ئالىم بىز بلوگى

ھەقىقەت مۇھىممۇ؟

  

      – چوڭ بولغىنىڭدا نىمە ئىش قىلىسەن؟ – سوراپتۇ پەيلاسوپ ئوغلىدىن.

     – قوي باقىمەن، – دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئوغلى. پەيلاسوپ قاتتىق رەنجىپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئوغلىدىن سوراپتۇ:

     – نىمىشقا؟

     – چۈنكى، قوي باقىدىغانلار ئەڭ كۆپ، نۇرغىن ئادەمنىڭ قوي باققانلىقى قوي بېقىشنىڭ ئوبدان ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ، شۇڭا چوڭ بولغاندا قوي باقماقچىمەن، – دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئوغلى.

     – ھەقىقەت مەڭگۇ ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭلا قولىدا بۇلىدۇ، – دەپتۇ پەيلاسوپ بېشىنى چايقاپ، – سەن كىشىلەر نىمە قىلسا مەنمۇ شۇنى قىلسام بولغۇدەك دەپ قالما! ئۇنداق قىلساڭ چوڭ بولغۇنىڭدا قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ئادەم بۇلۇپ قالىسەن.

     – سىزنىڭچە چوڭ بولغاندا مەن نىمە ئىش قىلاي؟ – دەپ سوراپتۇ ئوغلى ئاتىنىڭ سۆزىنى چۈشۈنەلمەي.

     – سەن چوقۇم ئالىم بولغىن، ئېلىم ئەھلى بۇلۇش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كىلىۋېرىدىغان ئىش ئەمەس!

     بىر كۈنى يېرىم كېچىدە كەنتكە توساتتىن كەلكۈن كىلىپ قاپتۇ. كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىگىزلىككە قاراپ يۈگۈرشۈپتۇ. پەيلاسوپمۇ كىشىلەرنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپتۇ. ئۇ يۈگۈرۈپ كىتىۋېتىپ ئوغلىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ. كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىسا ئوغلى ئويمانلىققا قاراپ يۈگۈرۈپ كىتىۋاتقىدەك. پەيلاسوپ ئوغلىنى ئويمانلىقتىن قايتۇرۇپ كەپتۇ. ئاتا – بالا ئىككەيلەن ئىگىزلىككە چىقىۋالغاندىن كېيىن، پەيلاسوپ ئوغلىدىن خاتىرجەمسىزلىنىپ سوراپتۇ:

     – ھەممە ئادەم ئېگىزلىككە قاراپ قاچسا، قېرىشقاندەك سەن نىمىشقا پەسكە قاراپ قاچىسەن؟

     – ئۆزىڭىز ماڭا ھەقىقەت مەڭگۇ ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭلا قولىدا بۇلىدۇ دېگەنتىڭىزغۇ؟ قارىسام ھەممەيلەن ئېگىزلىككە قاراپ قېچىۋېتىپتۇ، ئۇلار چۇقۇم خاتالاشتى دەپ ئويلۇدۇم، شۇنىڭ بىلەن ئۈزۈم يالغۇز پەسكە قاراپ قاچتىم.

     – ھەقىقەت ھەقىقەتەن ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭلا قولىدا بۇلىدۇ، – دەپتۇ پەيلاسوپ ئوغلىغا سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە بىرىپ، – بالايى – ئاپەتكە دۇچ كەلگەندە جېنىنى ئېلىپ قېچىش ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى، شۇڭا بۇنداق پەيتتە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدىغان جايغا يۈگۈرەيدۇ، سەن بۇ نوقتىنى چوقۇم ئېسىڭدە ساقلىشىڭ كېرەك!

     – مەن يەنىلا چۈشۈنەلمىدىم، – دەپتۇ ئوغلى بېشىنى چايقاپ، – ھەقىقەت مەڭگۇ ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭلا قولىدا ئىكەن، ئەمما ھاياتلىق كۆپ سانلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا ئىكەن، ئۇنداقتا ھايات بىلەن ھەقىقەتنى سېلىشتۇرغاندا زادى قايسىسى مۇھىم؟

     ئەزەلدىن زۇكۇنچى پەيلاسوپ دەپ قارالغان بۇ ئاتا ئوغلىنىڭ بۇ سۇئالىغا دەرھال جاۋاپ بىرەلمەي قاپتۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ھەقىقەت مۇھىممۇ؟

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-03
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال يازمىلار
ئىنكاس: 3دانە
  1. بلوگىڭىزنى بەك راھەت ئوڭشىۋاپسىز،ناھايىتى ھۇزۇرلۇق تۇيغۇ بىلەن ئارىلىدىم. بۇندىن كىيىنكى نىشانلىرىڭىزغا يېتىش يولىڭىزمۇ مۇشۇنداق راھەتچىلىك بولغاي.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    بلوگىم سىزگە راھەت تۇيغۇ بىرەلىگەن بولسا مەن سىزدنمۇ بەكرەك راھەت ھىس قىلدىم. قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. زادى ھەقىقەت مۇھىممۇ ياكى ھاياتلىقمۇ؟ ھازىرقى جەمىيەتتە قانچىلىغان كىشىلەر ھەقىقەت ئۈچۈن ياشىيالار؟!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: