنى، سىياسى ھۈكۈمرانى «دانىيال ئەلەيھى» – ئەۋلىيا دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆز ئەتراپىغا جەنۇبى شىنجاڭ ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىن نۇرغۇن مۇرت-مۇخلىسلارنى توپلايدۇ. ھەتتا ماۋرۇھۇننەھەر، كەشمىر، پاكىستان قاتارلىق جايلاردىن مۇرت-مۇخلىس توپلايدۇ.

     بۇ ئىككى دىنى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بىر دىنى مەزھەپ، ھۇقۇق كۈرۈشىلا بۇلۇپ قالماستىن بەلكى بارا-بارا سىياسى، ئىجتىمائى كۈرەش شەكلىگە كۈتۈرىلىدۇ. مانا بۇ خۇجىلار گۇرۇھىنىڭ خەلقىمىزنى پارچىلاش، بىر – بىرىگە قارشى قۇيۇش، يۇرتۋازلىق، تەپرىقىچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، نادانلىق يۇلىغا ئىتتىرىش تارىخىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمىدۇر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: «ئاق تاغلىق» ۋە «قارا تاغلىق» لار توغرىسىدا

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-06-13
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مىللەت - دىن
ئىنكاس: 1دانە
  1. كېرەملىك ئاللاھ شۇ رىياكار،ساتقۇن خوجا-سوپىلارنىڭ ياتقان يېرىنى دوۋزاخ قىلغايسەن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: