ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تۇرمۇش ۋە تەرتىپ

تۇرمۇش ۋە تەرتىپ

2011-11-04 7:20     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: غالىب خۇجىئابدۇللا        ئادەم ھاياتىدا ئۆزىگە خاس خاراكتېر، دۇنيا قاراش، تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى يېتىلدۈرگىچە نۇرغۇن جەريان كېرەك. بۇ جەرياندا ھەركىم چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئۈچ نۇقتا ....

غالىب خۇجىئابدۇللا

 

     ئادەم ھاياتىدا ئۆزىگە خاس خاراكتېر، دۇنيا قاراش، تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى يېتىلدۈرگىچە نۇرغۇن جەريان كېرەك. بۇ جەرياندا ھەركىم چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئۈچ نۇقتا بار. بۇ ئۈچ نۇقتىنى جايىدا، پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرغاندا، تۇرمۇش ئۆزلۈكىدىن تەرتىپلىك ئۆتۈپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

      بىرىنچىسى، مەن ئۆمرۈمدە نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟

      ئىككىنچىسى، نېمىلەرنى قىلىشقا قۇدرىتىم يېتىدۇ؟

      ئۈچىنچىسى، چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ئىشلار نېمە؟ دېگەندىن ئىبارەت.

     ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۆزەتسەك، كۆپىنچىلەر بۇلارنىڭ تەرتىپىنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرالماي قايمۇقىدۇ. بەزىلەر ھەتتا بۇ سەۋەبلىك بەدەل تۆلەيدۇ. شۇڭا، ئادەم مۇشۇ ئۈچ نۇقتىنى تولۇق چۈشىنىپ، ئۇنى توغرا ۋە تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى چۈشىنىشى بەكمۇ مۇھىم. مۇتلەق كۆپلەر ئۆزىگە قارىغاندا باشقىلارنى، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى بەكرەك چۈشىنىدۇ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشكە ئاجراتقان ۋاقتى باشقىلارنى چۈشىنىشكە ئاجراتقان ۋاقتىدىن كۆپ بولىدۇ.

     جەمئىيىتىمىزدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ئۆزىنى چۈشىنىشكە ماھىرلاردۇر. بۇنداق كىشىلەر ئۆزى بىلەن جەمئىيەت، تەبىئەت ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى چۈشىنەلەيدۇ. دۇنيانى كۆزىتىش، بىلىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىمۇ كۆزىتىدۇ ۋە ئۆزىنىمۇ چۈشىنەلەيدۇ. رېئال تۇرمۇشتا ئادەم دۇنيانى بىۋاسىتە كۆرسە، ئۆزىنى ۋاسىتىلىك كۆرىدۇ. كىشىلەر ئۆزىنى كۆزىتىش ۋە بىلىشتە باشقىلارنىڭ، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ۋە ئىجتىمائىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. كىشىلەر مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ تەسىرلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىتاۋلىيالىسا، مەسىلىلەرنى كۆزىتىشكە ماھىر بولالىسا، ئۆز تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە ئاجىزلىقلارنى تونۇيالىسا، ئاندىن ئۆزىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ‹‹ئۆمرۈمدە نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟››، ‹‹نېمىلەرنى قىلىشقا قۇدرىتىم يېتىدۇ؟››، ‹‹مەن چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ئىشلار نېمە؟>> دېگەنلەرگە توغرا جاۋاب تاپالايدۇ.

     «ئۆمرۈمدە نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟›› دېگەننىڭ مەنىسى كىشىلەردىكى غايىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمدە غايە بولغاندىلا ئىشلار نەتىجىلىك بولىدۇ. ‹‹نېمىلەرنى قىلىشقا قۇدرىتىم يېتىدۇ؟›› دېگەننىڭ مەنىسى كىشىلەردىكى ئىقتىدارغا قارىتىلغان. ئادەمدە ئىقتىدار بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. ‹‹مەن چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ئىشلار نېمە؟›› دېگەننىڭ مەنىسى كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى زۆرۈر ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ھاياتلىقتا ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىدىن قىلالايدىغان ئىشى ئازراق بولىدۇ ھەم قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ئىشلىرى جاپالىق ھەم مۇرەككەپ بولىدۇ. شۇڭا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىگە ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىشلارنىڭ جاپالىقلىقىدىن قېچىپ، ئالدى بىلەن باشقا ئىشلارنى تاللىۋالىدۇ دە، زۆرۈر ئىشلار بىر چەتتە قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، ئىشلار جايىدا يۈرۈشمەيدۇ. شۇڭا كاللىمىزغا نۇرغۇن ئىش كىرىپ نېمە قىلىشنى بىلمىگىنىمىزدىمۇ سوغۇققان بولۇشىمىز، جاپالىق بولسىمۇ ئۆزىمىزگە ئەڭ زۆرۈر ئىشلارنى ئالدى بىلەن تاللىشىمىز، قالغانلىرىنى ئېھتىياجىمىزغا قاراپ تاللىشىمىز لازىم.

     جەمئىيەتنىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپلىكىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تەرتىپىمۇ خىلمۇ خىل بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئۇسۇلمۇ ھەر خىل بولىدۇ. كىشىلەر ئۆز تۇرمۇش تەرتىپىنى كۆزىتىش، سېلىشتۇرۇش ۋە تاللاش ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بەزىلەرنىڭ تۇرمۇش تەرتىپى مۇۋاپىق بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشسە، بەزىلەرنىڭ تۇرمۇش تەرتىپى قالايمىقانلىقتىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىشلارنى تاللاپ، ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

     ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە بىر دوپلىكاتور (نۇسخا ئالغۇ) ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت ئۆزىگە بىر مۇنەۋۋەر مال ساتقۇچى قوبۇل قىلماقچى بولۇپتۇ. شىركەت دىرېكتورى ئىمتىھانغا قاتناشقان نەچچە ئون كىشىنىڭ ئىچىدىن ئۈچىنى تاللاپ، ئۇلاردىن بىرنى قوبۇل قىلماقچى بولۇپتۇ. بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە ئەننى ئىسىملىك بىر قىزمۇ بار ئىكەن. شىركەت دىرېكتورى ئۇلارغا بىر كۈن ۋاقىت بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىر كۈندىكى مال سېتىش ئىقتىدارىنى سىنىماقچى بولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى دوپلىكاتورنى دېھقانغا ساتماقچى بولۇپتۇ. ئۇنىڭچە شۇنداق قىلغاندا، ئۆز ئىقتىدارىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرغان بولغۇدەك. يەنە بىرى بېلىقچىغا ساتماقچى بولۇپتۇ. ئەننى بولسا ئۈنۈملۈك يولنى تاللاپتۇ.

     ئەتىسى شىركەت دىرېكتورى ئۇلارنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ ئەھۋالنى سوراپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى بىر كۈن ئاۋارە بولۇپ دوپلىكاتورغا ھېچقانداق ئېھتىياجى يوق دېھقانغا بەك تەستە ساتقانلىقىنى دەپتۇ. يەنە بىرى ئېھتىياجسىز بېلىقچىغا ناھايىتى مۈشكۈلدە ساتقانلىقىنى دەپتۇ. ئەننى ئۈنۈملۈك يولنى تاللاپ، ئېلېكتىر سايمانلىرى سودىگەرلىرىگە 600 دانە دوپلىكاتور ساتقانلىقىنى ئېيتىپ، مال زاكاز قىلىش تالونىنى دىرېكتورغا بېرىپتۇ. بۇ نەتىجىدىن سۆيۈنگەن دىرېكتور ئەننىنى شىركەتكە قوبۇل قىلىپتۇ. قالغان ئىككىسى بۇنىڭغا قايىل بولماپتۇ. ئۇلار دىرېكتورغا: دوپلىكاتورنى دېھقانغا، بېلىقچىغا ساتالىغان ئادەم ئەلۋەتتە ئېلېكتىر سايمانلىرى سودىگىرىگە ساتالايدۇ، چۈنكى ئېلېكتىر سايمانلىرى سودىگەرلىرى بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق تۇرسا دەپ ئاغرىنىپتۇ.

     شىركەت خوجايىنى ‹‹مېنىڭچە سىلەرنىڭ ئىقتىدار دېگەن بۇ ئۇقۇمغا بولغان چۈشەنچەڭلار ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئىقتىدار دېگەن قانداقتۇر كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ خەق ئويلاپمۇ كۆرمىگەن غەلىتە ئىشلارنى قىلىش بولماستىن، بەلكى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئۈنۈم يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ. سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار، بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ بىر تال دوپلىكاتورنى دېھقانغا ياكى بېلىقچىغا ساتقانغا قارىغاندا، يېرىم كۈندە 600 دوپلىكاتورنى ئېلېكتىر سايمانلىرى سودىگىرىگە سېتىشنىڭ قايسىسىنى ئىقتىدارلىق دېسەك بولار؟ سىلەرچە كىمنىڭ شىركەتكە تۆھپىسى زور بولغاندۇ؟ ›› دەپتۇ.

     شىركەت دىرېكتورىنىڭ گېپى ئۇلارنى قايىل قىلىپتۇ. ئەننى شىركەتكە كىرىپ نەچچە يىلدىن كېيىن يىلىغا 2 مىليون دانە دوپلىكاتور سېتىشتىن ئىبارەت دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇۋېتىپتۇ. 2001 – يىلىغا كەلگەندە ئەننى ئامېرىكىنىڭ ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلى تەرىپىدىن ‹‹يەر شارى بويىچە 20 – ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ 100 مال ساتقۇچىنىڭ بىرى›› بولۇپ باھالىنىپتۇ. شۇنداقلا شۇ يىلى يەنە بۇ دوپلىكاتور شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلىنىپتۇ.

يۇقىرىقى مىسالدىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، تۇرمۇشتا ئالدىراپ بەكمۇ مۇرەككەپ، چامىسى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى يېتىدىغان، ئۆزى قىلىشقا ئەڭ ئاسان ئىشلارنى كۆپ قىلغاندا ھەم ئاسان، ھەم تېز مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ تەرتىپى بولىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭمۇ ھەم شۇنداق. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىمۇ بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەركىم تۇرمۇشىنى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ تەرتىپكە سېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى مۇھىم. ئۆزىنى توغرا چۈشىنىش بىلەن بىللە، ئۆزىگە ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىشلارنى لايىقىدا تەرتىپلىك قىلىش لازىم. ئادەتتە ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرالىغان كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش نىسبىتى، تۇرمۇشى تەرتىپسىز كىشىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter