ئالىم بىز بلوگى

جىنايەت شايكىسى بىتچىت قىلىندى

     شىنجاڭ -گۇاڭدۇڭ ساقچى تەرەپ بىرلىشىپ ئالاھىدە چوڭ جىنايەت گورۇھىنى بىتچىت قىلدى. 2011- يىل 5-ئىيۇل ، ساقچىلار جىنايەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرىنى گۇاڭدۇڭدىن ئۈرۈمچىگە يالاپكەلدى. بۇ بىر ئالاھىدە چوڭ جىنايەت گۇرۇھى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 -يىللىرىدىن باشلاپ ، ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئاشخانا ئېچىشنى باھانە قىلىپ ، شىنجاڭلىق بالىلارنى ئالداپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ، ئادەمنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئۇسۇللار بىلەن 100 دىن ئارتۇق بالىنى گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭۋەن ، خۇيجۇ ، ماۋمىڭ ، خەينەننىڭ خەيكۇ ، سەنيا قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئوغرىلىققا سېلىپ ، ئۆزلىرى نەپكە ئېرىشىپ كەلگەن .

     بۇ يىل 12-ماي ، شىنجاڭ -گۇاڭدۇڭ ساقچىلىرى ھەمكارلىشىپ ، بۇ ئالاھىدە چوڭ جىنايەت گۇرۇھىنى بىتچىت قىلىپ ، 30 دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق جىنايەت گۇماندارىنى ( بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز نەپەر جىنايەت گۇماندارى قۇرامىغا يەتمىگەن ) قولغا چۈشۈرگەن .

     8- ئاۋغۇست ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا باش ئەترىتى ئالداپ ئېلىپ كېتىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش ئەترىتىدىكى دېلو بېجىرىشكە مەسئۇل ساقچىلار بۇ گۇرۇھنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنى مەجبۇرىي ئوغرىلىققا سالغانلىقتەك قەبىھ قىلمىشلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى …

 

تەشكىللىك ، ئىش تەقسىماتى ئېنىق

 

     ئەخمەت مەمەت ، 39 ياش ، كۇچا ناھىيەسىدىن ، قىمارۋاز .1998 -يىلى ئۇ ۋە ئۇنىڭ يۇرتدىشى ئىچكىرىدە قىمار ئويناپ باشقىلارغا ناھايىتى كۆپ قەرز بولۇپ قالغان ، ئارقىدىن شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئالداپ ئىچىكىرىگە ئاپىرىپ ئوغرىلىققا سالغان . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 -يىللىرىدىن باشلاپ ، ئۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ئالداپ سېتىۋېتىلگەن شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى مەجبۇرى ئوغرىلىققا سالغان .

     ئەسلىدە بۇ ، بىر ئائىلە ئەزالىرى باش بولغان ، يۇرتداشلىرى ھەمكارلاشقان جىنايەت گورۇھى بولۇپ ، ئەزاسى 60 قا يىتىدىغان بولۇپ ، ئۇلار 100 دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى كونترول قىلىۋالغان .  20 دىن ئارتۇق تايانچىسىدىن باشقا ، بۇ گورۇھ ئىچكى قىسىمدا بەش ‹‹ ئوغرىلىق كىچىك گۇرۇپپىسى ›› قۇرغان بولۇپ ، ھەر بىر كىچىك گۇرۇپپىغا باشلىق ، چوماقچى ۋە ئاپتوموبىل سەپلەنگەنىكەن ، بىردىن -ئۈچكىچە ئادەم بالىلارنى ئاۋات جايلارغا ئاپىرىپ ئوغۇرلۇققا سالغان .

     ئەخمەت مەمەت بولسا بۇ گورۇھنىڭ ‹‹ ئالىي باشبۇغ ›› ى بولۇپ ، ھەر قانداق ئادەم سودىگىرى ئالداپ ئېلىپ كەلگەن بالىلارنى بۇ گورۇھقا ئېلىپ كىرمەكچى بولسا ، چوقۇم ئۇنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزىدىكەن . بۇ گورۇھ گۇاڭدۇڭدا ئاشخانا ئېچىشنى باھانە قىلىپ ، شىنجاڭلىق بالىلارنى ئالداپ ئوغرىلىققا سېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن .

     بۇ گورۇھنىڭ تەشكىللىنىشى مۇستەھكەم ، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ ، ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەن بالىلارنىڭ ‹‹ ئولجىلىرى ›› چوقۇم نەچچە قولدىن ئۆتۈپ ئەخمەت مەمەت ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قولىغا چۈشىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، مەخسۇس ئادەم شىنجاڭدىن ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەن ياكى سېتىۋېتىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارغا ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم شەھەرلەردىن مەجبۇرى ئېلىپ كېلىنگەن باشقا گورۇھلاردىكى ‹‹ يانچۇقچى ›› لارغا مەسئۇل بولىدىكەن ، مەخسۇس ئادەم بالىلارغا ئوغرىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىدىكەن ، مەخسۇس ئادەم بالىلارنى ئاپىرىپ -ئەكىلىشكە مەسئۇل بولىدىكەن ، مەخسۇس ئادەم بالىلارنى نازارەت قىلىدىكەن ، مەخسۇس ئادەم بالىلارنى ساقچىخانىدىن ئېلىپ چىقىشقا مەسئۇل ئىكەن .

     ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، ئەخمەت مەمەتنىڭ ئايالى ، ئاچىسى ، ئاچىسىنىڭ يولدىشى ۋە ئۇكىسى قاتارلىق تۇغقانلىرىنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش ، يانچۇقچىلىققا سېلىشتا پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلغانلىقىنى بايقىغان . 2007 -يىلى ، ئەخمەت مەمەتنىڭ ئاچىسى ، ئاچىسىنىڭ يولدىشى ۋە باشقا ئىككى ئايال ، ئىككى سىڭلىسى ھەمدە سىڭلىسىنىڭ يولدىشى بالىلارنى ئالداپ سېتىش ، ئوغرىلىققا سېلىش ۋە كۈشكۈرتۈش جىنايىتى بىلەن قەشقەردە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ؛ يەنە بىر سىڭلىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇيجۇ شەھىرىدە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان .

     ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن بۇرنىغا يىگەنلىكىنى كۆرگەن ئەخمەت مەمەت قىلغان ئىشلىرىغا تۆۋە قىلماي داۋاملىق ئۆز يولىغا مېڭىۋەرگەن .

 

سەبىيلەرنىڭ زارى

 

     «مەن ئەمدى ھەرگىز ئوغرىلىق قىلمايمەن ! ›› ، 4 -ئاۋغۇست ، شىنجاڭ ئىشلەپ -ئوقۇش مەكتىپىدە مۇخبىر 14 ياشلىق ماھىرەنى ئۇچراتتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئەنسىزلىك ۋە جىددىيلىك ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى .

     ماھىرە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇ بۇ جىنايەت گورۇھىنىڭ كونتروللىقىدىكى  بالىلارنىڭ بىرى .

     2010- يىل سىنتەبىردە ، ماھىرە دوستلىرىغا ئەگىشىپ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىگە ئىشلەمچىلىك قىلغىلى بارىدۇ ، بىراق شىئەنگە كىلىپلا ، دوستلىرى ئۇنى بىر ئادەمگە تاپشۇرۇپ قويۇپ ، ئىز -دېرەكسىز غايىپ بولىدۇ .

     شىئەنگە بېرىپ ئۈچىنچى كۈنى ھېلىقى ئەر ماھىرەگە : ‹‹ بىز بىلەن بىللە ئوغرىلىق قىلغىن ، سىنىڭ نۇرغۇن پۇلۇڭ بولۇشىغا ، يېڭى كىيىملەرنى كىيىشىڭگە كاپالەتلىك قىلىمىز ›› ، – دەيدۇ .  

     ماھىرە ئۆزىنىڭ ھەرگىز ئوغرىلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ .

     بۇ ئەر ماھىرەنىڭ تېزراق ئوغرىلىق ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىپ بولۇشى ئۈچۈن ، باشقا بىر نەچچە ئوغرىلىققا پىشقان بالىلارغا ماھىرەگە قانداق ئوغرىلىق قىلىشنى ئۆگىتىشنى بۇيرۇيدۇ . ئەكسىچە ، ماھىرەنىڭ ئىنكاسى ئاستا بولغاچقا ، ئوغرىلىقنى ئۆگىنەلمەيدۇ . بۇ سەۋەبلىك ئۇ كۈندە قاتتىق تاياق يەيدۇ . بۇ ئازابقا چىدىمىغان ماھىرە ئوغرىلىقچە قېچىپ چىقىپ ، پويىزغا ئولتۇرۇپ خاربىنغا بارىدۇ ، بىراق ئاخىرىدا يەنىلا جىنايەت گورۇھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ .

     شۇ يىلى دېكابىردا ، ماھىرە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇيجۇ شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئوغرىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ .

     زىيارەت داۋامىدا مۇخبىر ماھىرەنىڭ بىلىكىدىكى تاماكا داغلىرىنى كۆردى ، بۇ داغلار ئەسلىدە بىر قېتىملىق ئوغرۇلۇقتا ، ماھىرە شۇ يەردىكى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان بولۇپ ، قۇتقۇزۇش -ياردەم بېرىش پونكىتىدا بىر كۈن تۇرغان . ئۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن ، ماھىرە ئوغرىلىق قىلىشقا قەتئىي ئۇنىمىغان ، بىراق ئۇنىڭ قارشىلىقى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۇرۇشى نەتىجىسىدە يوققا چىققان ، ئازاب تارتىۋاتقان كۈنلىرىدە ماھىرە كۆپ قېتىم باشلىقىغا ئۆزىنىڭ يۇرتىغا قايتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ، بىراق باشتىن -ئاخىر رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان ، ئارقىدىن ئۇ تاماكا چوغىنى  بىلىكىگە يېقىش ئارقىلىق ، ئۆزىنى ‹‹ ئويغىتىپ ›› تۇرغان .

     بۇ يىل 10 -ماي ، ماھىرە تۇرۇۋاتقان ‹‹ ئوغرىلار كىچىك گۇرۇپپىسى ›› ساقچىلار تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغان بولۇپ ، ماھىرە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى گۇاڭجۇ شەھەرلىك قۇتقۇزۇش -ياردەم بېرىش پونكىتىدا بىر ئاي تۇرغاندىن كېيىن ، 17 -ئىيۇن شىنجاڭغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن .

     ئىگىلىنىشىچە ، ئەخمەت مەمەتنىڭ كۇچا قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن ئۆي ـ جايى بار بولۇپ ، ئوندىن ئارتۇق ئاپتوموبىل سېتىۋالغان . ساقچىلار يەنە ئۇنىڭ ئۆيىدىن 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن نەق پۇل ، 3500 گراملىق ئارتۇق ئالتۇن زىبۇ -زىننەت ، 200 گرامدىن ئارتۇق ئاق ئالتۇندىن ياسالغان زىبۇ -زىننەتنى قولغا چۈشۈرگەن . ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ گورۇھتىكى ئاساسلىق جىنايەتچىلەرنىڭ زور مىقداردا ئۆي -جايى ۋە پۇلى بار ئىكەن .

     نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ بۇ دىلونى قاتتىق تەكشۈرۈپ ،  پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ جىنايەت گورۇھىنى تۈپ  يىلتىزىدىن يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

 

     مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: جىنايەت شايكىسى بىتچىت قىلىندى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-08-13
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: قانۇن- نىزام
ئىنكاس: 4دانە
  1. ئېتىپلاۋاتسا بولمامدىغاندۇ دەيمەن،مەيلى بىر بالىنى ئالداپ ئېلىپ چىقىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە سالسۇن ياكى بىر قانچىنى ئەچىقسۇن بايقالغان ھامان ئېتىۋاتسا بۇلاتتى بۇنداقلارنى.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. مۇشۇنداق ئەخلەتلەرنى ماڭا قويۇپ بەرسە كۆزۈمنى چىم قىلىپ قويماستىن ھەممىسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلاتتىم ، مۇشۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سودا قىلىۋاتىمەن دىگەن قالپاقنى كىيىۋىلىپ قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىۋەتسىمۇ ئىچىم ئاغرىمايدۇ مىنىڭ ! لەنەت سەنلەرگە !

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  3. تۇران تېكىن

    مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن، بۇ ئىپلاسلارغا قىلچە رەھىم قىلماسلىق كېرەك.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  4. بۇنداق ئادەملەرنىڭ يۈرىكىنىڭ گۆش ئىكەنلىكىگە،ئادەمگە ئوخشاش شەكىل ۋە تۇرۇققا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.ئىلاھىم،نارسىدە بالىلارغا تەككۈرگەن قولىرى دوزاخنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغىدى.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: