ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> 2011– يىللىق دۆلەت ئىستاتىستىكا ئاخباراتىنىڭ ئىزاھاتى

2011– يىللىق دۆلەت ئىستاتىستىكا ئاخباراتىنىڭ ئىزاھاتى

2012-03-15 12:50     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2011 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىستاتىستىكا ئاخباراتى››نى ئېلان قىلدى. بۇ ئاخباراتتىن بىز قايسى ‹‹يار....

     دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2011 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىستاتىستىكا ئاخباراتى››نى ئېلان قىلدى. بۇ ئاخباراتتىن بىز قايسى ‹‹يارقىن نۇقتا››لارنى كۆرۈۋالالايمىز؟ قانداق مەنزىرىلەرنى ھېس قىلالايمىز؟

 

 

     دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيې خۇڭگۇاڭ بۇ ئىستاتىستىكا ئاخباراتىنى ‹‹مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان دۇنيانىڭ يەنە بىر مەنزىرىسى››، دەپ ئاتىدى. ئۇ مۇنداق قارىدى: 2011 – يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا پارلاق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. دۇنيا ئىقتىسادى تەستە ئىلگىرىلەۋاتقان ئەھۋالدا جۇڭگونىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ئىقتىساد مۇقىم، تېز ئېشىش، باھا تەدرىجىي تۆۋەنلەش، قۇرۇلما سەرخىللىشىش، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىش، جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشتەك ئۆزگىچە مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

 

ئىقتىساد داۋاملىق مۇقىم، تېز ئاشتى

 

     خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى داۋاملىق ئېغىرلىشىۋاتقاندا، كىشىلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆز تىكتى. ئاخباراتتا 2011 – يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)نىڭ بۇلتۇرقىدىن %9.2 ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

     شيې خۇڭگۇاڭ باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: 2011 – يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقىدىن سەل ئاستىلىغان بولسىمۇ، ئەمما سۈرئىتى يەنىلا دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەت ياكى رايونلارنىڭكىدىن تېز بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلىدى.

     شيې خۇڭگۇاڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: 2011 – يىلى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ قاراتمىلىقى، جانلىقلىقىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈكلىكى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېز ئېشىشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش بىلەن پۇل پاخاللىقىنى مۆلچەرىي باشقۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغاچقا، خەلق ئىگىلىكى تەدرىجىي سىياسەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ ئېشىشتىن ئىچكى ئامىل ۋە ئۆز ئۆزىگە تايىنىپ ئېشىشقا قاراپ ئۆزگەردى.

 

باھانىڭ ھەددىدىن تېز ئۆسۈشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى

 

     باھانىڭ ئۆرلىشى پۇقرالارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: 2011 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئاھالىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI)بۇلتۇرقىدىن %5.4 ئۆسكەن (بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك باھاسى %11.8 ئۆسكەن)، سانائەت ماللىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) 6.0% ئۆسكەن.

     شيې خۇڭگۇاڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى تۈردىكى باھا كۆرسەتكۈچلىرىدە تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. 2011 – يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئومۇمىي باھا سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇلنىڭ ئوبوروت مىقدارىنى تىزگىنلەش، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئوبوروتنى جانلاندۇرۇش، ۋاقىتلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال تەڭشەپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغاچقا، باھانىڭ ئۆسۈشى ئۈنۈملىك تىزگىنلەندى.

     CPI   نىڭ ئۆسۈش نىسبىتى 2011 – يىلى 8 – ئايدىن باشلاپ ئۇدا بەش ئاي تۆۋەنلىدى. 2011 – يىلى 12 – ئايدا CPI بۇلتۇرقىدىن %4.1 ئۆسۈپ، 7 – ئايدىكىدىن 2.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى.

 

ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى

 

     2011- يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇل كەسپى ھېسابلىنىدىغان يېزا ئىگىلىكى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېھتىياج قۇرۇلمىسى ۋە رايون قۇرۇلمىسى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلدى.

     ئاخباراتتا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: 2011 – يىلى جۇڭگودا جەمئىيەتتىكى تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %23.6ئاشتى؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى%17.1، ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى%20.3 ئاشتى.

     ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى تېخىمۇ ئاشتى. 2011 – يىلى، ئىچكى ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %51.6كە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 10.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن؛ كاپىتالنىڭ شەكىللىنىش سوممىسى (سېلىنما)نىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %54.2كە يېتىپ، 1.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن.

 

پۇقرالار تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتى

 

     ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. ئاخباراتتا نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەنئىجابىي ئۆزگىرىشلەر نامايان قىلىنغان.

     ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاھالىلەر كىرىمى تېز ئاشتى. 2011 – يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر – بازارلاردا يېڭىدىن 12 مىليون 210 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، 2006 – يىلدىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان يىل بولدى. مەملىكەت بويىچە يېزا پۇقرالىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 6977 يۈەنگە يەتتى. باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %11.4 ئاشتى؛ شەھەر ئاھالىسى ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 21 مىڭ 810 يۈەنگە يېتىپ، ئەمەلىيەتتە %8.4 ئاشتى.

     شيې خۇڭگۇاڭ مۇنداق دېدى: يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شەھەر ئاھالىسىنىڭكىدىن %3 تېز بولغان. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقى داۋاملىق كېچىكلەۋاتىدۇ.

     ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى. مەملىكەت بويىچە شەھەر داۋالاش ئىشلىرىدا ياردەم بېرىلگەن قىيىنچىلىقى بار ئامما 7 مىليون 114 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتتى؛ يېزىلاردىكى داۋالاش ئىشلىرىدا ياردەم بېرىلگەن قىيىنچىلىقى بار ئامما 15 مىليون 581 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتكەن بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار 12 مىليون 765 مىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ شەھەر – بازار سوغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىلدى. قىيىنچىلىقى بار 45 مىليون 443 مىڭ يېزا ئاھالىسىنىڭ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىلدى. 9 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتنىشىش نىسبىتى %97.5كە يېتىپ، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش فوندىدىن نەپ ئالغانلار 840 مىليونغا يەتتى.

     دۆلەت يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. 2011 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2300 يۈەن (ئۆزگەرمەس باھا)دىن تۆۋەن بولغان يېزىلاردىكى 122 مىليون 380 مىڭ كىشى يۆلەش ئوبيېكتى قىلىندى. شيې خۇڭگۇاڭ مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلىپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

     كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلدى. پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە شەھەر – بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىش باشلانغان كاپالەت خاراكتېرىدىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى 10 مىليون 430 مىڭ يۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭدىن 4 مىليون 320 مىڭ يۈرۈشى ئاساسەن پۈتۈپ، بۇلتۇرقىدىن زور دەرىجىدە كۆپەيدى.

     شيې خۇڭگۇاڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: 2012 – يىلى چوقۇم مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقلىقى، جانلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئالدىن كۆرۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېخىمۇ زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل تۈزۈلمە ۋە مېخانىزملارنى ئىسلاھ قىلىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم، تېزراق تەرەققىي قىلىشىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 

    ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter