ئالىم بىز بلوگى

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۇستازى قەشقەرلىك ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ توغرىسىدا

               قەشقەر پاختا توقۇمۇچىلىق فابرىكىسىغا بارىدىغان يولنى بويلاپ مېڭىپ، تۈمەن دەريا كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن جەنۇب تەرەپكە كۆز تىككەندە، قەشقەر گېئولوگىيە ئىدارىسى دائىرىسىدە بىر قەدىمكى جامە بولۇپ ، ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىدە تەخمىنەن بىر مو ئەتراپىدا كېلىدىغان قەدىمكى قەبرىستانلىق كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ جاي قەدىمكى دەۋردە «بارگاھ» دەپ ئاتالغان «ئەسكى ھېسار قەلئەسى»  ئىچىدە بولۇپ ، ئۇ يەرگە قاراخانىيلار شاھلىرى ۋە شاھ جەمەتلىرى شۇنىڭدەك مەشھۇر ئالىملار دەپنە قىلىنغان. 11- ئەسىردىكى «ھامىدىيە» مەدىرىسىمۇ ۋە شۇ ۋاقىتلاردىكى «سائادەت» كۈتۈپخانىسىمۇ مۇشۇ ئورۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. ئىمام زاھىد ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ مۇشۇ جايدا 900  يىلدىن بۇيان مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدا ياتماقتا.

                بۈگۈنگىچە قاراخانىيلار تارىخى ھەرتەرەپلىمە تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مەھمۇد قەشقەرى «دىۋان» دا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «قەشقەرلىك خەلەپ ئوغلى تەقۋادار ئىمام ئۇستاز ھۈسەيىن» توغرىسىدا يېزىلغان بىرەر پارچە ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى بايقالمىدى. شۇڭا مەن بۇ ھەقتىكى ئىزلىنىشلىرىم ئاساسىدا، دەسلەپكى مۇلاھىزلىرىمنى كىتابخانلار سەمىگە سېلىپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

                    مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۇستازى قەشقەرلىك ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ ھىجرىيىنىڭ تەخمىنەن 398- يىلى (مىلادىيە 1008-1007- يىللىرى) قەشقەر شەھەرلىك خەلەپ ئىسىملىك ئۇقۇمۇشلۇق  بىر زاد ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 485- يىلى (مىلادىيە 1093- يىلى) ماھى رەجەپ (7-ئاي) نىڭ  بىر پەيشەنبە كۈنلىكى نامازدىگەر ۋاقتىدا باقى ئالەمگە سەپەر قىلغان. كىشىلەر بۇ ئۇلۇغ مۇدەررىسنى «ھۈسەيىن پەيزۇللا خوجام» نامى بىلەن بۈگۈنگىچە ياد ئېتىپ، سېغىنىش ھېسياتى بىلەن بۇ زاتنىڭ مەقبەرىسى ئورۇنلاشقان جايغا بېرىپ، ئىختىيارسىز دۇئا-تەكبىر ئوقۇپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ كەلمەكتە.

                      ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ توغرىسىدا ئەڭ بۇرۇن يازما مەلۇمات قالدۇرغان كىشى ئۇنىڭ شاگىرتى مەھمۇد قەشقەرى بولۇپ ، ئۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا: «….. قەشقەرلىك خەلەپ ئوغلى، تەقۋادار ئىمام ئۇستاز ھۈسەيىننىڭ ئىبنۇل غەرقىي دېگەن ئادەمدىن ئاڭلاپ، ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە ……» (1- توم 456- بەت) دەپ يازغان. بۇنىڭدىن شۇنى چۈشەنگىلى بولىدۇكى ، ھۈسەيىن قەشقەرلىك ئالىم، شۇنداقلا خەلەپ ئىسىملىك كىشىنىڭ ئوغلى ۋە ئۆز دەۋرىدىكى «ھامىدىيە» مەدرىسى يېنىدىكى جامەنىڭ تەقۋادار ئىمامى. ئۇ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۇستازى بولۇپ ، مەھمۇد قەشقەرى زور ئىلمىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىشى ھەققىدە ئەيسا خوجا ئىسىملىك ئاپتور چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان «ئۇۋەيسلەر تەزكىرىسى» (ئۇلۇغلار تەزكىرىسى) دېگەن كىتابتا قىسقىچە خەۋەر بەرگەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا مەزكۇر ئاپتور ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ توغرىسىدا يېزىلغان بىر تارىخىي ئەسەردىن پايدىلانغان بۇلىشى مۇمكىن . قەيت قىلىنىشىچە، ھۈسەيىننىڭ دادىسى خەلەپ قەشقەردىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىدىن بىرىنىڭ قىزى بولغان سەلىمىگە ئۆيلىنىپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، مەلۇم سەۋەب بىلەن سۇرىيەگە كەتكەن (ئېھتىمال بۇ كىشى ئەسلى سۈرىيىنىڭ «ھەلەب» شەھىرىلىك بۇلىشى مۇمكىن – ت)، ھۈسەيىن دادىسى كېتىپ ، ئۈچ ئايدىن كېيىن تۇغۇلغان. ئانىسى سەلىمە ئۇنى ياخشى تەربىيىلەپ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن قەشقەردىكى دىنىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىگە بېرىپ، قۇرئان ساۋاتىنى چىقارغان. كېيىن ئۆز دەۋرىدىكى مەشھۇر بىلىم يۇرتى «مەدرىسە ساچىيە» گە بېرىپ، بۇ يەردە بەش يىل ئوقۇتقان. 14- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر تارىخچىسى جامال قارشىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، «مەدرىسە ساچىيە» (ساچىيە مەدرىسى) – شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ كاتتا ئىلىم خەزىنىسى بولۇپ ، ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ ئۆز ئۇستازلىرىدىن دەرس ئېلىشتىن سىرت، يەنە «ئىلىم خەزىنىسى» دىكى دىنىي، ئەدەبىي، تارىخىي ئەسەرلەرنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرگەن ھەمدە ئۆلىمالارنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆزى ئوقۇغان شۇ مەدرىستە مۇدەررىسلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئىلىم سەھنىسىدىكى كامالىتى ۋە قابىلىيىتى ئۇنى يۈكسەك ئابرۇي ۋە شۆھرەتكە ئىگە قىلغان. ھالبۇكى ئۇزۇن مۇددەت مۇدەررىسلىك بىلەن مەشغۇل بولغان ھۈسەيىن، ئۆيلىنىش يېشىدىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ كېتىپ ، ئوتتۇرا ياشلىق كىشىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ ھال قەشقەردىكى ئەربابلار ۋە ئۆلىمالارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلار ئۆز-ئارا مەسلىھەت قىلىشىپ، ھۈسەيىن ئىبن خەلەپكە ئۆيلىنىش تەكلىپى بەرگەن. ئۇلار، ئۆيلىنىپ پەرزەنت كۆرۈپ ، ئىلمىنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە مىراس قىلىپ قالدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئارقا-ئارقىدىن بايان قىلىشقان. شۇنىڭ بىلەن ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ تارىخىي ھىجرىيەنىڭ 439- يىلى (مىلادى 1047- 1048- يىللىرى) تەخمىنەن 40 يېشىدا ئۆيلىنىپ، بەش يىلدىن كېيىن پەرزەنت يۈزى كۆرگەن. «قەشقەر تارىخى» ۋە «ئۇستازلارنىڭ توپلانغان يېرى» ناملىق تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بولغان ئەبۇل پۇتۇھ ئابدۇجاپپار ئىبن ھۈسەيىن قەشقەرى مانا شۇ ئۇلۇغ مۇدەررىس – ھۈسەيىن ئىبن خەلەپنىڭ ئوغلىدۇر.

                تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ «ساچىيە» دە ئۇزۇن يىل مۇدەررىسلىك قىلىپ، ياشانغان ۋاقتىدا ھەج سەپىرىگە تەرەددۇت قىلغان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەبۇل ھەسەن تاۋغاچ بۇغراخان (مىلادى 1075- 1102- يىللىرى قاراخانىيلار تەختىدە ئولتۇرغان)، ئوردا ئالىملىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ھۈسەيىن ئىبن خەلەپنى 80 نەپەر شاگىرتى بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغان. ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ ھەجنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىككى قېتىم مىسىرنى زىيارەت قىلىپ، مىسىر ئۆلىمالىرى بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئۇزۇتۇپ قويۇشىغا ئېرىشكەن . ئۇ ھەجنى تاماملاپ، قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندە يېشى 80 لەردىن ھالقىغان ۋە كۈچ-قۇدرەت، ئەقىل-ئىقتىدار جەھەتتە ئاجىزلاپ قالغان ئىدى. شۇڭا مۇدەررىسلىكىنى توختىتىپ، تۆت يىل ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان. لېكىن قەشقەردىكى ئۆلىمالار ئۇنىڭغا تەكلىپ بېرىپ: «سىزگە ئاللاھ ئاتا قىلغان بىلىمنى باشقىلارغا ئۈگۈتۈڭ، سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز ئىلىم ۋارىسلىرىدىن بولۇپ باشقىلارغا ئۈگەتسۈن. بۇنىڭ ساۋابى تاكى قىيامەتكىچە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟» دېگەن . ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ بۇنىڭغا قارىتا: «مەن قېرىپ قالدىم، ھالىم – كۈچۈم بۇرۇنقىدەك ئەمەس، شۇڭا ھەپتىدە بىر كۈنلا دەرس بېرەي . دەرس ئالغۇچىلار ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ھۇزۇرۇمغا كىرسۇن» دەپ جاۋاب بەرگەن. سۆھبەت سورۇنىدا ئولتۇرغانلاردىن بىرى ئۇنىڭدىن دەرس بېرىشكە نېمە ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنىنى تاللىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: مىنىڭ ۋاپاتىمدىن كېيىن كىمدە – كىم 48 پەيشەنبە قەبرەمگە كېلىپ، «سۈرە ياسىن» نى ئوقۇپ مىنىڭ روھىمغا دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئىلىم ئاتا قىلغاي. شۇڭا بۇ كۈننى دەرس ئۆتىدىغان كۈن قىلدىم دېگەن . شۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئەھلى ئۇنىڭغا ئۈزۈن ئۆمۈرلەر تىلەپ دۇئا قىلىپ قايتىشقان.

                  ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ قاراخانلار ھۆكۈم سۈرگەن يىللاردىن 85 يىلنى ئۆتكۈزگەچكە (مىلادى 1008- 1093 كېچە )، قاراخانىيلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدىكى تۈرلۈك ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە بىۋاسىتە ئاڭلىغان. مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئالىملار، شائىرلار ۋە تارىخچىلار بىلەن زامانداش بولغان. ئۇ يالغۇز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۇستازى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نۇرغۇنلىغان دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئىلىم پىشىۋالىرىنىڭ پىر ئۇستازى بولغان. ئۇ يەنە ئۆز ئوغلى ئەبۇل پۇتۇھ ئابدۇجاپپار ئىبن ھۈسەيىن قەشقەرىدەك داڭدار تارىخچىلارنى يېتىشتۈرگەن. قەشقەر خەلقى بۇ ئۇلۇغ مۇدەررىسنى ئەسىرلەر بۇيى ئەسلەپ كەلگەندە ئوخشاش پۈتكۈل خەلقىمىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۇستازى قەشقەرلىك ھۈسەيىن ئىبن خەلەپ توغرىسىدا

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-04-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: شەخىسلەر ھاياتى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: