شەيتان لۇغەت
- دوختۇر _ ئەزرائىل ئەڭ نەپرەت بىلەن قارايدىغان ئادەم.
- رېتسىپ _ دورا ئىسمىنى بىلگىلى بولمايدىغان، ئەمما باھاسىنى ئېنىق كۆرگىلى بۇلىدىغان قەغەز.
- ئۈچۈرگۈچ _ خاتالىقىنى تۈگۈتۈپ بۇلالماي ئاخىرى ئۈزى تۈگەپ كىتىدىغان نەرسە.
- مۇئەللىم _ ئىمتاھان ۋاختىدا تۆت ئەتراپىغا قارىيالايدىغان بىردىن-بىر كىشى.
- يول قۇيۇش _ يېڭىشكە كۈزى يەتمىگەندە، ئۈزىنى قوغداشتىكى ئۈنۈملۈك چارە.
- مۇنبەر _ ئىقتىدارسىز باشلىقنىڭ ئەيىپى ئېچىلىدىغان سەھنە.
- خىمىيىۋى ئۇغۇت _ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغان دورا.
- گال _ ئىنساپنى سۇغۇرۇۋالسا، مەڭگۇ تولدۇرغىلى بولمايدىغان كامار.
- مۇسابىقە مەيدانى _ باتۇرلۇق، چەبدەسلىك، گۇرۇھۋازلىق، يۇرتۋازلىق، چىدىماسلىق توپلاشقان جاي.
- تاماكا چىكىش _ ئۆپكە، كانايلارغا كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن سېلىنغان ئىسرىق.
Smilie Vote is loading.
يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: شەيتان لۇغەت
يېقىندا ئىنكاس قالدۇرغان مىھمانلار