ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> راسچىل ، يۇۋاش بولۇش ئىقتىدارسىزلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ

راسچىل ، يۇۋاش بولۇش ئىقتىدارسىزلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ

2012-06-03 11:03     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ۋاڭ سۇنىڭ        بۇ يىل پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ ، ئۆلكىلىك رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ . ئادەم تاللاش ۋە ئىشىلتىشكە ئالاقىدار بولغان «راسچىل ، يۇۋاش ئادەم» مەس....

ۋاڭ سۇنىڭ

 

     بۇ يىل پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ ، ئۆلكىلىك رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ . ئادەم تاللاش ۋە ئىشىلتىشكە ئالاقىدار بولغان «راسچىل ، يۇۋاش ئادەم» مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى.

     «راسچىل، يۇۋاش ئادەملەرنى زىيان تارتقۇزۇپ، ھايانكەش، خوشامەتچىلەرنىڭ پايدا ئېلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ». مانا بۇ باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىغىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەلەپ، شۇنداقلا بىزنىڭ پارتىيەمىزنىڭ ئادەم تاللاش ۋە ئىشىلتىشتىكى ئىزچىل تەشەببۇسى .

     راسچىل، يۇۋاش دېگەن نېمە؟ دەۋر تەرەققى قىلىپ بۈگۈنگە قەدەر بىز زادى قانداق راسچىل، يۇۋاش ئادەملەرگە ئېھتىياجلىق؟

     راسچىل، يۇۋاش دېگەنلىك ئەسلىدە ئىجابىي مەنىلىك سۆز بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ ياغلىمىچىلىق قىلماي، جار سالمايدىغان، بايلىق ۋە مەرتىۋىگە قاراپ مۇئامىلە قىلمايدىغان، ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكۈر-قانائەت قىلىپ، ئىچى تېشى بىردەك بولۇپ، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشتەك سۈپەتلىنىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

     ۋاھالەنكى، قايسى بىر چاغلاردا راسچىل، يۇۋاشلىق سەلبى مەنىگىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى. بىر ئادەمىنى راسچىل، يۇۋاش دېسە، ئۇنىڭ ھىچقانداق قابىليىتى يوق، قابىليىتى ناچار قاتارلىق مەنىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇلۇپ قويۇلغان ئىدى. بۇنداق بولغاندا، باشقىلارنى بولۇپمۇ ياشلارنى گاڭگىرىتىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولمايتتى. ئەجىبا 21-ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ راسچىل، يۇۋاشلىقتىن ئىبارەت بۇ پەزىلەتنىڭ ھەقىقەتەن ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟ راسچىل، يۇۋاش ئادەملەر دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېتىشەلمەي سەپتىن چۈشۈپ قالغۇچىلار بولۇپ قېلىۋاتامدۇ ؟

     بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خېلىلا ئومۇملىشىپ كەتكەن خاتا ئۇقۇم، شۇنداقلا خاتا ھۆكۈمدىن ئىبارەت خالاس. راسچىل، يۇۋاشلىق ئۇ ئادەمنىڭ بىر خىل پەزىلىتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ساداقەتمەنلىك، راسچىل، يۇۋاشلىق تېخىمۇ زۆرۈر بولغان ئىسىل پەزىلەت. پارتىيەنىڭ ئىشلىرى ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئەخلاق-پەزىلىتىگە، ئەمەلىي ئىدىيەسىگە، تۇرمۇشتىكى ئاددى-ساددىلىقىغا، ئىستىلىنىڭ ساغلاملىقىغا، نەتىجىسىنىڭ راسچىللىقىغا مۇھتاج. ۋاھالەنكى، ئىقتىدارسىز دېگەنلىك ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى دېگەنلىكتۇر. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەيلى قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسۇن، مەيلى قايسى ئىش ئورنىدا ئىشلىسۇن، ھەممىسى مۇناسىپ ھالدىكى بىلىم-تېخنىكىلارنى ئىگىلىشى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى، قانۇن-نىزاملىرىنى چۈشىنىشى، ئالاھىدە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالايدىغان ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ ئىككىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل باھالاش سىستېمىسى. تەدبىقلىنىشىمۇ ئوخشاش بولمىغان باھالاش ئۆلچىمى. شۇڭلاشقا بۇنى ئاددىلا قىلىپ بىر ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ .

     راسچىل، يۇۋاش بولۇش ئىقتىدارسىزلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن راسچىل، يۇۋاش بولۇشنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنىڭ تۈۋەن بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇتلەق زور كۆپچىلىك راسچىل، يۇۋاش ئادەملەرنىڭ گەرچە مىجەزى بىراز ئىچ مىجەز بولسىمۇ، ئىش قىلغاندا ئېھتىياتچان بولىدۇ، باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزى ۋە چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتۇشنى، ھوقۇق-مەنپەئەت تالىشىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. ھالبۇكى ئۇلار خىزمىتىگە ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، قېتىرقىنىپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىسىلا، خىزمەتتە ئۆسۈشىدە مەسىلە چىقمايدۇ. يەنە بىر خىل راسچىل، يۇۋاش ئادەملەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى، بىر قەدەر ياخشى بولغان بىلىم-سەۋىيەسى بولىدۇ. پايدا-زىيان توقۇنۇشىغا دۇچ كەلگەندە، ئومۇملۇقنى نەزەردە تۇتۇدۇ . ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، باشقىلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر كەڭ-قوساق بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىر خىل «بىلىملىك كىشى كەمتەر كېلىدۇ» دېگەنلىكتىن ئىبارەت .

     راسچىل، يۇۋاش بولۇش ئىقتىدارسىزلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، راسچىل، يۇۋاش ئادەملەرمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە كۆز قارىشىنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ئەخلاق–پەزىلىتىنى چىڭىتىپ، ئىستىلىنى تاۋلاپ، قابىليىتىنى كۈچەيتىپ بارىدۇ. ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆز ماھارىتىنى مەشىقلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۆگىنىدۇ. باشقىلارغا كىچىك پېئىل بولۇپ، چوڭ گەپ بىلەن ئىشلىيەلەيدۇ. سەمىمىي ھەرىكىتى بىلەن ياخشى ئۈنۈم يارىتىپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا نائىل بولالايدۇ .

     بۇگۈنكى دەۋردە، گەرچە جەمئىيەتنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى ۋە قىممەت يۆنىلىشى بارغانسېرى كۆپ مەنبەلىشىشكە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق راسچىللىق، سەمىمىلىكنى قەدىرلەشتەك ئەنئەنىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، راسچىل، يۇۋاش بولۇش يەنىلا پارتىيە ئەزالىرى كادىرلارنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلە ۋە جاھاندارچىلىق قىلىشىدىكى ئاساسىي پىرىنسىپى. راسچىل، يۇۋاش بولۇش يەنىلا پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئاساسى ئېقىمى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سىلجىتىدىغان تايانچ كۈچ .

     جۇ ئېنلەي مۇنداق دېگەن ئىدى: دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم ئەڭ سەمىمى، راسچىل، يۇۋاش ئادەملەردۇر، چۈنكى ئادەم سەمىمىي، راسچىل، يۇۋاش بولغاندىلا، ئاندىن ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلايدۇ. بىز ۋە ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى يولداش ماۋ زېدوڭ يەنئەندىكى چېغىدا ئوتتۇرىغا قويغان، «راسچىل، يۇۋاش ئادەم بولۇپ ، راس گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش » تەلىپى بويىچە، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن ئىشلەپ، بىر نىيەت –بىر مەقسەتتە تەرەققى قىلىپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز لازىم .

 

(تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter