ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> شىمالىي مۇز ئوكياننى تالىشىش ئەۋجىگە چىقتى

شىمالىي مۇز ئوكياننى تالىشىش ئەۋجىگە چىقتى

2011-09-08 8:34     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: شىمالىي مۇز ئوكيان ئاسىيا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە تۇتىشىدىغان ئەڭ قىسقا يايسىمان دېڭىز قاتنىشى لىنيەسىگە ئىگە بۇلۇپ، شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى مۇزل....

شىمالىي مۇز ئوكيان ئاسىيا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە تۇتىشىدىغان ئەڭ قىسقا يايسىمان دېڭىز قاتنىشى لىنيەسىگە ئىگە بۇلۇپ، شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز  ئېرىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى دېڭىز يولى تەدىرىجى كېڭىيىپ، ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىھتىماللىقى زورايدى. سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي قۇتۇپ رايۇنىدىكى نېفىت زاپىسى 100 مىليۇن توننا بۇلۇپ، ئېنىقلانمىغان تەبىئى گاز زاپىسى پۈتۈن يەر شارى تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ ئۈچتەن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىمالىي مۇز ئوكيان قىرغىقىدىكى دۆلەتلەر بەس – بەستە ھەركەتكە كەلدى. 8- ئاينىڭ 22- كۈنى دانىيە ئۆزىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ ئىستىراتىگىيىسىنى ئېلان قىلىپ، 2014- يىلى 12- ئايدىن ئىلگىرى ب د ت غا ماتېرىك سۇپىسىنى 200 دېڭىز مىلى ئۇزارتىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان جاكارلىدى. 23- كۈنى كانادا زوڭلىسى خاپو يەنە بىر قېتىم شىمالىي قۇتۇپ رايۇنىنى كۆزدىن كۆچۈردى. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى – خەلقئارا جەمىيەتكە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت.

«شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى» ھەربىي مانېۋىرى

ئېلىپ بېرىلماقتا

20- كۈنى كانادانىڭ بىر خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ئايرۇپىلانى شىمالىي قۇتۇپ رايۇنىدىكى رېسولۇت بوغۇزىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، خاپو زىيارەت مۇساپىسىنى قىسقارتتى. كانادا ھۆكۈمىتى مۇھىم نۇقتىنى ئۇ يەردىكى پورت قۇرۇلىشى، يول باشلاش ئەسلىھەلىرى ۋە دېڭىز – ھاۋا قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرلىشىغا قاراتتى.

شۇ چاغدا «شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى» نامىلىق ھەربىي مانىۋېرمۇ شىمالىي قۇتۇپ رايۇنىدا ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى. مانېۋىرغا جەمئى 1100 ئادەم قاتناشقان بۇلۇپ، كانادا ھاۋا ئارمىيەسى تىرانسپورت ئايرۇپىلانى، رازۋېتكا ئايرۇپىلانى ۋە CF-20 «چوڭ سېرىق ھەرە» ناملىق كۆرەشچى ئايروپىلاننى ئىشقا سالغاندىن باشقا، يەنە شىمالىي قۇتۇپ رايۇنىدا تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلاننى نامايەن قىلدى.

شىمالىي قۇتۇپنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە، روسىيە ئەڭ بۇرۇن «قول سالغان» بۇلۇپ، 2008- يىلى 8- ئايدا روسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك يىغىنى روسىيەنىڭ 2020- يىلىدىن ئىلگىرىكى شىمالىي قۇتۇپقا ئالاقىدار دۆلەت سىياسىتىنى ماقۇللىغان. بۇ يىل 8- ئاينىڭ باشلىرىدا روسىيە خەۋپسىزلىك يىغىنى ئەزالىرى سىبىرىيەنىڭ غەرىبىي قىسىمىدىكى شىمالىي مۇز ئوكيانغا يېقىن نېنېتىس ئاپتونۇم رايۇنىغا يىغىلىپ، شىمالىي قۇتۇپ مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن ئاچتى.

روسىيە يەنە 2015- يىلىدىن ئىلگىرى تاشيول قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ، سان – پېتىربورگدىن باشلىنىپ، پېتروزاۋودسىك، مورمانىسكى، پىچنېگادىن ئۆتۈپ، نورۋىگىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان جايغىچە بارىدىغان تاش يولنى خەلقئارا ئۆلچەمگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان تاشيول تورى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى پىلانلىدى.

جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ روسىيە مەسىلىسى مۇتىخەسىسى جياڭ يى مۇخبىرغا ماۋۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى يىل ئىلگىرى روسىيە لومونوسوۋ دېڭىز قىرغىقىنىڭ سىبىرىيە ماتېرىك سۇپىسىنىڭ تەبىئىي داۋامى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ب د ت نىڭ تەستىقىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. بۇ قېتىم ب د ت نىڭ تەستىقىغا ئېرىشىش ئىھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن.

ئامېرىكا «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» كوزۇرىنى

كۆتۈرۈپ چىقتى

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ يادىرو ئېنىرگىيەسى ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان ئىككى سۇ ئاستى پاراخودى يېقىندا شىمالىي مۇز ئوكياندا مۇز ئۈستى مانىۋېرىنى تاماملىغان. ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ مەقسىتى – دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايۇنىدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت دېگەن.

ئامېرىكا ئۆزىنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى مەنپەئەتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۈلۈپ كەلدى. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ 2010- يىللىق دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىراتىگىيەسىدە ئامېرىكا «شىمالىي قۇتۇپ رايۇنىدا كەڭ ۋە مۇھىم مەنپەئەتكە ئىگە شىمالىي قۇتۇپ دۆلىتى» دىيىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى: نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايۇنىدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ھازىردىن 2030- يىلغىچە بولغان مۇداپىيە ئىھتىياجىنى قامدىيالايدۇ دىدى.

شىمالىي قۇتۇپقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا ھەم ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىق، ھەم ئىستىراتىگىيىلىك تالاش – تارتىش بار. يەنە بىر جەھەتتىن كانادا ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تېنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان غەربىي شىمال دېڭىز قاتنىشى يولىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالاقىدار دۆلەتلەر بۇ يولنى ئىشلەتكەندە چوقۇم كانادا تەرەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى. ئامېرىكا بولسا بۇ يەر ئېچىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر سۇ ساھىلى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي پاراخۇتلىرى تەبىئىي ھالدىلا بۇ يەردە مېڭىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ قارايدۇ.

چوڭ شىمالىي قۇتۇپتا «كىچىك چەمبىرەك»

بولماسلىقى كېرەك

روسىيەنىڭ «خەلقئارا تۇرمۇش» ژورنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا «شىمالىي قۇتۇپنى چۆرىدىگەن سوغۇق ئۇرۇش» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا شىمالىي مۇز ئوكيان قىرغىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي قۇتۇپنى ئېمكانىيىتى يار بەرگەن دەرىجىدە كىچىك بۆلەلكلەرگە بۆلمەكچى بولۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ كەڭ دائىرىدە مۇنازىرە قىلىشقۇسى يوقلۇقى ئاشكارلاندى. بۇ يىل 5- ئايدا شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىنىڭ 7- نۆۋەتلىك دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئېلان قىلغان «نوك باياناتى» دا باشقا دۆلەتلەر شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنڭ شىمالىي قۇتۇپقا بولغان ئېگىدارلىق ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغاندىلا، ئاندىن بۇ كېڭەشنىڭ كۈزەتكۈچىسىگە ئايلىنالايدۇ دەپ ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيۇلدى.

بۇ يىل 7- ئاينىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا پارلامېنتنىڭ تەتقىقاتچىسى يازغان «شىمالىي قۇتۇپ رايۇنىدىكى ئۆزگىرىشلەر» ناملىق دوكلاتتا مۇنداق دىيىلدى: 21- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا شىمالى قۇتۇپتا مۇزسىز ياز پەسلى كۆرۈلىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بايلىق ۋە دېڭىز قاتنىشى قاتارلىقلارنى تالىشىشى تېخىمۇ ئەۋجگە چىقىدۇ. شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر دوكلاتىدا مۇنداق قارالدى: شىمالىي قۇتۇپ رايۇنىنىڭ كەلگۈسىدە بەزى دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك ھوقۇقى جاكارلايدىغان، خەلقئارا جەمىيەت كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغان ئالاھىيدىلىك گەۋدىلىنىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter