ئالىم بىز بلوگى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

جاڭ چۈنشيەن

      يولداشلار:

     بۈگۈن بۇ يەرگە داغدۇغىلىق جەم بولۇشىمىزدىكى مەقسەت، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، پارتىيەمىزنىڭ تارىخىنى ئەسلەپ، ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقىنىڭ يېڭى مەزگىلىدىكى گۈزەل كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش. شۇنداقلا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى سەپلەردە مەيدانغا كەلگەن بىر تۈركۈم ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرىنى تەقدىرلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىك ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىدىن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر – ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ! تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ! ئۇزاقتىن بۇيان پارتىيەمىز بىلەن بوران – چاپقۇندا بىللە بولغان، بار – يوقنى تەڭ كۆرگەن دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەتەنپەرۋەر زاتلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن !

     بۇنىڭدىن 90 يىل ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلدى، بۇ جۇڭگو تارىخىدىكى مىسلىسىز كاتتا ئىش بولۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. 1840 – يىلىدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن تارتىپ 1949 – يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغىچە بولغان 100 نەچچە يىللىق ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، جۇڭگو خەلقى تاشقى جەھەتتە جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزىغا، ئىچكى جەھەتتە فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ زۇلۇمى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيەگە ئۇچراپ، چەكسىز ئازاب – ئوقۇبەتكە پېتىپ، ئېغىر كۈنگە قېلىپ، چوڭقۇر بالايىئاپەتكە دۇچار بولدى. دۆلەتنى، خەلقنى قۇتقۇزۇش ھەقىقىتى ۋە يولىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، سانسىزلىغان ئىرادىلىك زاتلار جان پىدالىق بىلەن ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزۇپ، تىز پۈكمەي ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى؛ جۇڭگو خەلقى ئارقا – ئارقىدىن تىللاردا داستان بولغىدەك قەھرىمانە كۈرەش قىلدى. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى رەھبەرلىكىدىكى شىنخەي ئىنقىلابى جۇڭگودا 2000 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەھكەملىكە، يېرىم فېئوداللىق ئىجتىمائىي خاراكتېرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلمىدى. ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ئىنقىلابى جۇڭگوغا ماركسىزم – لېنىنىزمنى يەتكۈزدى. 4 – ماي ھەرىكىتىدىن باشلاپ، جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى ئىلغار ئىجتىمائىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقتى. 1921 – يىلى 7 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەيدە قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈس ئېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەقدىرىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بايرىقى جۇڭگو زېمىنىدا جەۋلان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، بەخت – سائادەتكە ئېرىشىش يولىدا توختاۋسىز ئىلگىرىلەشكە ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سەلتەنەتلىك تارىخىي سەھىپە ياراتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى، يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش، ئازادلىق ئۇرۇشى قاتارلىق 28 يىللىق قانلىق ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇۇرپ تاشلاپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلق ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى تارىخىي دەۋر باشلاندى.

     يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش غەلىبىلىك تاماملىنىپ، سوتسىيالىستىكتۈزۈم ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامرات ھەم قالاق ئاساستا مۇستەقىل، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن قەدىمىي جۇڭگو يېپيېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە، پارتىيەمىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خېيىم – خەتەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى تىنچ ئۆتۈش، تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىشتەك ئوبرازى بىلەن دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈردى.

     جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىش تارىخى دۇنياغا شۇنى ئۇقتۇردىكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىلى ماركسىزم – لېنىنىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقەت يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن، دادىل يېڭىلىق ياراتقان 90 يىل؛ مىللەتنى ئازاد قىلىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش يولىدا جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 90 يىل. بۇ ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپە داۋامىدا، ماۋزېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە خۇجىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن – ئاخىر ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باشتىن – ئاخىر ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى باشتىن – ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، دادىل ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خېيىم – خەتەرلەرنى يېڭىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات تارىخىي مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە، ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە.

     يولداشلار، دوستلار:

     پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەقدىرى ۋە بۇ زېمىندىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ چېن يۈن، دېڭ فا، چېن تەنچيۇ، ماۋزېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق بىر تۈركۈم كوممۇنىستلارنى شىنجاڭغا ماركسىزم – لېنىنىزمنى تارقىتىشقا ئەۋەتىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. چېن تيەنچيۇ، ماۋزېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلار يەنە شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىغا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. 1949 – يىلى 9 – ئايدا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە رەئىس ماۋزېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىش فاڭجېنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەربىي، مەمۇرىي دائىرىلىرى ھەقىقەتكە قايتقانلىقىنى جاكارلىدى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىنچىلىق ۋە خېيىم – خەتەرنى يېڭىپ، شىنجاڭغا غەلىبىلىك كىرىپ، بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جەۋلان قىلدۇردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى سەھىپە باشلاندى. شىنجاڭ ئازاد بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، فېئودال يەر ئىگىدارلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىپ، يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈشتەك تارىخىي بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقى سوتسىيالىزم داغدام يولىغا قەدەم قويدى. پارتىيەنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 1955 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، بۇ شىنجاڭ تارىخىدىكى شانلىق بىر سەھىپە، ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشىدىكى ئابىدە. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئاساسىي سىياسىي تۈزۈم قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزملىق مىللەتلەر نەزەرىيەسىنى بېيىتىش، راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتى.

     يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ نامرات ھەم قالاق قىياپىتىدە روشەن ئۆزگىرىش بولدى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. خەلق ئىگىلىكى سىجىل تەرەققىي قىلدى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى سىجىل تەرەققىي قىلدى، پاختا، ئاشلىق، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بازا قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، نېفىت، نېفىت – خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، پولات – تۆمۈر، توقۇمىچىلىق، رەڭلىك مېتال، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك قاتارلىقلار ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. 3 – كەسىپ تېز تەرەققىي قىلدى، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، دەرىجىسى ئۆستى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى. چوڭ – چوڭ سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى تۈرلىرى شىنجاڭدا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى. ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. پەن – تېخنىكا، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر – دىن سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹تۆتنى تونۇش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى.

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى قوغداش تارىخىي بۇرچىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، دادىل ئىلگىرىلەپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، قۇرۇلۇش قوشۇنىلىق، مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك، پولات ئىستىھكاملىق مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش يولىدا ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە ياراتتى. مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىنى قوغداش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

     شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات تارىخىي مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك مۇۋەپپەقىيەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى ۋە بۈگۈنكىدەك گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى بولمايتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئېغىشماي ماڭغاندىلا، پارلاق ئىستىقبالغا ۋە گۈزەل كېلەچەككە ئىگە بولالايدۇ. بۇ تارىخ ۋە رېئاللىقتىن چىقىرىلغان ئاساسىي يەكۈن.

     يولداشلار، دوستلار!

     جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ھەيۋەتلىك، رەڭدار كارتىنىغا ئوخشاش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي ئابىدىسى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ شانلىق تارىخىغا پۈتۈلدى. تارىخقا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر داۋاملىق پۈتۈلىدۇ. شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۆھەر زېمىنى، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك توساق، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىكى مۇھىم رايون، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بازىسى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. مەركەز شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى بەلگە قىلغان ھالدا، شىنجاڭ يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن – تېخنىكا، مائارىپنى تىرەك قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش پەللىسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت شىنجاڭنى ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇزاق ئەمىن قىلىشتىكى كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىز مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. ھازىر، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، بېيىشنى كۆزلەش، مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش، شىنجاڭدا ئاساسىي مېلودىيەگە ئايلاندى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دىققىتى، نەزەرى، شىجائىتى بېيىشقا، زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا مەركەزلەشتى، جۇشقۇنلۇققا تولغان، ئىلمىي ھالقىيدىغان، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىدىغان شىنجاڭ كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولدى.

     يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چوقۇم ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي پۇرسەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دادىل ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

     يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز تەرەققىياتتىن ئىبارەت بىرىنچى ۋەزىپىنى باشتىن – ئاخىر ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي ھالقىشى، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. تەرەققىيات پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى. بىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلىقىدەك گەۋدىلىك زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، ھالقىما تەرەققىي قىلىشنى قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك ۋە كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتا، يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىقتىساد، جەمئىيەتنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغاندىلا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتالايمىز. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش ئۇلۇغۋار ئىرادىسىگە كېلىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، قەلبنى، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي ئىشلەپ، تەرەققىيات داۋامىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شەھەر – يېزا ئىقتىسادى ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ بىلەن تەرەققىي قىلغان رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان بىر يىلدا بىر ئۆزگىرىش ياساپ، بەش يىلدا ئۈنۈم يارىتىپ، ئون يىلدا چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، 2020 – يىلى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش نىشانىغا تىرىشىپ يېتىشى كېرەك. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھالقىما تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ – چوڭ تۈرلەرنى، چوڭ – چوڭ كەسىپلەرنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئالدىن پىلانلاپ، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇپ، ئەڭ ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېزدىن يۈكسەلدۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەيدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنى تىرىشىپ دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت – گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، زاپاس ساقلاش بازىسى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى بازىسى، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر بازىسى ۋە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇقلۇق ئۆتىڭى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيو دورىگەرلىك ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېكولوگىيەلىك، بىخەتەر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى زاپاس بازىسى، ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىسى، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك بازىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. شەھەر – يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش، ئۆزگىچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈجۈپىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىش، قۇدرەتلىك زاپاس كۈچ جۇغلاش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىچكى – تاشقى ئىككى خىل بايلىق، ئىككى بازارغا ئاساسەن، ‹‹سىرتتىن كىرگۈزۈش، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، شەرق بىلەن بىرلىشىش، غەربتىن چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈش، شەرققە يەتكۈزۈش››تەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. قەشقەر، قورغاستىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسى››نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنى تىرىشىپ دۆلىتىمىزنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك ۋە بازىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ‹‹ئاپتونوم رايوننى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، قوش تىل مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پەن – مائارىپ مەدىتى ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نىشاننى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىلاننى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تىرىشىپ زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

     يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى باشتىن – ئاخىر بارلىق خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا خەلقنى ئازاد قىلىش، بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى مەڭگۈلۈك ئىستەك قىلدى، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قان – قېنىغا سىڭىپ، بەئەينى قان تومۇرغا ئوخشاش خىزمەتلەرگە باشتىن – ئاخىر سىڭىپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شانلىق سەھىپىلەرنى يارىتىپ، كەلگۈسىنى نامايان قىلىپ بەردى. ئەڭ كۆپ ساندىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشىلاش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك ئالاقىسىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقىدىن ئۆتۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نىشانى، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ چوڭ نەتىجە دەپ بىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىپ، خەلققە رىشتە باغلاپ، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات نەتىجىسىنى خەلق ئاممىسىنى تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش، تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ ھىمايە قىلىش – قىلماسلىقى، قوللاش – قوللىماسلىقى، خۇشال بولۇش – بولماسلىقى، قوشۇلۇش – قوشۇلماسلىقىنى سىياسەت – تەدبىر تۈزۈشنىڭ ئاساسى قىلىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك. ئىشنى ئاممىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىدىن باشلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە تۇرالغۇ كاپالىتى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تۈرتكە بولۇپ، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسى، بولۇپمۇ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى تېزدىن زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، تىرىشىپ ئاممىنى غەم – ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا، جاپالىق، چەت، يىراق رايونلارغا، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مايىللىشىپ، چەكلىك مالىيە كۈچى ۋە بايلىقنى دەل جايىغا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ھەل قىلىشقا تەشنا بولۇۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، جان – دىل بىلەن ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىش كېرەك. ھازىر ئاپتونوم رايون بېكىتىپ يولغا قويغان 22 خىل 80 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇش خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇش چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قاتارلىق چوڭ – چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، ياخشى ئىشنى ھەقىقىي ئوبدان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىش ۋە ياخشىلىنىشنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقىنى تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

      يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادا مەدەنىيەت ئىقتىساد ۋە سىياسىي بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدىكى ئورنى ۋە رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى، مەدەنىيەتنىڭ كۈچى مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئىجادچانلىقى ۋە ئۇيۇشقاقلىقىغا چوڭقۇر سىڭدى. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ ئىدىيە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى پۈتمەس – تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئارقىلىق، كۆپ خىللاشقان ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمىنى يېتەكلىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپ دۆلىتىمىزدىكى كۆپ مىللەت ئورتاق ياشاپ كەلگەن ماكان ئىكەنلىكى، ئۇزاق تارىخىي مۇساپە داۋامىدا شىنجاڭدا ياشىغان ھەر مىللەت جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ قويۇق ئالاقە قىلىپ، بىر – بىرىگە يار – يۆلەك بولۇپ، بار – يوقنى تەڭ كۆرۈپ، شىنجاڭنى بىرلىكتە ئاچقانلىقى، گۈللەندۈرگەنلىكى، چېگرانىڭ مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغدىغانلىقى، جۇڭجۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولغانلىقىدەك ئاساسىي ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىر گەۋدىلىك كۆپ مەنبەلىك، بىرىككەن ئېچىۋېتىلگەن، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەرققە ھۆرمەت قىلىپ، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇپ، ئۆزئارا زوق ئېلىپ، مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ قېزىش ۋە ئەۋج ئالدرۇش بىلەن بىللە، زامانىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى ئۇرغۇتۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىچكى ئامىلىنى قوزغىتىپ، مەدەنىيەتنىڭ تەربىيەلەش، ئۇيۇشتۇرۇش، ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ روھى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق››، ‹‹تۆتنى تونۇش›› تەربىيەسى ۋە ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› تەربىيەسىنى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، دىن سىياسىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملىرى تەشۋىق – تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىسىنى توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى ۋە مەدەنىيەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئۆزئارا زوق ئېلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئىتتىپاق – دوستانە بولۇش، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈشكە يېتەكلەش كېرەك. ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، يۇرت – ماكانىمىزنى گۈزەل قۇرۇپ چىقىش›› باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى چۆرىدەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، تىرىشىپ ئىشلەش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئېچىۋېتىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتەك شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۇ روھنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئىجتىمائىي توپنىڭ ئېڭىغا، كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

      يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز مۇقىملىقتىن ئىبارەت بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى باشتىن – ئاخىر ئۈستىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشىمىز كېرەك. مۇقىملىق شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ ئالدىنقى شەرت بولمىسا، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن كونتروللۇقىمىزدا بولۇۋاتىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن مۇقىملىق ئاساسى يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز، مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سەگەك بولۇپ، شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكىنى، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى ھەقىقىي تۈردە مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك›› دېگەن توغرا ھۆكۈمىدە، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈمگە، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئاممىۋى ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ قەبىھ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش نىشانىنى چۆرىدەپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەتلىرىنى دائىملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دىن خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، ئىناقلىق، تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك. بىز پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشىمىز كېرەك، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىكنى توسۇش، جىنايەتكە زەربە بېىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتنى بايرىقى روشەن ھالدا قوغداپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتكە بايراق روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قەتئىي زەربە بېرىپ، دىنىي پائالىيەتنىڭ قېلىپلىق، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئىدىيە ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي بىلىمى مول، ئامما ئارىسىدا ئىناۋىتى بار، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە تايانچ كۈچلەرنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى مىللەت – دىن بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ، ۋەتەننىڭ ئۇزاق تارىخى، شانلىق مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىدىن مەنىۋى كۈچ ئېلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئۇلۇغ ئىشىغا مۇجەسسەملەشكە يەنىمۇ يېتەكلەش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن – تۈزۈم تەشۋىق – تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە يېڭىلاپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك زىددىيەت – ماجىرالارنى ۋاقتىدا پەسەيتىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ‹‹مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ›› دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۈرغۇزۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 – سېپىدە ئاڭلىق تۇرۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە باشتىن – ئاخىر مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

     يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىغانلىقى كىچىكلىكتىن زورىيىشى، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشى، نۇرغۇن كۈلپەتنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشى، نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتۈپ تېخىمۇ كۈچىيىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب. شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇشتا، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىغا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە ئىجرا كۈچىگە تايىنىش كېرەك. پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولى، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپەلەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئومۇملۇقنى ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپنى ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن ۋە پارتىيە نىزامنامىسى بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللىشى كېرەك. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تۈپ ئاساسقا، يىراق كۈلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىپسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پاك – دىيانەتلىك بولۇپ، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ‹‹ئۈچ زىيان تارتقۇزماسلىق›› تەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى چىڭىتىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بولۇپمۇ تېخىمۇ كۆپ ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ، يېتىشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، بوران – چاپقۇننىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى كەنتلەر ۋە شەھەرلەردىكى مەھەللىلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە ياچېيكىسى يادرو قىلىنغان كەنت ۋە مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئورگان ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. چىرىكلىكنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، قاتتىق باشقۇرۇش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش تەلىپى بويىچە، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، خەلقنى كۆزلەپ، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇپ، شىنجاڭ زېمىنىدا كوممۇنىستلارنىڭ پاك – دىيانەتلىك بولۇش، دادىل ئۈستىگە ئېلىش، رازىمەنلىك بىلەن تۆھپە قوشۇش، خەلققە بەخت يارىتىشتەك شانلىق ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك.

 

     يولداشلار، دوستلار!

     90 يىللىق بوران – چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ 90 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش داغدام بولىغا قەدەم قويدى. 90 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرى مۇھىم رول ئويناپ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭ زېمىنىدا سەلتەنەتلىك سەھىپە يارىتىپ، قالتىس نەتىجە قازىنىپ، ئۆتمۈشتىكى نامرات، قالاق شىنجاڭدا گۈللەپ ياشناۋاتقان جۇشقۇن مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. 90 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى قىزغىن سۆيۈپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، چېگرا رايوننى قوغداپ، تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنى غەم – ئەندىشىدىن خالىي قىلىپ، چىن كۆڭلىدىن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى ۋە بەختىنى كۆزلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە سانسىز ئابىدە تىكلىدى. بۈگۈن تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرى ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى. ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ۋە نەمۇنىلىك ھەرىكىتى يېڭى مەزگىلدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى، يېڭى مەزگىلدىكى كوممۇنىستلارنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە دەۋر خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىرى ئىلغار – نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

     دوستلار، يولداشلار!

     ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى : خىرىسقا تولغان بۈگۈنكى كۈندە، نەتىجە ئۆتمۈشكىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز باشتىن – ئاخىر مېڭىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، داۋاملىق تۈردە يېڭى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچكە تولۇشىمىز كېرەك.

     ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى: تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، گەپ جىق ئەلدىن بەرىكەت قاچقان، ئىش جىق ئەلگە بەرىكەت ياغقان. شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، ئاساسى ئاجىز، بىز ھەقىقىي باش چۆكۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، جان – دىل بىلەن ئىشلىگەن، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىشلىگەن، ئەمەلىيەتچىللىك بىلەن ئىشلىگەندىلا، قىلغان ھەر بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغاندىلا، مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ھەر بىر كونكرېت خىزمىتىدە، ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرەلەيمىز.

     ئەمەلىيەت بىزگە يەنە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى: تىرىشقاندىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشىدىغانلا بولساق، چوقۇم ئۆزگەرتەلەيمىز. خەلق ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تەقەززا، بىز كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پائال يۇقىرى ئۆرلەپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي ئىشلىسەكلا، شىنجاڭنى ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇزاق ئەمىن قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇندىيالايمىز.

     بىز پۇرسەت ۋە خىرىسقا تولغان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، زىممىمىزدىكى بۇرچ ئۇلۇغ ھەم شەرەپلىك. ھەممەيلەن يولداش خۇجىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىلمىي ھالقىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، دادىل ئىلگىرىلەپ، ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدا يېڭى سەھىپە ئېچىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى !

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-07-01
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: