ئالىم بىز بلوگى

ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش – باھالاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 24 – ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يې پېيشىن قاتارلىق سەككىز دۆلەت خىزمەتچىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماسلىق، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قاتارلىق مەمۇرىي ئۈنۈم قۇرۇلۇشى تۈزۈمىگە، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزامىغا خىلاپ دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

     بۇ سەككىز دۆلەت خىزمەتچىسى:

     سانجى شەھەرلىك كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يې پېيشىن، سانجى شەھەرلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى جاڭ نەيجى، سانجى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ما سۈنرېن ئالاقىدار تۈزۈم – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، سانجى شەھەرلىك ‹‹جىنمېي›› شىركىتىنىڭ تەستىق رەسمىيىتى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ، بۇ شىركەتنىڭ نەق پۇلىنى ئالغان.

     ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانىلارنى تىزىملاش باشقارمىسىنىڭ باشقارما دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ليۇ شىنفا خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ‹‹شىركەت قانۇنى›› ۋە ‹‹كارخانا نامىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى››نىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، سانجى شەھەرلىك ‹‹جىنمېي›› شىركىتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەستىقلاپ، بۇ شىركەتنى تىزىملاش بىكار قىلىنىپ بىر ئايدىن كېيىن يەنە تىزىملاپ، قايتىدىن سودا – سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىشىگە قولايلىق ياراتقان.

     ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تاشقى مەبلەغ باشقارمىسىنىڭ كادىرى بادېر مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى سانجى شەھەرلىك ‹‹جېنمېي›› شىركىتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە كۈشكۈرتۈپ، بۇ شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشىغا قولايلىق ياراتقان ھەم بۇ شىركەت پارا بەرگەن نەق پۇلنى ئالغان.

     ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىقتىسادىي ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۇڭ، كادىرى ليۇ جيەنيىڭ كارخانىلاردىن چەت ئەلگە چىقىدىغان خادىملارنىڭ پاسپورتىنى سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، ئاپتونوم رايوننىڭ پاسپورت بېجىرىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئادەتتىكى پاسپورتنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھۆكۈمەت پاسپورتى ۋە يېرىم يىللىق كۆپ قېتىملىق بېرىش – كېلىش پاسپورتىغا ئۆزگەرتكەن ھەم كارخانا ۋە شەخسنىڭ نەق پۇلى، قىممەتلىك بۇيۇملىرىنى ئالغان.

     پەيزاۋات ناھىيەلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تيەن شىنچۈەن خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت دائىرىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەم بىر قانچە پاختا كارخانىسىنىڭ نەق پۇلىنى ئالغان.

     ھازىر يې پېيشىن، تيەن شىنچۈەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. جاڭ نەيجى، ما سۈنرېن، ليۇ شىنفا، بادېر، ۋاڭ يۇڭ، ليۇ جيەنيىڭ ئۆز ئىدارىسىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-06-29
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: قانۇن- نىزام
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: