ئالىم بىز بلوگى

ئىسلام دىنى بىلەن كوڭزىچىلارنىڭ ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرى

ئابلىكىم ئالاۋۇدۇن

 

             ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى تۇغۇلۇش مەسىلىسى بولماستىن بەلكى ئۆلۈم مەسىلىسىدۇر. ئىنسان دۇنيادا نەچچە ئون يىل ياشاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، بۇنداق ھاياتنىڭ قىممىتى نەدە؟ قانداق قىلغاندا مۇكەممەل ئىنسان بولغىلى بولىدۇ؟ ئىنسان قانداق ياشىغاندا بەختلىك ياشىغان بۇلىدۇ؟ دېگەندەك مەسلىلەر ھەرقايسى دەۋرلەردە ، ھەرقايسى دىنلار ياكى ھەرقانداق بىر ئىدىلوگىيە مۇھىتى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن خەلق ئورتاق كۆڭۈل بولۇپ كەلگەن مەسىلىلەردىن ئىبارەت.

            جاھاندىكى ھەممە جانلىق ئۆلۈمدىن قورقىدۇ، ئادەم باشقا جانلىقلارغا قارىغاندا تېخىمۇ شۇنداق. ئادەتتە تەتقىقاتلاردا، ئىنسانلارنىڭ ئۆلمەسلىككە بولغان ئىنتىلىشدىن  دىن پەيدا بولغان، دەپ قارىلىدۇ.

           ئىسلام دىنىدا، ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرىنى سىناش ئۈچۈن تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈمنى ۋە روھىيىتىدىكى غېرىبلىقنى ياراتقان، بۇنداق غېرىبلىق ئازابتىن دېرەك بەرسىمۇ،  لېكىن ئۇ ئوخشاشلا بىر سىناقتۇر. شۇنداق بولغاچقا ئىنسان مېھرى- شەپقەت ۋە ئېتىقادقا مۇھتاج، دەپ قارىلىدۇ. ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ روھى جەھەتتىكى ئازابى ۋە غېرىبلىق مەسىلىلىرىنى جەننەتكە باغلاپ تۇرۇپ ھەل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان پەلىسەپە تەتقىقاتچىلىرى ئىسلام دىنىدىكى تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پەلسەپىۋى ئىدىيىلەرنى رېئاللىقتىن چەتنىگەن، ئىلىم پەنگە يات بولغان «تەركى دۇنيالىق» پەلسەپىسى، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى كوڭزىچىلارنىڭ ئۆلۈم، تۇرمۇش، ئادەمىيلىك مەسلىلىرىگە تۇتقان كۆز قاراش ۋە پوزىتسىيىسىنى بولسا رىئاللىقتىكى مەسلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاساس قىلغان «رئاللىق پەلسەپىسى» دەپ، قارايدۇ.

             ئىسلام دىنى بىلەن كوڭزىچىلارنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىدا خېلى چوڭ پەرق بار. بىز تۆۋەندە ئىسلام دىنى بىلەن جۇڭگونىڭ كوڭزىچىلىق ئېقىمىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەنئەنىۋى قاراشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقماقچى.

1. ئىسلام دىنىنىڭ ھاياتلىق قارىشى

 

            ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىدا، ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىنى مۇنداق تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ،دەپ قارايدۇ. بىرىنچى باسقۇچ، ئىنساننىڭ ئانا بالىياتقۇسىدا ئاپىرىدە بولۇش باسقۇچى. ئىككىنچى باسقۇچ، دۇنياغا تۇغۇلغاندىن كېيىن، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ قەبرىگە كىرگەنگىچە بولغان باسقۇچ، يەنى بۇ دۇنيادىكى ھايات باسقۇچى. ئۈچىنچى باسقۇچ، دۇنيادىن كېتىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكىچە بولغان باسقۇچ. يەنى قەبرىدىكى باسقۇچ . تۆتىنچى باسقۇچ، قەبرىدە قايتىدىن تىرىلىپ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش باسقۇچى. ئىسلام دىنى بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىقنى بىر سەپەردىن ئىبارەت، ھاياتلىقتا مەيلى كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھەممىسى يولۇچى، ئاخىرىدا ئوخشاشلا ئاللانىڭ دەرگاھىغا بارىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇسۇلماندارچىلىقتىكى ئەڭ ئالى قىلمىش ئۆلچىمى بولسا ئىمان بىلەن ئېتىقادتىن ئىبارەت. ئاللاغا ئېتىقاد قىلىپ ئەستايىدىل ياشاپ، ماددى تۇرمۇش پاراغەتلىرىدىن مۇۋاپىق بەھرىمان بولۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت. ئىسلام دىنىدا، مۇسۇلمانلارنىمۇ باشقا ئادەملەرگە ئوخشاش پاراغەتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان، مال-دۇنيا توپلايدىغان، ئائىلە قۇرۇپ، پەرزەنتلىك بولىدىغان، بالا-ۋاقىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان، چىرايلىق پاكىز كىيىنىپ يۇرۇشنى خالايدىغان غايە-ئىتەكلەرگە ئىگە، ئۇلارمۇ باشقا تائىپىدىكىلەرگە ئوخشاش تۇرمۇشتا مۇھەببەت- نەپرەت دېگەنلەردىن خالى بولالمايدۇ، بىراق، ئاللاغا بولغان ئىمان ۋە ئېتىقاد دۇرۇس بولسىلا، ئاللا ئۇلارنى ھىدايەتكە باشلاپ، تۇرمۇشى بەرىكەت تاپىدۇ، ئاللا ھەممە كىشى ئۈچۈن رەھىمدىل، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلمان ھەركۈنى ئالدى بىلەن ئاللاغا ئىبادەت قىلىپ، پەرىزلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللادىن رەھمەت تىلەپ ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىكىگە ئاتلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ، چىن دىلىدىن ئوقۇلغان ناماز ۋە ئاللادىن تىلىگەن بەرىكەتلەر ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىلەن بىرىككەن بولىدۇ. بۇ تەرەپلەر مۇسۇلمانلاردىكى ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، ئىنسان پەزىلىتىنىڭ كامىللىقىنى روياپقا چىقىرىش ھەققىدىكى تۇرمۇش قارىشىنىڭ ئاساسىدۇر.

                ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىنسانىيەتنىڭ پائالىيەت تارىخىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشتىن ئاخىر داۋاملىشىدىغان نەرسە ئەمگەكتۇر. يەنى كونكىرېت ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدۇر. «قۇرئان كەرىم»دە، ئىنساننىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى ھاياتىنى ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزىشى تەكىتلەنگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە، ئەمگەك بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ رولىغا بولغان ئېتىباردىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى «ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش» دېگەندىكى «ياخشىلىق» بولسا، ئىسلام ئەخلاقىدىكى ئەڭ نېگىزلىك كاتېگورىيىلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. يەنى رەھىمدىللىك، ئاددىللىق، راسچىللىق، سېخىيلىق، مەردلىك، كەڭ قۇرساقلىق، تۆھپىكارلىق، پىداكارلىق، ھاياتنى قەدىرلەش دېگەندەك ئوقۇملارنىڭ ئومۇمىي نامىدۇر. «قۇرئان كەرىم»دە، بۇ ئىبارىنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئەمگەك بىلەن قىلمىش ئەمەلىيىتىنىڭ رولى مەدھىيىلەنگەن. ئالايلۇق، «ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپاتلاش(يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خوش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد)گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى[1] ،« ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىدەۋىس جەننەتلىرى بولىدۇ»[2 ]،«ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ قىلىغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتەن يوققا چىقىرىۋېتەلمەيمىز»[3] ، «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى پەرۋەردىگارى، ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋەبىدىن، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇ-نېمەتلىك جەننەتلەرگە يېتەكلەيدۇ»[4]، «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا(يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ[5] دېگەندەك بايانلار بار.

               بۇ يەردىكى «ئىمان ئېيتىش» ئاللاغا بولغان ئېتىقادنى، «ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش» بولسا ئەمگەك ۋە ئىنسان قىلمىشىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنىدا، ئاللاغا بولغان ئېتىقاد ئەمگەكنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۇ ئىنسان قىلمىش ئەمىلىيىتىنى ئاخىرقى مەنزىلگە يېتەكلەيدىغان ماياكتىن ئىبارەت. ئەمگەك بىلەن ياخشى ئەمەللەر ئاللاغا بولغان ئېتىقادنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىسپاتى. ئەمگەككە ئاكتىپ قاتناشقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى تولۇق قىلغان ئادەم ئاللاغا ئەڭ سادىق ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم بارلىق ساۋابقا ۋە ئەڭ ئېسىل مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، دەپ قارالغان.

                ئىسلام دىنى ، تەقۋادار مۇسۇلمان ھەرگىزمۇ ئەمگەك قىلىشنىڭ مەقسىتىنى كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتىگە ئېرىشىش بىلەن ياكى ئۆزىنىڭ بەھرىمان بولۇشى بىلەنلا چەكلىمەسلىكى كېرەك. ئەگەر ئالدىنقىلار كېيىنكىلەر ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشنى خالىمىسا، كېيىنكىلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىگە ئېرىشەلمىسە، دۇنيا دۇنيا بولماي قالىدۇ. ئىنسانلار ئەۋلاد قالدۇرالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىنىڭ ئەمگەك قارىشى بىلەن تارىخى ماتېرىيالىزمنىڭ ئەمگەك (بەخت) قارىشىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەرلىرى بار دېيىشكە بولىدۇ.

                 «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىستىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلىدىغان ۋە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئەمگەك بىلەن باغلانغان بولىدۇ. ئىنسان تاكى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقانغا قەدەر بۇنداق ئەمگەكنى داۋاملاشتۇرىدۇ. چۇنكى، ئىسلام دىنى بۇ دۇنيا بولسا ئۇ دۇنيانىڭ ئېتىزى، رېئال تۇرمۇش بولسا ئۇ دۇنيا ئۈچۈن يول ۋە ئاساس سالىدۇ، كىشىلەر رېئال تۇرمۇشتا تېرىغان ھەممە نەرسىسىنىڭ نەتىجىسىدىن ئۇ دۇنيادا چوقۇم بەھرىمان بولىدۇ، شۇڭا، ئۇلار ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە ئەمگەكنى توختاتماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدۇ. يەنە ئىنسانلارنىڭ رېئال تارىخىنى ئاللا باشقۇرىۋاتقان جەننەت تارىخىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت، رېئال تارىخ جەننەت تارىخىنىڭ بىر قىسمىغا مەنسۇپ، ئىنسانلار جەننەتتىن دۇنياغا چۈشۈرۈۋېتىلگەن، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ جەننەتكە قايتىپ بېرىپ يېڭى ھايات مۇساپىسىنى باشلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.

             «قۇرئان كەرىم» دە يەنە مۇنداق بايانلار بار: بۇ دۇنيا بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى جەھەتتە، بەزىلەر ئازغان، ئۇلار:‹ھاياتلىق پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلدۈرۈلمەيمىز›دەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئالدىدا توختىغان چاغدىكى ئىشنى كۆرسەڭ(غايەت چوڭ ئىشنى كۆرىسەن)…دەيدۇ »[6]. « «قۇرئان كەرىم»دىكى بۇ تەۋسىيىلەرنىڭ ئورامىغا قارىغاندا، قايتا تىرىلمەسلىك تەرەبدارلىرىنىڭ قارىشى پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ، ئۇلار ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ چەك- چېگرىسى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن، دېگەنگە ئوخشاش بىر قاراش ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

             ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ھەقىقەتەن ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشاش، دەپ قارالسا ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ھەممە ئىش تۈگىگەن بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئىسلام دىنى تەكىتلەۋاتقان «ياخشى ئەمەللەر»نى قىلىشنىڭ يەنى رەھىمدىل، ئادىل، ھەقىقەتچىل(ۋىجدانلىق)، سېخىي، مەرد، كەڭ قۇرساقلىق، تۆھپىكار، پىداكار بولۇش ۋە ھاياتنى سۆيۈش دېگەندەك گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتىمۇ بولمايدۇ ھەم جەمئىيەتنى شەخسىيەتچىلىك، ئاچكۈزلۈك، رەزىللىك قاپلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «قۇرئان كەرىم»دە ئازغان بەندىلەرنىڭ خاتالىقى تەنقىد قىلىنغان ھەم مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلغان: ئادەمنىڭ دۇنيادا ياشىشى پەقەتلا ئۆتكۈنچى باسقۇچ، ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئىشلەتكەندىن باشقا يەنە جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى لازىم. ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ئۇ ئالەمدە چوقۇم كۆرىدۇ. ئىنساندا مۇشۇنداق ئېتىقاد بولغاندىلا ئاندىن كىشىنىڭ قەلبى گۈزەل، ئاق كۆڭۈل بولىدۇ. شۇندىلا ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ مەقسىدى ئەڭ ياخشى ئىپادىلىنىدۇ ھەم پۈتكۈل ئىنسانىيەت جەمئىيىتى پاكلىققا تولۇپ، ساغلام ماس قەدەملىك تەرەققىياتقا ئىگە بولىدۇ. مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ تۇرمۇش قارىشى ۋە ئىنساننىي كاممىللىقنى روياپقا چىقىرىدىغان نېگىزلىك نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مەزمۇنلار.

2. كوڭزىچىلارنىڭ ھاياتلىق قارىشى

 

               كوڭزىچىلار ئۆلۈم مەسىلىسىگە تۇتقان پۇزىتسىيىسى ئىسلام دىنىنىڭ قاراشلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار دۇنيادا پەقەت ئۆلمەيدىغان ئۈچ نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ بىر كىشىنىڭ ياخشى پەزىلىتى، جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى، قىلغان سۆزلىرىدۇر. مۇشۇ ئۈچ نەرسرىلا ئۆلمەي ساقلىنىپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ[7]. شۇڭا، قەدىمكى جۇڭگولۇقلار دىنغا ئېتىقاد قىلمايمۇ ئۆلمەي ياشىغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

                قەدىمكى جۇڭگودا ئەڭ بۇرۇن «بەخت»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىر قەدەر ئەتىراپلىق شەرھىلىگەن ئەسەر ئەمىنىيە دەۋرىدە مەيدانغا كېلىپ، كوڭزىچىلار تەرىپىدىن رەتلەنگەن «قەدىمنامە(尚书)»دۇر. «قەدىمنامە. ئۆرنەك»تە: «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، توققۇزى تەل ياشاش، تەن ساق خاتىرىجەم ياشاش، پەزىلەتلىك بولۇش، ياخشىلىقنى ئاخىرغىچە داۋام قىلدۇرۇش» دېگەنلەر «بەش قۇت(五福) دېيىلۇر، دەپ قەيت قىلىنغان[8]. بۇ مەزمۇنلارنى تەتقىقاتچىلار ئەينى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق ۋە بەختنىڭ قىممىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسى، دەپ قارايدۇ.

              قەدىمكى جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىكى «بەش قۇت» ئىچىدە ئادەمنىڭ ئۆمۈرى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا بولۇپ، بۇ بەش ئامىلنىڭ بىرىنچىسى ھېسابلانغان. خەلق ئىچىدىمۇ «بەش قۇتنىڭ باش بۇرنى ئۆمۈردۇر» دەيدىغان قاراشلار بولغان. مەيلى پادىشالار بولسۇن ياكى پەقىر- پۇقرالار بولسۇن قەدىمكى جۇڭگولۇقلار، ئۈزۈن ئۆمۈر كۆرۈش مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ كەلگەن. شۇڭا مىللىي تىبابەتتە، «ئادەمگىيا»، «ئېستېر» دېگەندەك دورىلارنىڭ «مەڭگۈ ياشارتىش» رولى بار، دېگەندەك ئەپسەنە قاراشلار بولغان.

               ئەلۋەتتە، ئادەم ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۆلۈپ كەتمەي ھايات ياشىشى كېرەك، ھاياتلىق بولمىسا بەختتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. قەدىمكى جۇڭگولۇقلاردا، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلمەيدۇ، دەيدىغان قاراش بولغان(بۇددا دىنى جۇڭگوغا تارقىلىپ كىرىشتىن بۇرۇن)لىقتىن ۋە قەدىمكى جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمەت تۈزۈمى ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلغان بولغاچقا، شەخىسنىڭ قىلمىشى بىلەن ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھاياتلىق قەدىر-قىممىتىنىڭ يەنە بىر خىل نامايەندىسىنى، دەپ قاراشقان. يەنى كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئۈمۈت قىلسىمۇ ھايات ھامان چەكلىك بولغاچقا، پەقەت كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى ئاتا ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىغان. شۇڭا، جەمەت نەسلىنى ئۈزۈپ قويۇشنى پۈتۈن جەمەت ئۈچۈن كەچۈرگۈسىز ۋاپاسىزلىق دەپ، بىلگەن. كۆپ بالىلىق بولۇشنى بولسا شەخىسنىڭ ئۆز ئۇرۇق- جەمەتنىڭ شۆھرىتىنى نامايەن قىلىشقا قوشقان تۆھپىسى، دەپ قارالان.

               بۇ قاراشلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كوڭزىچىلارنىڭ ھاياتلىق ۋە بەخت قارىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. ئاۋۋالقى چىن دەۋرىگە كەلگەندە،كوڭزىچىلار «قەدىمنامە»دىكى ھاياتنىڭ قىممىتى ۋە بەخت قارىشى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى باشقىچە ئۇسسۇلدا شەرھلەپ چىققان. ئۇلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن توققۇزى تەل، باياشات ياشاشنى بەختنىڭ تاشقى ئامىلى، ئۇنى تەڭرى ئىنسان تەقدىرگە پۈتىۋەتكەن، ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەت پەزەلەتلىك بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشتىنلا ئىبارەت. بۇنى ئىنسان ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، دەپ قاراشقان. تەرىقەتچىلىك مەزھىبىدىكىلەر بولسا تەبئىيلىكنى ساقلاپ، تەبىئىيلىك بىلەن بىرىكىشىنى ھايات قىممىتىنىڭ نامايەن بولۇشى، دەپ قاراشقان. ئۇلار تۇرمۇشقا پاسسىپ مۇئامىلە قىلىشنى تەرغىب قىلغان ھەم بارلىقاتنىڭ تەبىئىيلىكنى ساقلىشى ئەڭ ئېسىل ھالەت، بىر ئادەمنىڭ بەخىتلىك ياكى بەختسىز بولۇشى، ئۇنىڭ قانچىلىك بايلىققا ئېرىشكەنلىكى، ئىمتىيازىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكى، بىلىمىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ ياكى ئۇنىڭ بارلىق ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلغانلىقى بىلەن ئىپادىلەنمەيدۇ. پەقەت داۋ (بارلىقاتنىڭ ياراتقۇچىسى) بىلەن بىرىكىپ، تەبىئىيلىككە ماسلىشالىغانلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، دەپ قاراشقان. ئۇلار ئەدەپ- يۇسۇن ۋە قانۇن- تۈزۈم دېگەنلەرنى «سۈنئىيلىك، ساختىلىق» دەپ قارىغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، باشقا ئېقىملارنىڭ ئىدىيىسى كوڭزىچىلىق ئېقىمى بىلەن بىرىككىپ كەتكەن. كوڭزىچىلارنىڭ ئىدىيىسى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى ئېقىمىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ۋە بەخىت ھەققىدىكى قاراشلىرى بولسا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئىستەكلىرىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىپ كەلگەن.

               تەتقىقاتچىلار كوڭزىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش قارىشىدا مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بار دەپ قارايدۇ. بىرى، ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن قۇت-ئامەتلەر بىردەكلىككە ئىگە. يەنى كوڭزىچىلارنىڭ تەكىتلەيدىغىنى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ بەخىت ئۈچۈن مۇھىملىقى. ئۇلار، ئادەم پەزىلەتسىز بولسا بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ، ئادەمنىڭ بەختى شەخسنىڭ ياخشىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىدا نامايەن بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇلار، ھاياتنىڭ قىممىتى ياكى بەخت دېگەنلەرنى ئىنسان ئەخلاق- پەزىلىتنىڭ سايىسى، ھاياتنىڭ قىممىتى ۋە تۇمۇشتىكى بەخت دېگەنلەر ئەخلاق- پەزىلەتتىن مۇستەسنا ھالدا ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ، بىر كىشىدە ئېسىل ئەخلاق بولغاندىلا بەخت ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بىرى، كوڭزىچىلارنىڭ ئەخلاق قارىشىنىڭ يادروسى بولغان رەھىمدىللىكتۇر. كوڭزىچىلار نەزىرىدىكى «رەھىمدىللىك»نىڭ ھازىرقى مەنىسى بولسا دوست-دۇشمەنگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئەينى دەۋرلەردە، كوڭزىچىلار ھەر بىر كىشىدىن ئۆز مەنپەئەتى بىلەنلا بولۇپ كەتمەي باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشى، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار، بىر ئادەمنىڭ «ئۆزىنىڭ ئامەتلىرىدىن باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىش» مەۋقەسىگە يېتىشىنى «رەھىمدىللىك»نىڭ نامايەن بولۇشى ياكى مېھرىبانلىق ئارقىلىق بەختنىڭ نامايەن بولۇشى، ھاياتنىڭ ئۆز مەنىسىنى تېپىشى، دەپ قارىغان. ھەربىر كىشىنىڭ پەزىلىتى مۇشۇ مەۋقەگە يېتەلىگەندىلا جاھاندىكى ھەممە ئىنسان بەخىتلىك بولالايدۇ، دەپ قارىغان[9].

              كوڭزىچىلارنىڭ تۇرمۇش پەلىسەپىسىگە ئۇل سالغان ئاساسلىق شەخىسلەر كوڭزى بىلەن مېڭزىدۇر. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش غايىلىرى ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭگۇ ئىدىلوگىيىسىگە تەسىر قىلىپ كەلدى. قەدىمكى جۇڭگودىكىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئەلمىساقتا ياۋ، شۇن(ئەۋلىيا دەپ قارالغان قەبىلە ئاقساقاللىرى) ۋە جۇ ھەزىرەت(جۇ بەگلىكىنىڭ بېگى)لەر ئەدەپ- ئەخلاق ئورناتتى، دايۈ بۇنى مۇكەممەللەشتۈرگەن، كېيىن كوڭزى، مېڭزى ۋە جۇاڭزىلار ئۇنى شەرھىلەپ چىققان دەپ قارالغان «تۇرمۇش غايىسى» دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەخىسنىڭ پەزىلىتىدىكى «رەھىمدىللىك» مەقامىدۇر.

              كوڭزىچىلار رەھىمدىل بولۇپ شەخسىيەتچىلىك قىلماسلىقنى تەرغىب قىلغان. يەنى «ھۆل-يامغۇرغا كۆك خالىس، ياشارتىشقا يەر خالىس، نۇر-ئاپتاپقا كۈن بىلەن ئاي خالىس» بولغاندەك شەخسىيەتچىلىكتىن خالى بولغان قىلمىش ئەندىزىسىنى تەرغىب قىلغان. ئۇلار، شەخىسنىڭ پەزىلەت جەھەتتىن داۋاملىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ تۇرۇشىنى، رەھىمدىل بولۇشنى، ئۆزىنى بىلىشنى، دۇرۇس ياشاشنى، قېتىرقىنىپ ئۈگۈنۈشنى ئاساسلىق شەخسىي پەزىلەت غايىسى قاتارىغا قويغان. «رەھىمدىللىك» پۈتۈن كوڭزىچىلار ئىدىيىسىنىڭ يادروسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئۆزىنىڭ پەزىلىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. رەھىمدىللىك ئاساسلىقى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە نامايەن بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق شەخس ئائىلىنى، ھۆكۈما جەمئىيەت ياكى ئەلنى تۈزەپ، ئىناق ئاسايىش جاھان بەرپا قىلىشتەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالايدۇ، دەپ قارىغان.

              يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك، كوڭزىچىلارنىڭ تۇرمۇش غايىسىدە رەھىمدىللىك ئادەمىيلىكنى بالاغەتكە يەتكۈزۈش ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنى بەخىتكە ئىگە قىلىغان نېگىزلىك نەرسە، دەپ قارالغان بولسىمۇ لېكىن، كوڭزى ئوتتۇرىغا قويغان «رەھىمدىللىك» ئۇقۇمىنىڭ «مۇھاكىمە ۋە بايان» دېگەندەك دەستۇرلاردىكى مەنىسىدىن قارايدىغان بولساق، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇن بەك كەڭ بولۇپ، دەۋر رىياللىقىغا ماس كەلمەيدىغان تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس. ئۇنىڭ رولىنى ھازىرقى دەۋردىكى كوممىىستىك غايە- ئېتىقادلارغا ياكى ئىسلام دىنىدىكى «ئىمان» ئېتىقادىنىڭ رولى بىلەن ئوخشاش ، دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ.

               تەتقىقاتچىلار كوڭزى ئوتتۇرىغا قويغان «رەھىمدىللىك» ئۇقۇمى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆلۈم قاراشىنى ئاساس قىلغان، «رەھىمدىللىكنىڭ دائىرىسىدە ئىنسانلارنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە مەنپەئەتپەرەسلىكى مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت رەھىمدىللىكلا بولىدىكەن ھەممە مەسىلىلەر ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ»دەپ قارايدۇ[10].

              قارايدىغان بولساق، ئەينى ۋاقىتلاردا كوڭزى «رەھىمدىللىك» ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئۆزىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ئەدەپ-يۇسۇن ۋە نەغمە- ناۋا ھەققىدىكى ئىدىيىلەرگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئەدەپ-يۇسۇن، نەزمە ۋە نەغمە- ناۋالارنىڭ رولى ئارقىلىقلا ئىنساننى رەھىمدىل قىلىپ ، ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان.

                ئەمىلىيەتتە، كوڭزى ئوتتۇرىغا قويغان «ئەدەپ-يۇسۇن»نىڭ مەنىسى ھازىرقى دەۋردىكى «مەدەنىيلىك» ئۇقۇمى بىلەن باراۋەر كېلىدۇ. ئەينى ۋاقىتلاردا، «نەزمە ئوقۇش(يېزىش) بىلەن «نەغمە- ناۋا»لار بولسا ئادەمنىڭ مەدەنىيلىكىنى(ئىجتىمائىي تەرەپلىرىنى) نامايەن قىلىدۇ، دەپ قارالغان. «يۇسۇننامە»دە: «‹نەغمە- ناۋا› ئادەملەرنى ئىناق-ئىجىل قىلىدۇ، ‹ئەدەپ- يۇسۇن›لار بولسا جەمائەتنى بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ(«پەزىلەتلىك» ۋە «قىلىقسىز» دەپ)، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرلىكى بولسا ئادەملەرنى يېقىنلاشتۇرىدۇ ھەم كىشىلەرنى ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش ھېسسىياتىغا كەلتۈرىدۇ، نەغمە- ناۋاغا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىپ كەتسە، ئادەمنى بوشاڭ قىلىپ قويىدۇ، ئەدەپ- يۇسۇنلار تولا ئەۋزەيلەنسە، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت سۇسلىشىدۇ. شۇڭا، ئەدەپ- يۇسۇنلار بىلەن نەغمە- ناۋالار نورمال ھېسسىيات ۋە ئەندىزىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەك، بەگلىك ئەدەپ- يۇسۇنلىرى ئاقىل-ئۆلىمالارنىڭ قەدرى(ئاقىل ياكى نادان)نى نامايەن قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، نەغمە-ناۋالارمۇ مەرتىۋىلىك بىلەن مەرتىۋىسىزلەرنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ياخشى- يامانلىق مىزانى بولغاندىلا، ئاقىل بىلەن نادان ئۆزلۈكىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ، نادانلارنى جازالىماسلىق كېرەك، ئۇلارنى ئەدەپ- يۇسۇن، پەرمانلار ئۆزلۈكىدىن ئوڭشايدۇ، ئەلگە مېھرىبان بولغاندا، دۇرۇس ھەققانى يۇرت سورىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەلنى بەختكە ئىگە قىلىشتەك ئىستەكلەر رىئاللىققا ئايلىنىدۇ[11] دەپ قارالغان. بۇلاردىن بىز، كوڭزى ئوتتۇرىغا قويغان «رەھىمدىللىك»نىڭ بىرەر مۇستەھكەم ئېتىقاد ئاساسىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدا يەنە قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىپ قالىمىز. جەمئىيەت ئەدەپ- يۇسۇنلىرىنىڭ كىشىنى ياخشىلىققا باشلاش رولى بار، دېيىشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى بولمىسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ رولى بىلەن ئىنساننىڭ ئۈزۈل- كېسىل رەھىمدىل، مېھرىبان بولۇپ كېتىشى ناتايىن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلار تەكىتلەپ كەلگەن «رەھىمدىللىك»نىڭ قەدىمكى جۇڭگو جەمئىيىتىدە رىئاللىققا ئايلىنىشى تەسكە توختىغان.

               يىغىپ ئېيتقاندا، «تەركىي دۇنيالىق» بىلەن «رېئاللىق» بىر بىرىگە قارىمۇ- قارشىدۇر. قەدىمكى جۇڭگودىكى كوڭزىچىلار كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلە مۇشۇنداق قارىمۇ- قارشىلىقنى بىرلەشتۇرۇش بولۇپ كەلگەن. جۇڭگو مۇتەپەككۇرلىرى تەكىتلەپ كەلگەن كامىل ئىنسان ھېسابلغان «ئەۋلىيا(圣人)»لىق مەقامى مەنىۋى جەھەتتىن ئىسلام دىنىدىكى «پەيغەمبەر»لەرگە ياكى بۇددا دىنىدىكى«بۇددا»غا ئوخشاپ كېتىدۇ. بىراق، ئۇ كەلگۈسىدىكى ياكى ئۆتكەن زاماندىكى ئەۋلىيالىق بولماستىن، بەلكى رېئاللىقتىكى كىشىلىك پەزىلەتنىڭ كامىللىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى «ئەۋلىيالارچە قەلب، شاھلارچە سالاپەتكە ئىگە بولۇش(内圣外王)» دېگەننى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىكى«ئەۋلىيالارچە قەلب» دېگەنلىك ئادەمنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتىدىكى تاكاممۇللىقىغا قارىتىلغان. «شاھلارچە سالاپەت» دېگەنلىك ئىجتىمائىي رولىغا قارىتىلغان. يەنى سىياسىي جەھەتلەردىكى ئۇتۇقلىرى كۆزدە تۇتۇلغان. ئەخلاقىي جەھەتتىن تاكاممۇللاشقان «ئەۋلىيا»نىڭ سىياسىي جەھەتتىن چوقۇم «داھى» بولۇش ئېھتىمالى بار دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىراق، «ئەۋلىيالارچە قەلب، شاھلارچە سالاپەت»كە ئىگە بولغۇچىنى روھىي جەھەتتىن يۈكسەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكۇچى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنى ئۇ «شاھ» بولۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق (ھەقلىق)نامزات دېگەنلىك. جۇڭگو ئەنئەنىسىدە مۇتەپپەككۇرلار باشتىن- ئاخىر تەكىتلەپ كەلگەن ئادەمىيلىك پەزىلەت دەل «ئەۋلىيالارچە قەلب، شاھلارچە سالاپەت» بولغىنى ئۈچۈن، جۇڭگو پەلسەپىسىنىمۇ تەتقىقاتچىلار رىئاللىق پەلىسەپىسى، دەپ قاراپ كەلدى.

              ئىسلام پەلسەپىسىدىكى ئادىمىيلىكنىڭ ئاداققى نىشانىمۇ «شاھلىق سەلتەنىتى» سۈرۈش بولماستىن، بەلكى ئاخىرەتلىك ئوزۇقىنى تەييارلاشتىن ئىبارەت، دەپ ئېيتساق ئارتۇق كەتمەيدۇ. يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردا بايان قىلىنغاندەك، ئىسلام پەلسەپىسىمۇ ئوخشاشلا قىيامەت كۈنىڭ ئۇزۇقلۇقىنى(ياخشىلىق- خەيرلىك ساۋابلىق ئىشلارنى) بۇ دۇنيادا تەييار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلام پەلسەپىسىدىكى بۇ تەرەپلەرمۇ ئوخشاشلا رېئاللىق بىلەن «غايە (پانى ئالەم)»نى بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

              ئىزاھاتلار:

    [1]مۇھەممەدسالىھ تەرجىمە قىلغان: «قۇرئان كەرىم»، 18-سۈرە كەھف، 3-ئايەت.

    [2] مۇھەممەدسالىھ تەرجىمە قىلغان: «قۇرئان كەرىم»، 18-سۈرە كەھف، 107-ئايەت.

    [3] مۇھەممەدسالىھ تەرجىمە قىلغان  : «قۇرئان كەرىم»، 18-سۈرە كەھف، 30-ئايەت.

    [4] مۇھەممەدسالىھ تەرجىمە قىلغان:  «قۇرئان كەرىم»، 10-سۈرە يۇنۇس  ، 9 -ئايەت.

    [5] مۇھەممەدسالىھ تەرجىمە قىلغان :  «قۇرئان كەرىم»، 13-سۈرە رەئد، 29 – ئايەت.

    [6] مۇھەممەدسالىھ تەرجىمە قىلغان: «قۇرئان كەرىم»، 6-سۈرە ئەنئام 29-، 30-ئايەتلەر.

    [7] (ئەمىنىيەت دەۋرى) «زوچىمىڭ تەپسىرىسى»، شەنشى ساياھەت نەشىرىياتى، 2003 -يىل1-ئاي نەشىرى، 120 -بەت.

    [8] لو چىڭيۇن قاتارلىقلار تەپسىرىلىگەن«قەدىمنامە»، شۇخەي نەشىرىياتى، 2001-يىل9-ئاي نەشىرى، 107-بەت.

    [9] سۇن چۇنچېن: «جۇڭگولۇقلارنىڭ بەخت قارىشىنىڭ تەرەققىياتى»، «جۇڭگو كومپارتىيىسى ئاخبارات تورى» 2009 -يىل1-ئاينىڭ19-كۈنى، مەنبەسى، «سىياسىي خىزمەت تەتقىقات ئەھۋالى».

    [10] چىيەن مۇ:«روھ ۋە قەلب»، گۇاڭشى پىداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى ، 2004-يىل 11-ئاي نەشىرى، 17-بەت.
 [11]   لىن تۇتاڭ: جۇڭگو مۇتەپپەككۇرلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»، جۇڭگو رادېئو-تېلىۋىزىيە نەشىرىياتى، 1991-يىل2- ئاي  نەشرى،167-بەت.

                 ئاپتۇرنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەلسەپە تەتقىقات ئورنى

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئىسلام دىنى بىلەن كوڭزىچىلارنىڭ ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مىللەت - دىن
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: