ئالىم بىز بلوگى

ھونلارنىڭ شەرقىي خەن خانلىقىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە شەرقىي خەن خانلىقىنىڭ تەدبىرى

     شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرى خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى، ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرلىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى يەرلىك كۈچلەرنىڭ بۆلۈنىمىچىلىكى، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ سىياسىي، ھەربىي كۈچىنىڭ بىر قەدەر ئاجىزلىقى ۋە شىمالدىكى رايونلارنى باشقۇرۇشقا مادارى يەتمىگەنلىكى قاتارلىق ئاجىزلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ تەرەپتىن شەرقىي خەن سۇلالىسىگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلدى.

     بىرىنچىدىن، ئۇلار ئوغانلارنى يېڭىۋاشتىن تىزگىنلەپ، ئوغانلار ۋە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سىيانپىللار بىلەن بىرلىكتە قوشۇۇن تارتىپ ھۇجۇم قىلدى. ئوغانلار ئەسلىدە خەن ۋۇدى دەۋرىدە ھۇنلارنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغانىدى. كېيىن ۋاڭ ماڭ ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن 12 يول قوشۇن تارتقاندا، ئوغان ئەسكەرلىرىنى يۆتكەپ دەيجۈنگە ئۇرۇنلاشتۇردى ھەم ئۇلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاياللىرىنى ئايماق مەركىزىگە ئەكىلىپ گۆرۈگە ئېلىۋالدى. كېيىن ئوغانلار قاچقاندا گۆرۆگە ئېلىۋالغان ئاياللارنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ئوغانلار ۋاڭ ماڭ بىلەن ئۆچەكىشىپ قالدى. ھۇن قۇلدارلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغانلارنى ئۆزىگە تارتىپ ئۇلارنىڭ ئېسىلزادىلىرىنى ئەمەل بىلەن قىزىقتۇرۇپ، باشقا ئادەملىرىنىمۇ رام قىلۋالدى. گۇاڭۋۇ يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە ھۇن قۇلدارلىرى ئوغانلار ۋە سىيانپىلار بىلەن بىرلىشىپ شىمالغا ھۇجۇم قىلدى. دەيجۇن ئايمىقىنىڭ شەرقىدىكى رايونلار ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۈچرىدى. ئوغانلارنىڭ چارۋىچىلىق يەرلىرى خەن سۇلالىسى يەرلىرىگە ئەڭ يېقىن بۇلۇپ، ئەتىگەندە تاڭ سۈزۈلگەندە يولغا چىقسا كۈن كۆتۈرۈلۈشى بىلەن كېلىپ بولغىلى بولاتتى. شۇڭا، شىمالدىكى بەش ئايماقتىكى خەلق ئېغىر ئاپەتكە ئۈچراپ پۇقلارلار سەرسان بولۇپ كەتتى. خەن قۇشۇنلىرى ئۇلار بىلەن نەچچە يۈز قېتىم چوڭ-كىچىك ئۇرۇشلارنى قىلغان بولسىمۇ غەلبە قىلالمىدى.

     ئىككىنچىدىن، ئۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى يەرلىك بۆلۈنمە كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈردى ۋە ئۇلارنى قوللىدى. مەسىلەن ئەندىڭ ئايمىقى سەنشۈي ناھىيسىدىكى (ھازىرقى نىڭشيادىكى گۇيۈەن ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا) لۈفاڭ، دەيشىيەن ناھىيىسىدىكى (ھازىرقى خېبىيدىكى ۋېيشىيەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) جاڭ يې، يۈياڭ ئايمىقىدىكى (ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىدىكى مىيۈن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) پېڭ چۇڭ، ۋۇيۈەن ئايمىقىدىكى (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى باۋتۇ شەھىرىنىڭ غەربىدە) لى شىڭلار داۋاملىق شىمالدا پاراكەندىچىلىك تېرىپ ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، بولۇپمۇ، لۈفاڭ ھۇن قولدارلىرىنىڭ جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىشىدىكى مۇھىم قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. ھۇن قۇلدارلىرى قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بۆلۈنمىچىلىكىنى قوللاپلا قالماستىن، يەنە ئۇنى يۆلەپ «خەن پادىشاھى» (قورچاق پادىشاھ) قىلىپ جيۇيۈەندە تۇرغۇزۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە بىۋاستە قول تىقتى. لۈ فاڭ ۋۇيۈەن، سۇفاڭ، يۈنجۇڭ، دىڭراڭ، يەنمېندىن ئىبارەت بەش ئايماقنى ئىگىلىۋېلىپ، ھۇنلارنى يۆلەنچۈك قىلىپ خورىكى بەك ئۆسۈپ كەتتى. كېيىن لۈفاڭنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىلەر (مەسىلەن، سۈي لى) ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن، ئۇ ھۇنلار ئارىسىغا قېچىپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە ئىنئامغا بېرىلىپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاچقا، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ سۈيىقەستى ئەمەلگە ئاشمىدى، ئۇلار بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ بۇلاڭچىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن، شاڭداڭ (ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىدىكى جاڭزى ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا)، فۇفېڭ (ھازىرقى شىئەن شەھىرى)، تىيەنشۈي (ھازىرقى گەنسۇدىكى تۇڭۋېي ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا)، شاڭگۇ (ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسىدىكى خۇەيلەي ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)، جۇڭشەن (ھازىرقى خېبىيدىكى دىڭشىيەن ناھىيىسى) قاتارلىق جايلار ھۇن ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ تاجاۋۇزى، قىرغىنچىلىقى ۋە بۇلاڭ-تالىڭىغا ئۇچراپ، شىمالنىڭ ئەمىنلىكى بۇزۇلدى.

     ئۈچىنچىدىن، ئۇلار غەربىي يۇرتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قاقتى-سوقتى قىلىپ باج-سېلىق يىغىپ، ئىقتىسادىي كۈچىنى كۈچەيتتى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شۈەندى، يۈەندى دەۋىرلىرىدىن بۇيان غەربىي يۇرت ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان، خەن سۇلالىسى قورۇقچى بەگ تەسىس قىلىپ غەربىي يۇرتنى باشقۇرغانىدى. كېيىن ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ بەگلىرىنىڭ ئورنىنى چۈشۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز ئۆرۈپ قورۇقچى بەگ دەن چىننى ئۆلتۈرۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. ھۇن قۇلدارلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىپ، غەربىي يۇرتتىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى يەنە يېڭۋاشتىن ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالدى. ھۇن قۇلدارلىرى ھەر مىللەت خەلقلىرىدىن ئېغىر باج-سېلىق يىغقاچقا، ئۇلار چىداشقا ئامالسىز قالدى.

     ئەينى چاغدا، بىر تەرەپتىن ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزلىق كۈچى قۇدۇرەت تاپقان، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتى يېڭى قۇرۇلغان، سىياسىي جەھەتتە يەرلىك بۆلۈنمە كۈچلەر تېخى تولۇق يوقىتىلماي پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىكى تېخى ئىشقا ئاشمىغان، ئىجتىمائىي ئىگىلىك ۋەيران بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئوندىن ئىككى-ئۈچى قالغان، «قەلئەلەر بوشاپ، ساقلىغىلى ئادەم قالمىغان»، «قورۇللار بۇزۇلۇپ تۇرلار ۋەيران بولغان» ئىدى. شۇڭا، خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى بۇ خىل پەرق ئەينى چاغدىكى شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمتىنىڭ ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە قارىتا ئىستراتېگىيىلىك قايتۇرما زەربە بەرمەي، پاسسىپ مۇداپىئە كۆرۈش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىدى.

     مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۇنلارغا تۆۋەندىكىدەك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى:

     بىرىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتە، جيەنۋۇ 6-يىلى (مىلادىيە 30-يىلى) گۇاڭ ۋۇدى (ليۇشيۇ) ھۇنلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئالتۇن-كۈمۈش سوۋغا قىلىپ، بۇرۇنقى دوستانە مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق ھۇنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىنى توسماقچى بولدى. گەرچە ھۇنلار جاۋابەن ئەلچى ئەۋەتكەن (ھۇنلار بىلەن شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئۆز-ئارا جاۋابەن ئەلچى ئەۋەتىشى شۇنىڭدىن باشلاندى) بولسىمۇ، ئەمما پاراكەندىچىلىكنى توختاتمىدى. ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشلانمىدى.

     ئىككىنچىندىن، ھەربىي جەھەتتە، گۇاڭ ۋۇدى سەركەردە-لەشكەرلەرنى يۆتكىگەن بولسىمۇ مۇداپىئەنى ئاساس قىلدى. ئارىلاپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ، دۈشمەننى چېكىندۇرۇش بىلەن توختاپ قېلىپ، ئاساسىي جەھەتتىن قورۇلدىن چىقىپ ئۇرۇش قىلمىدى. يەنە كېلىپ قىسمەن ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە، ھۇنلار لۈفاڭ بىلەن بىرلىكتە نەچچە قېتىم شىمالغا تاجاۋۇز قىلغان. جيەنۋۇ 9-يىلى بۈيۈك ئەمىر لەشكەر ۋۇخەن قاتارلىقلار ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ، نەچچە يىلغىچە ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى قەلغا كەلتۈرەلمىگەن. ئەكسىچە ھۇنلار بارغانسېرى كۈچىيىپ تاجاۋۇزچىلىقى بارغانسىرى كۆپەيگەن. 13-يىلى خېدۇڭغا تاجاۋۇز قىلغاندا ئايماق، ۋىلايەتلەر تاقابىل تۇرالمىغان. شۇڭا، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى نۇرغۇنلىغان ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى روشەن پاسىپ مۇداپىئە خاراكتىرىدە بولغان. تارىخىي ئەسەرلەردە خاتىرىلىنىشىچە، گۇاڭۋۇدى تەخىتكە چىققاندىن (مىلادىيە 25-يىلى) كېيىن، بەي سۇنى دەيجۈن ئايمىقىنىڭ ۋالىيىسى قىلىپ، «قورۇللارنى مۇستەھكەملەپ ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆرگەن». ئاتالمىش «قورۇلنى مۇستەھكەملەش» قەلئە، قورۇللارنى پاسىپ مۇداپىئە قىلىش دېگەنلىك ئىدى. يەنە جيەنۋۇ 5-يىلى گوجى يۈياڭ ئايمىقىنىڭ ۋالىيىسى بولغاندا ھۇنلار چېگىرىغا پاركەندىچىلىك سېلىپ، چېگىرىدىكى خەلقلەر غەمگە پاتقان. گوجى ئەسكەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، ھۇجۇمغا تەييارلىنىپ مۇداپىئە كۆرگەنلىكتىن، ھۇنلار قورقۇپ قورۇلدىن كىرىشكە پېتىنالمىغان. بۇنىڭدىمۇ پەقەت«ھۇنلارنى قورۇلدىن كىرگۈزمەسلىك» بىلەنلا چەكلىنىپ، قورۇلدىن چىقىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەربە بېرىلمىگەن. يەنە جيەنۋۇ 7-يىلى دۇماۋ پەرمانغا بىنائەن قوشۇن باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ جىنياڭ، گۇاڭۋۇدا بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇپ ھۇن قاراقچىلىرىدىن مۇداپىئە كۆرگەن. جيەنۋۇ 12-يىلى گۇاڭ ۋۇدى يەنە دۇەن جۇڭنى ھەر قايسى ئايماقلاردىكى كەچۈرۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنى باشلاپ دۇماۋنىڭ شىمالنى قوغدىشىغا ياردەملىشىشكە ئەۋەتكەن. دۇەن جۇڭ شىمالغا بارغاندىن كېيىن ئەسكەرلەرنى ئىشلىتىپ «قەلئە، قورۇللارنى سېلىپ، تۇرلارنى ياساپ»، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە كۈچلىرىنى كۈچەيتكەن. بۇمۇ يەنىلا مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلغان.

     ئۈچىنچىدىن، مۇداپىئەلىنىشتە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش زۆرۇر ئىدى، شۇڭا شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە قەلئە، قورۇل، تۇرلارنى رېمۇنت قىلىش ۋە ياساش ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ بولدى. تارىخىي ئەسەرلەردە خاتىرىلىنىشىچە، جيەنۋۇ 15-يىلى يەنمېن، دەيجۇن، شاڭگۇ ئۈچ ئايماق خەلقلىرى چاڭشەنگۈەن (ھازىرقى خېبىيدىكى تاڭشيەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا)، جۈيۇڭگۇەن (ھازىرقى خېبيدىكى جۈيۇڭگۇەن) نىڭ شەرقىگە كۆچۈپ ھۇنلارنىڭ پاركەندىچىلىكىدىن پاناھلانغان. ھۇنلارنىڭ سول تەرەپتىكى قوشۇنلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىچكىرلەپ كىرىپ قورۇلنىڭ ئىچىگە جايلىشىۋالغان.شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمىتى تۇسۇشقا ئامالسىز قېلىپ، چېگىرىدىكى ھەر قايسى ئايماقلاردىكى ئەسكىرىي كۈچنى كۆپەيتىپ، «كەڭ كۆلەمدە قەلئە، قورۇللارنى سېلىش، تۇرلارنى ياساش» قا مەجبۇر بولغان. جيەنۋۇ 12-يىلى يېڭۋاشتىن دەيشيەن ناھىيىسىدىن پىڭچىڭغا تۇتىشدىغان، ئۇزۇنلۇقى 300 چاقىرىمدىن ئاشىدىغان فېيخۇ يولى ياسالغان بولسا، ئەمدىلىكتە (جيەنۋۇ 15-يىلى) شىخېدىن ۋېيچياۋغىچە، خېشاڭدىن ئەنيىگىچە، تەييۈەندىن جىڭجىڭغىچە، جۇڭشەندىن يېغىچە بولغان ئارىلىقتا قەلئە، قورغانلار سېلىنىپ، ھەر ئون چاقىرىم ئارىلىققا بىردىن تۇر ياسىلىپ مۇداپىئە كۆرۈلگەن.

     تۆتىنچىدىن، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋەزىيىتىنى ئوڭشاپ ھەم شىمالدىكى قەلئە، قورغانلارنى ساقلاپ، ۋاقتىنچە غەربىي يۇرت بىلەن كارى بولمىدى. شۇڭا، جيەنۋۇ يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايىسى «بەگلىك» لەرنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەلچى ئەۋەتىپ شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمتىدىن مەركەزگە تەۋە بولۇشنى ھەم قورۇقچى بەگ تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، گۇاڭ ۋۇدى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك يېڭىدىن تىنجىدى، ھۇنلار تېخى بويسۇندۇرىلمىدى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارغا چولىمىز تەگمەيدۇ، دېگەن سەۋەب بىلەن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىدى.

     شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا گەرچە ھۇن قۇلدارلىرى توختىماستىن جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئارىدا ئەلچىلەر يەنىلا بېرىپ-كېلىپ تۇردى. جيەنۋۇ 6-يىلى (مىلادىيە 30-يىلى) شەرقىي خەن سۇلالىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەلچى ئەۋتكەن، ھۇنلارمۇ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغاندىن باشقا، جيەنۋۇ 14-يىلى (مىلادىيە 38-يىلى) ھۇنلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلدى، شەرقىي خەن سۇلالىسىمۇ قائىدە بويىچە ئەمىر مۆكەرنى ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ جاۋاب قايتۇردى. لېكىن بۇ خىل ئۇچرىشىش ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشدا ھىچقانداق رول ئوينيالمىدى، ئۇرۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىق يەنىلا داۋاملاشتۇرۇلدى. پەقەت خەنزۇ، ھۇن خەلقلىرى ئارىسىدا ئەينى چاغدا ئۇرۇش بىر قەدەر ئاز بولغان خېشى كارىدورى ئەتىراپىدىكى رايونلاردىلا قۇيۇق ئىقتسادىي ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ساقلىنىپ قالدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ھونلارنىڭ شەرقىي خەن خانلىقىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە شەرقىي خەن خانلىقىنىڭ تەدبىرى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-11
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مەدەنىيەت - تارىخ
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: