ئالىم بىز بلوگى

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى ئىستراتېگىيەلىك رەقىپ دىيىشكە بولامدۇ؟

     ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، شەرقىي ئاسىيا مۇقىم بولامدۇ-بولمامدۇ، دېگەن مەسىلە توغرىسىدىكى مۇزاكىرە توختىمىدى. ئامېرىكا: بىزنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى مەۋجۇتلىقىمىز رايون مۇقىملىقىغا پايدىلىق دەۋاتىدۇ. پاكىت راستىنلا شۇنداقمۇ؟ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇنداق ئۈچ نۇقتىسى بار: يەنى ئۇ ئىقتىسادىي گۈللىنىش ، رايون مۇقىملىقى ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت. مەلۇم دەرىجىدىن ئالغاندا، ئامېرىكا شەرقىي ئاسىيانى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە سۇبيېكتىپ ئارزۇ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە ، بۇ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى.

     لېكىن، تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، شەرقىي ئاسىيادا كۆپ تەرەپلىك بىخەتەرلىك مېخانىزمى ئورنىتىلسا ئاندىن ئۇنىڭ ئەبەدىي مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھازىر ئامېرىكىنى ئاساس قىلغان ئىتتىپاقداشلىق تۈزۈلمىسى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرگە ئەمەس، بەلكى قىسمەن دۆلەتلەرگىلا پايدىلىق بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئۇزاق داۋاملىشالمايدۇ. گەرچە، قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ، شەرقىي ئاسىيا كۆپ تەرەپلىك بىخەتەرلىك مېخانىزمى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولماقتا. ئەگەر شەرقىي ئاسىيا ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىك بىخەتەرلىك مېخانىزمىغا ئىگە بولالىسا، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئۆزگىرىدۇ. ئامېرىكا بۇ يەردىن كېتىش يولىنى تاللىشى ياكى كۆپ تەرەپلىك بىخەتەرلىك مېخانىزمىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇلار بىزدىن تېخى ناھايىتى يىراقتىكى ئىش. گەرچە شۇنداق بىر كۈن كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىنىڭ قېلىشى ياكى كېتىشىنى ئۇلار ئۆزى بەلگىلەيدۇ، باشقىلار مەجبۇرلىيالمايدۇ.

     شۇڭا، ئامېرىكا شەرقىي ئاسىيادىكى مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ ئوخشىمىغان ۋەزىيەت پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، ئۆزى مۇۋاپىق تاپسا ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىدۇ، ئىتتىپاقداشلىقنى چىڭىتىدۇ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ ياكى رايون كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىماقچى بولىدۇ.

     لېكىن ئامېرىكا بۇ رايوندا نېمە قىلىمەن دېسە قىلالمايدۇ. مەلۇم بىرەر – ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلمايدۇ، چۈنكى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتىگە تاقاشقاندا ئاندىن قورال كۈچى ئىشلىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا شەرقىي ئاسىيادىكى بەزى تالاش-تارتىشقا ئارىلىشىشىنى خالىسىمۇ بەك چوڭقۇر ئارىلىشالمايدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ بىۋاستە مەنپەئەتىگە تاقالغاندا، ئالدىدا بىرقانچە يول بولسىلا، تەۋەككۈلچىلىك يولىنى ھەرگىز تاللىمايدۇ. بەزى دۆلەتلەر ئامېرىكا بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن ئۇرۇشسا بولاتتى دېگەن ئۈمىدتە يۈرۈيدۇ، بۇ نادانلىق بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئۇرۇش قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى بىلەن بىر يەردىن چىقىپ قالغاندا شۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئوخشاش ئۇرۇش قوزغايدۇ. ئامېرىكا بەزى دۆلەتلەرنىڭ باش-باشتاقلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى ياكى كېسىم چىقارغۇچىغا خاس رول ئوينايدۇ.

     ئىستىراتېگىيە جەھەتتە كىشىلەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىگە رەقىپ، شەرقىي ئاسىيا كەلگۈسىدىكى جەڭ مەيدانى بولىدۇ، سوغۇق ئۇرۇشتىن ساقلانماق تەس، دېيىشىدۇ. بۇنداق نۇقتىئىينەزەردىكىلەر مۇنداق بىر رېئاللىققا سەل قارىغان:

     بىرىنچىدىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا رېئاللىقتىكى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان ئىستىراتېگيەلىك تالاش-تارتىش شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. ئىستىراتېگىيەلىك تالاش-تارتىش دېگەن سۆز پەقەت بەزى دۆلەتلەرنىڭ قىياسىدىكى ئۇقۇمدىنلار ئىبارەت، ئەلۋەتتە ،بۇ ئۇقۇمنى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلىرى ياقتۇرىدۇ.

     ئىككىنچىدىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگيەلىك رىقابەتتىن ھەر ئىككى دۆلەت مەنپەئەت ئالالمايدۇ، ئېھتىمال باشقا بىر دۆلەت بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىپ كېتىشى، بەزى تىزگىنسىز دۆلەت ياكى كۈچلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ باش كۆتۈرۈپ قېلىشى مۇمكىن. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇقىملىق رايون ۋە دۇنيا مىقياسىدا چۇڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئەنە شۇ يەردە، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىشىش ئېھتىماللىقى ئازىيىۋاتقان ئەھۋالدا، كۆپلىگەن توقۇنۇش چوڭ دۆلەت بىلەن كىچىك دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىپ كەلمىگەن توقۇنۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شەرقىي ئاسىيادا بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان توقۇنۇش ياكى قىزىق نۇقتا ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئىككى چوڭ دۆلەت تەڭ سەۋەبچى بولالمايدۇ، بۇ پەقەت چوڭ دۆلەت بىلەن كىچك دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تىزگىندىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە يۈز بېرىدۇ، چوڭ دۆلەتلەر تەمكىن بولۇپ ئۆزىنى تۇتۇۋالسىلا رايون ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم تۇرىدۇ.

      ئۈچىنچىدىن، بەزى دۆلەتلەر ئامېرىكا ئاسىياغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ دەپ قاراپ، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلايدىغان يېڭى سىياسەت تۈزۈپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر ئىستىراتېگىيەلىك خاتا ھۆكۈم. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان شۇنچە كۆپ ئىستىراتېگىيەلىك سۆھبەت قۇرۇق شەكىل ئەمەس، بۇلار ئىستىراتېگىيەلىك خاتا ھۆكۈمنى ئازايتىشقا ھەقىقەتەن پايدىلىق.

     تۆتىنچىدىن ،جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ .

     يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئاساسى ناھايىتى پۇختا بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ پۇختا بولىدۇ، ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، بۇنى مەلۇم ئادەمنىڭ ئىرادىسى ياكى مەلۇم كۈچ گۇرۇھى بەلگىلىيەلمەيدۇ.

 

     ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

     بۇ ئەسەر تەڭرىتاغ تورىدىن كۆچۈرۈپ يوللاندى. ئەگەر بۇ ئەسەرنى يۆتكەپ ئىشلەتمەكچى ياكى باشقا تور بەتلەردە چاپلاپ ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز، تەڭرىتاغ تورىنىڭ تۆۋەندىكى ساداسىغا قۇلاق سالغايسىز!

     بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە ، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

    زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ

    ئالاقىلىشىش تېلېفونى :  8521981–0991

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى ئىستراتېگىيەلىك رەقىپ دىيىشكە بولامدۇ؟

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-07-04
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: