ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> سىياسىي- نەزەرىيە >> تەپسىلاتى

ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا «جۇڭگو يولى» دا مېڭىش كېرەك

     بىر قانچە يىللاردىن كېيىن كەينىمىزگە قاراپ باقىدىغان بولساق ، بىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ بىر ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ تاللاشنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇرلۇقىنى ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە بولغان ئەھمىيىتىنىڭ مۆلچەرسىزلىكىنى بايقىيالايمىز .

     يولداش خۇ جىنتاۋ « 1-ئىيۇل » مۇھىم سۆزىدە ، مۇنۇلارنى چوڭقۇر كۆرسەتتى: « دۆلىتىمىز ئۆتكەنكى 30 نەچچە يىللىق تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىدا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشقا تاياندى ، دۆلىتىمىز كەلگۈسى تەرەققىياتىدىمۇ چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشقا تايىنىشى كېرەك » . پارتىيەنىڭ 90 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ، بولۇپمۇ بۇ 30 نەچچە يىللىق تارىخى شۇنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردىكى ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىدە مېڭىشقا تېگىشلىك يول . ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىغا ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىغا چوقۇم باشتىن ئاخىر سىڭدۈرۈپ ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .

     بۇ 30 يىلدا ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش خوددىي دەل پەيتىدە ياغقان يامغۇردەك تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىلگىرى سۈردى . بۇنىڭ بىلەن ، جۇڭگو نامرات ، قالاقلىقتىن ھالقىپ ، ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى ، خەلق تۇرمۇشى كىيىنىش-تويۇنۇشى يېتەرلىك بولماسلىقتىن تەرەققىي قىلىپ ئومۇمىي گەۋدىلىك ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى ، جۇڭگونىڭ ئونۋېرسال دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى گەۋدىلىك ئېشىپ ، سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇردى .

     بۇ 30 نەچچە يىلنى پارتىيەنىڭ 90 يىلى ئىچىگە قويۇپ تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق ، 1840-يىلىدىن بۇيانقى 170 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىگە قويۇپ ئىگىلەپ باقساق ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسى ئىچىگە قويۇپ كۈزىتىپ باقساق ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئوخشاشلا بىر بۈيۈك ئابىدە بولۇپ ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە . ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى خەلقنى يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىنى ئاچتى . بۇ ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ، جۇڭگونى تەرەققىيات يولىغا باشلايدىغان زامانىۋىيلاشتۇرۇش يولى . بۇ « جۇڭگو يولى»نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ، كوممۇنىستلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ، خەلقنى بېيىتىش ، مىللەتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ماڭىدىغان توغرا يولنى تاپقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ؛ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يۇقىرى-تۆۋەن بىردەك ئىزدىنىپ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماستىن زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يورۇق يول تاپقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ؛ دۇنيادىكى ئاشۇ زامانىۋىيلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئوخشاشلا پايدىلىق تەجرىبىلەر ۋە ئىلھام بىلەن تەمىنلىدى .

     گەرچە بىز ئۇلۇغۋار مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولساقمۇ ، ئەمما بىزنىڭ يىراق كەلگۈسى نىشانىمىز بىلەن خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى ئوتتۇرىسىدا ئارىلىق بار . گەرچە بىز ئالغا بېسىش يولىمىزنى ئاچقان بولساقمۇ ، ئەمما ئالغا بېسىش يولىمىز يەنىلا تەپ-تەكشى ئەمەس .پەقەت ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىلا ، ئاندىن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى داۋاملىق ئازات قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ ، ئىلمىي تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق ئىدىيەۋىي قاراشلار ۋە تۈزۈلمە مېخانىزىمىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقىلى بولىدۇ .پەقەت ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا « جۇڭگو يولى » دا ياخشى ماڭغاندىلا ، جۇڭگونى ئاندىن باي ، قۇدرەتلىك ، دېموكراتىك ، مەدەنىي ، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ .جۇڭگو خەلقى ئاندىن تېخىمۇ ئومۇمىي يۈزلۈك ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئابرويغا ئىگە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ .

     ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا قانداق قىلغاندا «جۇڭگو يولى» دا ياخشى ماڭغىلى بولىدۇ ؟ يولداش خۇ جىنتاۋ ئۆز سۆزىدە زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى . ئۇ بولسىمۇ : ئالغا بېسىش يولىدا ، بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى تەۋرەنمەستىن چىڭ تۇتۇپ ، ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماستىن مېڭىشىمىز كېرەك ؛ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە-سىياسەت قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن يۈكسەلدۈرۈپ ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىشىمىز كېرەك ؛ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش-گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك ؛ خەلق تۇرمۇشىغا داۋاملىق زور كۈچ بىلەن كاپالەت قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . بۇ تۆت جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كېڭەيتىشتىكى ئاساسىي قوللانما ، زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى .

     ئالغا بېسىش يولىدا ، يەنە يا ئۇنداق-يا بۇنداق جاپا-مۇشەققەت ۋە توسالغۇلار ، يەنە ھەرخىل زىددىيەت مەسىلىلىرى بولۇشى مۇمكىن .پەقەت بىز كاللىمىزنى باشتىن ئاخىر سەگەك تۇتۇپ ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ ، مەڭگۈ قاتماللاشماي ، مەڭگۈ توختاپ قالماي ، تەۋرەنمەي ، ھورۇنلۇق قىلماي ، قۇرۇق ھەپىلىشىپ يۈرمەي ، ھەر قانداق خەۋپ-خەتەردىن قورقماي ، ھەر قانداق پاراكەندىچىلىككە ئالدىنىپ قالمايدىغانلا بولساق ، چوقۇم ئالغا بېسىش يولىمىزدىكى توسالغۇلارنى داۋاملىق سۈپۈرۈپ تاشلاپ ، ئۈزلۈكسىز تۈردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يوللىرىنى ئاچالايمىز .

     مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: