ئالىم بىز بلوگى

قانۇن–تۈزۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرايلى

فا شۇەن

 

     ھازىر ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئىناق جەمئىيەت ئالدى بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت بولۇشى كېرەك، قانۇن – تۈزۈمگە ئەھمىيەت بېرىش سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. قانۇن – تۈزۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇشتىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش:

     1. ئاساسىي قانۇننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇقرالىق ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

     دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ 33 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى قانۇن ئالدىدا بىردەك باراۋەر. دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەرقانداق پۇقرا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى شەرت››. ئاساسىي قانۇننىڭ بۇ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پۇقرالار دۆلەتنىڭ خوجايىنى، جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى. پۇقرالار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ئاساسىي ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئاساس قىلىدۇ. پۇقرالىق ئېڭى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىغا بولغان ئېڭى ۋە تونۇشىدۇر. جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىدە، ئۆزىنىڭ دۆلەتنىڭ خوجايىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى ئىكەنلىكى، قانۇن بويىچە ئاساسىي ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ۋە ئۆتەشكە تېگىشلىك ئاساسىي مەجبۇرىيىتىنى تونۇش جۇڭگو پۇقراسىلىق ئېڭىغا ئىگە بولغانلىق بولىدۇ.

     شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەمەلىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاز ساندىكى ئاممىدا پۇقرالىق ئېڭىنىڭ كەمچىل بولۇشى بىر خىل سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىجتىمائىي ھادىسە، ئۇ ئاساسەن پۇقرالىق قارىشى مۇجىمەل، پۇقرالىق ھېسسىياتى سۇس بولۇپ، دۆلەت قانۇنىنىڭ نوپۇزىغا مۈجمەل قاراش ۋە ئۇنى ھۆرمەتلىمەسلىك، ھەتتا دەپسەندە قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. 2009 – يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹‹5 – ئىيۇل›› ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشى ۋە يېقىندا خوتەن، قەشقەردە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى بۇنىڭ روشەن مىسالى، بۇ، بەزىلەرنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە قۇترىتىشى بىلەن كاللىسىدا پۇقرالىق ئېڭى ئۇقۇمىدىن ئەسەرمۇ يوق ھالدا ۋەتەن ۋە خەلق بىلەن قارشىلىشىپ، تەلۋىلەرچە زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قانۇن – تۈزۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئاساسىي قانۇننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇقرالىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. بىرىنچى، ئاساسىي قانۇننى گەۋدىلىك ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، پۇقرالىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالىق ئېڭى بىلەن مىللەت ئېڭى، دىن ئېڭى، يەر ئېڭى قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى بىرلەشتۈرۈش، قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشى باراۋەر بولۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەتتە پۇقرالار قانۇن ئالدىدا باراۋەر، ھەر قانداق كىشىنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن تۇرۇش ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا، ھەتتا قانۇنسىزلىق قىلىشتەك خاتا ئىدىيە ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

     2. باشلامچىلىق بىلەن قانۇننى ئۆگىنىش، ئىشلىتىش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك

     قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت پۇقرالارغا قويىدىغان ئاساسىي تەلەپ. پارتىيەلىك كادىرلار ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تارىخىي ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئاساسىي قاتلامدا ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تايانچ كۈچ. شۇڭا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قانۇننى ئاڭلىق ئۆگىنىپ، قانۇننى ئىشلىتىپ، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم.

     بىرىنچى، قانۇننى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئىشلىتىپ، قانۇن جەھەتتىكى ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

     ئىككىنچى، زىددىيەت، تالاش – تارتىشلارنى قانۇن بويىچە ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

     ئۈچىنچى، ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز مەنپەئىتىگە ئالاقىدار دەۋا – تەلىپىنى قانۇن بويىچە بىلدۈرۈشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك.

     3. قانۇنغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارغا قارشى بايرىقىمىز روشەن ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك

     قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش يالغۇز ھۆكۈمەتنىڭلا مەسئۇلىيىتى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇقەددەس ھوقۇقى ۋە شەرەپلىك مەجبۇرىيىتى. ‹‹ئاساسىي قانۇن››نىڭ 52 – ماددىسىدا: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار››، دەپ بەلگىلەنگەن. ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 20 – ماددىسىدىمۇ: قانۇنسىز زىيان يەتكۈزۈش، جىنايى قىلمىش ئالدىدا ھەر قانداق پۇقرانىڭ يوللۇق قوغدىنىش، قايتۇرما زەربە بېرىش ھوقۇقى بار، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، دۆلەت قانۇنىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قوغداش ئۈچۈن، پارتىيەلىك كادىرلار قانۇنغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلار، بولۇپمۇ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي ئېغىشماي قوغدىشى كېرەك.

     بىرىنچىدىن، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق چۈشىنىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ غەرەزلىك ھالدا مىللىي قارشىلىق ۋە ئۆچمەنلىك قوزغاپ، تېررورلۇق كەيپىياتى پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان رەزىل، قەبىھ غەرىزىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك جىنايەتلەرنىڭ ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە دوكلات قىلىش كېرەك.

     ئىككىنچى، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، چېكىدىن ئاشقان دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا، بولۇپمۇ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش قاتارلىق ئاپتونوم رايون ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى سىياسەت، تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى، نوپۇزىنى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە باشلامچىلىق بىلەن قوغداش كېرەك.

     ئۈچىنچى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا دىنىي ئاڭ تۇرغۇزۇپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنى ئاڭلىق توسۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

     تۆتىنچى، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە تۈرلۈك زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى بايرىقى روشەن ھالدا كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن خەلق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ قاتتىق زەربە بېرىشكە قاتنىشىدىغان يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت ئامما زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ھېچقانداق پاناھ جاي ۋە ھېچقانداق پۇرسەت قالدۇرماي، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن قەتئىي ئېغىشماي بىر سەپتە تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوغدىشى كېرەك.

     شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يۇرت – ماكاننى بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى قانۇن – تۈزۈم كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيەلىك ھەر مىللەت كادىرلار قانۇن –تۈزۈمنى ھەقىقىي يۆنىلىش قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇنغا بويسۇنۇپ، قانۇننى ئىشلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆز مەنپەئىتىگە ئالاقىدار دەۋا تەلىپىنى توغرا بىلدۈرۈش، قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش، قانۇنغا خىلاپ بارلىق جىنايى قىلمىشلارغا قارشى ئاڭلىق كۈرەش قىلىش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قەتئىي قوغداشقا پائال يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تىرىشىپ ياخشى قانۇن – تۈزۈم مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: قانۇن–تۈزۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرايلى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-09-24
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: قانۇن- نىزام
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: